قىرغىزىستاندا تۇڭگانلار بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

2006-02-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك ئەتراپىدىكى بىر يېزىدا يەكشەنبە كۈنى قىرغىزلار بىلەن تۇڭگانلار ئارىسىدا مىللىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ قىرغىزىستان ساقچى دائىرىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، توقۇنۇشقا ئىككى قىرغىز ياشنىڭ تۇڭگانلار تەرىپىدىن تاياق يېيىشى سەۋەب بولغان.

بېشكەك دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا قىرغىزىستان بويىچە تۇڭگانلارنىڭ نوپۇسى 70 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى 1976 - يىللىرى ياقۇپبەگنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن مانجۇلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قېچىپ قىرغىزىستانغا قېچىپ بارغان. ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىمى 1880 - يىللىرى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىدىن قاچقان تۇڭگانلار ئىدى.

يەكشەنبە كۈنكى توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان. بىراق قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئايىدە باقىروۋانىڭ ئەسكەرتىشىچە، يارىدارلار داۋالىنىشنى رەت قىلغانلىقتىن زادى قانچىلىك كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىگىلىگىلى بولمىغان. شىمالىي قىرغىزىستاننىڭ ئىشقىرا يېزىسىدىكى قىرغىزلار دۈشەنبە كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بېشكەك دائىرىلىرىدىن بۇ يەردىكى تۇڭگانلارنى يۆتكەپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. ئايىدە باقىروۋا، توقۇنۇشقا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ سانىنى ئېلان قىلمىدى. ئەمما قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرى بۇ ساننىڭ 300 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ساقچىلار بېشكەكنىڭ 70 كىلومېتىر شەرقىغە توغرا كېلىدىغان ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندا ئاممىۋى تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا.

قىرغىزىستاندا 1990 - يىللىرى يۈز بەرگەن ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇش، زور كۆلەمدىكى ئۆلۈم - يىتىم ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت