پومپېيو: خىتاينىڭ كۈلكىلىك تەشۋىقاتى ھېچكىمنى ئالدىيالمايدۇ

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى. 2020-يىلى 11-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى. 2020-يىلى 11-مارت، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

خىتاينىڭ جورج فلويدنىڭ ئۆلۈمىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئامېرىكاغا قارىشى باشلىغان تەتۈر تەشۋىقاتى داۋام قىلىۋاتقان پەيتلەردە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىنى «كۈلكىلىك»، دەپ ئاتىدى ۋە ئۇنىڭ «ھېچكىمنى ئالدىيالمايدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ جور فلويدنىڭ تراگېدىيەلىك ئۆلۈمىنى قارا نىيەتلىك بىلەن سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نېگىزلىك ئىنسانىي قەدر قىممەتنى مۇستەبىتلەرچە رەت قىلىش قىلمىشىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشى، ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. پارتىيەنىڭ ھوقۇق ھەۋىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلا بولسا، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئۈچۈن ھەر قانداق يالغانچىلىق چېكىدىن ئاشقان پەسكەش ھېسابلانمايدۇ. بۇ تارىختىن بۇيان شۇنداق بولۇپ كەلدى. بۇ كۈلكىلىك تەشۋىقات ھېچكىمنى ئالدىيالمايدۇ.»

25-ماي مىننېسوتا شتاتىنىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدە 20 دوللار ساختا پۇلىنى ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان جورج فوليد ساقچى تۇتقۇنى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ھادىسە، ئامېرىكادا ساقچى زوراۋانلىقى ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارىشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار پارتلىشىغا سەۋەب بولغان.

نامايىشنىڭ زور كۆپ قىسمى تىنچلىق شەكىلدە داۋام قىلغان بولسىمۇ، بەزى نامايىشلاردا دۇكان-سارايلارنى بۇلاش، شەخسىي مۈلۈكلەرنى ئۇرۇپ چېقىشقا ئوخشاش جىنايى قىلمىشلارنىڭ سادىر بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكادا پارتلىغان نارازىلىق نامايىشلىرىنى خىتاي ئامېرىكاغا قارىشى تەتۈر تەشۋىقات ھۇجۇمى سۈپىتىدە پايدىلانغان. خىتاي دىپلوماتلىرىدىن خىتاي ئاخباراتلىرىغىچە ھەممە يەردە ئامېرىكاغا قارىشى تەشۋىقات كۈچەيگەن.

خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ئامېرىكانى «ئازسانلىقلار ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىنمايدىغان»، «ئىرقىي كەمسىتىش ساقايماس كېسەلگە ئايلانغان» دۆلەت، دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان.

پومپېيو خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ نامايىشچىلارغا تۇتىدىغان مۇئامىلىسىدىكى نېگىزلىك پەرقلەرنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «خوڭكوڭدىن تيەنئەنمېن مەيدانىغىچە، خىتايدا تىنچ يوسۇندىكى نامايىشچىلار ھەقىقەت ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۈچۈنلا قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ تاياق-توقماقلىرىغا بېسىلىدۇ. بۇ شەرەپسىزلىكلەر ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن مۇخبىرلار تۈرمىلەرگە ئۇزۇن يىللاپ تاشلىنىدۇ. ئامېرىكادا بولسا، فېدېراتسىيە ۋە يەرلىك ساقچىلار يولدىن چىققان ئوفىتسېرلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىدۇ، بۇلاڭچىلىق ۋە زوراۋانلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە تىنچ يوسۇندىكى نامايىشلارنى قارشى ئالىدۇ. ئەركىن ئاخباراتىمىز بۇ ۋەقەلەرنى تولۇقى بىلەن خەۋەر قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا سۇنىدۇ.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا خىتاينىڭ يېقىنقى ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق «ھەقىقەتنى مەنسىتمەسلىك، قانۇننى مەسخىرە قىلىش» قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خ ك پ نىڭ جورج فلويدنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئامېرىكادا ئوتتۇرىغا چىققان ھەرىكەتلەرنى، ئۆزىنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنى رەت قىلىش قىلمىشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېلىشى ئۇلارنى ئەسلى ماھىيىتى بويىچە ساختىكار دەپ تونۇشىمىزغا يېتىپ ئاشىدۇ.»

بەزى خەۋەرلەردە، خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى نامايىشلارنىڭ پەقەت قالايمىقانچىلىق تۈسىنى ئالغان تەرەپلىرىنىلا كۈچەپ تەشۋىق قىلغانلىقى، نامايىشنىڭ تىنچلىق شەكلىدىكى ئاساسلىق قىسىمغا ئۆز ئاخباراتلىرىدىن پەقەت ئورۇن بەرمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت