ئۈرۈمچى دائىرىلىرى چەتئەللەردە تۇرۇپ خىتايدىن پېنسىيە مائاشى ئېلىۋاتقانلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
فىرانسۇز تىلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە باياناتلار بېرىپ، ئانىسىنى گۈلباھار خانىم(سولدىن ئىككىنچى)نى لاگېردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان گۈلخۇمار خاتىۋاجى(سولدا) دادىسى ئابدۇكېرىم ۋە سىڭلىسى بىلەن.
فىرانسۇز تىلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە باياناتلار بېرىپ، ئانىسىنى گۈلباھار خانىم(سولدىن ئىككىنچى)نى لاگېردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان گۈلخۇمار خاتىۋاجى(سولدا) دادىسى ئابدۇكېرىم ۋە سىڭلىسى بىلەن.
Gülxumar teminligen

ئۈرۈمچى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تورىدا تارقىتىلغان جىددىي ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، دائىرىلەرنىڭ ئىككى ئاي داۋام قىلغان دەم ئېلىشقا چىققان خادىملارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى 31-ئىيۇلدا ئاخىرلاشقان. ئۇقتۇرۇشتا مۆھلەت ئىچىدە تېگىشلىك رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىمىگەن چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقان پېنسىيونېۋرلارنىڭ مائاشىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بۇ چەتئەللەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مەنپەئەت باغلىنىشى ئۈزۈلمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورىدا 25-ئىيۇل تارقىتىلغان جىددىي ئۇقتۇرۇش، «ئۈرۈمچىدىكى دەم ئېلىشقا چىققان خادىملار دىققەت! ھۆكۈمەتنىڭ پېنسىيونېرلارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى ئۈچۈن ئۇچۇرىنى بەرمىگەنلەر، بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پېنسىيە مائاشىنىڭ تارقىتىلىشىغا تەسىر قىلىدۇ» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن باشلانغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى، بۇ يىل 1-ئىيۇندىن تارتىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتلىرىدا بىر تۇتاش باشلانغان بولۇپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتى 7-ئاينىڭ 31-غىچە قىلىپ بېكىتىلگەن ئىكەن.

دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى يەنە چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان پېنسىيونېرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا چەتئەللەرگە كۆچۈپ چىقىپ ياشاۋاتقان پېنسىيونېرلارنىڭ بېكىتىلگەن مۆھلەت ئىچىدە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشمىغانلىرىنىڭ پېنسىيە مائاشىنىڭ كېيىنكى ئايدىن باشلاپ توختىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت تورلىرىدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 12-بەش يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭ روھىغا ئاساسەن، «ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش» نى مەخسۇس چوڭ خىزمەتلەر قاتارىدا بېكىتكەنلىكى ۋە 2012-يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ خىل خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. مەتبۇئات ئۇچۇرلىرى ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2016-يىلى-1 ئاينىڭ-1 كۈنىدىن باشلاپ بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسى بويىچە نوپۇس تەكشۈرۈش، تىزىملاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇچۇرلارنى رەتلەپ، باھالاپ ئىستاتېستىكا قىلغان ۋە ھازىر ھەتتا يۈز تونۇش تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىستېمىلاشقان ئۇچۇر ئامبىرى قۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم مۇھاجىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە كېتىپ ياشاۋاتقان كىشىلەرگە قارىتىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەكشۈرۈش ھەتتا نازارەت ھەرىكەتلىرىنى لاگېرلارنى قۇرغاندىن بۇيان يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەن بولۇپ، 2017-ۋە-2018 يىللىرى، چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن پېنسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ قايتىپ كېلىپ پېنسىيە رەسمىيەتلىرىنى تولۇقلاپ ئۆتۈشىگە دائىر ئۇقتۇرۇشلارنىمۇ تارقاتقان. لېكىن، شۇ سەۋەبلىك چەتئەللەردىن ئۇيغۇر دىيارىغا قايتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ كەتكەنچە پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغانلىقىمۇ پاش بولغانىدى.

فىرانسىيەدە يولدىشى ۋە ئىككى قىزى بىلەن ياشاۋاتقان گۈلباھار خانىم 2016-يىلى 11-ئايدا پېنسىيە مائاشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بېجىرىش ئۈچۈن، قارىمايغا قايتقىنىچە قايتىپ كەلمىگەن. گۈلباھار خانىمنىڭ قولىدىكى خىتاي پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئۇ لاگېرغا قامالغان. بۇ ۋەقە ئۇنىڭ چوڭ قىزى گۈلخۇمارنىڭ ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشى بىلەن پاش قىلىنغانىدى.

خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىپ كەتكەن پېنسىيونېرلارغا مەلۇم مۆھلەت ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلمىغاندا، پېنسىيە مائاشىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. چۈنكى، ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەرگە چىقىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتايدىن پېنسىيە پۇلى ئېلىۋاتقانلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ: «ئەگەر ئۇيغۇرلار مىليونلاپ لاگېرلارغا قامالغان، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تامامەن چېگرا ئايرىشقا توغرا كەلگەن مۇشۇنداق بىر جىددىي ۋەزىيەتتە يەنىلا شەخسىي مەنپەئەتلىرىدىن كېچەلمەي ئازغىنە پېنسىيە مائاشى ياكى باشقا ئىقتىسادىي مەنپەئەتى سەۋەبلىك خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىمەسلىك بەكمۇ ئېچىنىشلىق شۇنداقلا بۇ مىللىتىگە قىلىنغان خىيانەت دەپ قارايمەن» دېدى.

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى، چەتئەللەردە تۇرۇپ ھازىرغىچە خىتايدىن پېنسىيە مائاشى ئېلىۋاتقان ۋە خىتايدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن يىراق تۇرۇپ كەلگەنلىكى تەكىتلىدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ لاگېرلار مەسىلىسى پارتلىغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا پېنسىيە مائاشىدىن كېچەلمەي ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ لاگېرغا قامالغان ئائىلە ئەزالىرىغىمۇ ئىگە چىقالماي سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئويغىنىشىغا سەۋەب بولسا، بۇنى ياخشى بۇرۇلۇش دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان پېنسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پېنسىيە مائاشىنى مەلۇم شەرتلەر بىلەن بېرىدۇ. ئەگەر چەتئەللەرگە چىقىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە، سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇپمۇ يەنىلا خىتايدىن مەنپەئەتلىنىۋاتقان بولسا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ بۆلۈنۈش ۋە ئىختىلاپلار پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئىلشات ئەپەندى يەنە خىتاي بەزى ئۇيغۇرلارغا پۇل بېرىپ ياكى يول بېرىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى دۇنياغا ئاقلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ بۇلارنى قوللىنىش ئېھتىمالىمۇ بار دەپ قارايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت