تۈركىيە ئارمىيىسى، كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ بازىلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلدى

2007-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە ئارمىيىسى، شەنبە كۈنى، يەنە كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى پارتىزانلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىدىكى ھەربىي بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى. بۇ تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە كۇرد پارتىزانلىرىنىڭ بازىلىرىنى ئۈچۈنچى قېتىم بومباردىمان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى بومباردىمانىدا ئاساسەن، كۇرد پارتىزانلارنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان ئامادىيە ناھىيىسىدىكى بازىلىرى نىشان قىلىنغان.

تۈركىيە شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن، تېررورچى تەشكىلات دەپ ئاتالغان " كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى" 1984‏- يىلىدىن بېرى، تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىدا مۇستەقىل بىر كۇرد دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن قانلىق بىر پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە، 37000 كىشى ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئاساسلىق قىسىمى، كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان، كۇردلاردۇر.

تۈركىيە، كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىنى ھەربىي جەھەتتىن ئاساسەن مەغلۇپ قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئوجالاننى تۇتۇپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىشى، ۋە ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىدا يېرىم مۇستەقىل بىر كۇرد ھاكىمىيىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىگە پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت