باقىيېۋ، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بىلەن بولغان كۈرەشتە غەلىبەقىلدى

2006-02-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستان پارلامېنت رەئىسى ئۆمۈربەگ تەكەبايېۋ، پرېزىدېنت قۇرمانبەگ باقىيېۋ بىلەن بولغان تالاش - تارتىشتىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قىرغىزىستاندا پارلامېنت باشلىقى بىلەن پرېزىدېنت ئارىسىدىكى تىركىشىش باقىيېۋنىڭ 3 - فېۋرال كۈنى قىرغىزىستان پارلامېنتىدا، ئۆمۈربەگ تەكەبايېۋ ۋە قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزالىرىنى " قورچاقلار، ياغاچ قورچاق ئويۇنچىلىرى " دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن جىددىيلىشىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ باقىيېۋ تەكەبايېۋنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ھوقۇقنى ماناپول قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ، " دۆلەتنى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى سېستىمىغا ئۆزگەرتسە، نېمىلەر يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلاش كىشىنى چۆچىتىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەمما قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرى پرېزىدېنتنىڭ تەنقىدىنى توغرا تاپمىغان. تەكەبايېۋ، باقىيېۋنىڭ تەنقىدىگە شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ، پرېزىدېنت باقىيېۋ ، ئاقايېۋ سادىر قىلغان خاتالىقلارنى تەكرارلاۋاتىدۇ، دەپ ھۇجۇم قىلغان. ئۇ، پرېزىدېنتنى ئوغرىلىق ۋە خىيانەتچىلىكنى كېڭەيتىۋېتىش، پارلامېنت چىقارغان قانۇنلارنى ئاقسىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن. تەكەبايېۋ بىلەن بىرگە پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى بولات شېرنىيازوۋ، ئەركىن ئالىمبېكوۋلار ئىستىپا بەردى.

3 ‏- فېۋرالدىكى ۋەقە 9 ‏- فېۋرال كۈنى چاقىرىلىدىغان قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا تەسىر قىلغان. باقىيېۋ ئەگەر يىغىنغا تەكەبايېۋ قاتناشسا، ئۆزىنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما تەكەبايېۋ باقىيېۋنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغان. يىغىندا تەكەبايېۋ بىلەن پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئۇسەن سىدىقوۋ تىركىشىپ قالغان ئىدى. تەكەبايېۋ، 2005 - يىلى باھاردا يۈز بەرگەن بېشكەك ئىنقىلابىدامۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت