پەخىردىن خېلىل: «40 يىللىق ئاشقازان كېسىلىمەن، لېكىن ۋىرۇس يۇقۇمدارى ئەمەسلىكىمگە ئىشىنىمەن»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
99 نەپەر ۋۇخەنلىك كارانتىن قىلىنغان ئاتۇشتىكى ياشىڭ مېھمانخانىسى.
99 نەپەر ۋۇخەنلىك كارانتىن قىلىنغان ئاتۇشتىكى ياشىڭ مېھمانخانىسى.
Photo: RFA

بۈگۈن مۇخبىرىمىز غۇلجا ناھىيەلىك جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزى تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن نۆۋەتتە غۇلجا شەھىرىدە كارانتىن ئاستىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پېنسىيونېر پەخىردىن خېلىل ئاكا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇ سۆھبەت داۋامىدا ئۆزىنىڭ 40 يىللىق ئاشقازان كېسىلى ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۆزى ھەققىدىكى «ۋىرۇس يۇقۇمدارى» دېگەن دىياگنوز ياكى گۇماننىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە ساپ-ساغلام ئىكەنلىكى ۋە ئۆپكە كېسىلىگە ئائىت ئۆزىدە ھىېچقانداق ئالامەت يوقلۇقىنى بايان قىلغان پەخىردىن ئاكا ئوغلى ئابدۇسەلىم ئۈستىدىكى يۇقۇم گۇمانىنىڭمۇ ئاساسسىزلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ گەپلىرى ئارىسىدا سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ۋەزىيەت جىددىيچىلىكى سەۋەبىدىن ئالاقىزادىلىك بىلەن ئۆزلىرىگە خاتا دىياگنوز قويغان ياكى خاتا گۇماندا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىشارەتلىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت