قىرغىزىستان پارلامېنتى تەكەبايېۋنىڭ ئىستىپاسىنى رەت قىلدى

2006-02-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستان پارلامېنتى دۈشەنبە كۈنى بىلەت تاشلاپ، ئىنتايىن ئاز ئۈستۈنلۈك بىلەن پارلامېنت رەئىسى تەكەبايېۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىدى. تەكەبايېۋ، بۇ ئاينىڭ باشلىرى قىرغىزىستان پارلامېنتىدا پرېزىدېنت قۇرمانبەگ باقىيېۋ بىلەن تالاش تارتىش قىلىپ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنى " بوغۇلۇپ ئۆلۈۋال " دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن، تەرەپلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

دۈشەنبە كۈنكى بىلەت تاشلاشتا پارلامېنتتىكى 75 ئەزانىڭ 34 نەپىرى تەكەبايېۋنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلدى، 24 نەپىرى قارشى تۇردى. بۇنىڭ بىلەن تەكەبايېۋنىڭ ئىستىپاسىنى قوللاپ بىلەت تاشلىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنى بويىچە ھەر قانداق قارار 75 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئاز دېگەندە 38 نەپىرى قوللاپ بىلەت تاشلىغاندىلا ئاندىن ماقۇللانغان بولىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بىلەت تاشلاش نەتىجىسى پارلامېنتنىڭ بىر تەرەپتىن تەكەبايېۋنى قوللىغانلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى تەنقىد قىلىش بىشارىتىنى ئىپادىلەيدىكەن. ئومۇربەگ تەكەبايېۋ، پرېزىدېنت قۇرمانبەگ باقىيېۋنى " پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەنقىدى ئالدىدا پرېزىدېنت ئەركەك بولسا ئۆزىنى ئېسىۋالغان بولاتتى " دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن، 10 - فېۋرال كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.

تەكەبايېۋ، دۈشەنبە كۈنى بىلەت تاشلاش ئالدىدا، " ھازىرقى ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن ئىستىپا بەردىم،" دېدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، باقىيېۋنىڭ ئىشخانىسى پارلامېنتنىڭ قارارىغا ئاۋاز بېرىشنى رەت قىلغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت