خىتاي، تۈركمەنىستان بىلەن تەبئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ نىڭ تۈركمەنىستان زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر تەبىئي گاز كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىم، تۈركمەنىستاننىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىشىنى پىلانلىغان يىللىق تەبئىي گاز مىقدارىنى 40 مىليارد مېتىر كۆپكە چىقىرىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 تۈركمەنىستاننىڭ خىتايغا قاراتقان تەبىئي گاز ئېكسپورتى 2009 يىلىنىڭ ئاخىرلىرى يەنى تۈركمەنىستاندىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئۇزارغان تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشى بىلەن باشلايدىغان بولۇپ، بۇ تەبىئي گاز تۇرۇبا يولى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتىشىدىكەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشىقئاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، تەبىئي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرى، تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئي گازىنى دۇنيا بازىرىغا چىقىرىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى رۇسىيە، تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستان كەسپى دېڭىزىدا بىر تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى ياساش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تۈركمەنىستاننى تەبئىي گازىنى ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىدىغان بىر تۇرۇبا يولى ياساش مەسىلسىدە قايىل قىلىش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت