مايك پومپېيو ۋاتىكاندا ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوغداشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەنقىدلىدى. 2019-يىلى 2-ئۆكتەبىر، ئىتالىيە.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەنقىدلىدى. 2019-يىلى 2-ئۆكتەبىر، ئىتالىيە.
REUTERS

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 2‏-ئۆكتەبىر كۈنى كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي مەركىزى ۋاتىكاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەنقىدلىگەن. ئۇ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاپلا قويماسلىقى، بەلكى ئۇنىڭغا قارشى ئەخلاقىي بۇرچىنى ئىشقا سېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. پومپېيو سۆزىدە خىتاي، كۇبا، ئىران، پاكىستان، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەرنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەڭ كۆپ نۇقتىنى ئۇيغۇرلارغا، شۇنداقلا ئەڭ قاتتىق تەنقىدنى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى چەكلىگەن خىتايغا قاراتقان.

مايك پومپېيو ۋاتىكاننىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق خىزمىتى: ئەركىن جەمئىيەتلەردىكى ئىنسان ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئېتىقاد» ناملىق يىغىندىكى سۆزىدە، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ كەچۈرمىشى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان. زۇمرەت داۋۇت 2018‏-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، 3 ئايدەك لاگېرغا قامالغان. ئۇ پاكىستانلىق ئېرىنىڭ يول مېڭىشى ۋە خىتايدا تۇرۇشلۇق پاكىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، بۇ يىل 1‏-ئايدا پاكىستانغا قايتىپ چىققان.

مايك پومپېيو ۋاتىكاندىكى يىغىندا زۇمرەت داۋۇتنىڭ بىردىن-بىر گۇناھىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى، خۇداغا ئىشەنگەنلىكى ۋە ۋىجدانىغا ئەگىشىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ نۆۋەتتە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق تەقدىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مايك پومپېيو مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا 30 ياشلاردىكى 3 بالىنىڭ ئانىسى بولغان زۇمرەت داۋۇت شىنجاڭدىكى بىر يەرلىك ساقچى پونكىتىغا چاقىرتىلىپ، سوراق قىلىنىدۇ ۋە يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. ئۇ لاگېردا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى يادلاشقا مەجبۇرلىنىدۇ. ئۇ بىر مەھبۇسقا ئۆزىنىڭ تامىقىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن تاياق يەيدۇ. ئۇنىڭغا نامەلۇم بىر خىل ئوكۇل ئۇرۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى، خۇداغا ئىبادەت قىلغانلىقى ۋە ۋىجدانىغا ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن يۈز بېرىدۇ.»

پومپېيو يەنە زۇمرەت داۋۇتنىڭ لاگېردا دىنىي ئېتىقادىنى ئەيىبلەشكە، لاگېردا بولغان ئىشلارنى سىرتقا ئاشكارىلىماسلىققا ۋەدە بېرىشكە ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نازارىتىدە چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يالغۇز قالمىغانلىقى، خۇدانىڭ ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ: «مانا بۇ بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز ۋە بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزدۇر» دېگەن. پومپېيونىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقى شۇنى كۆرسىتىپ بەرگەن: «ئەگەر بىر دۆلەت بىر دۆلەت مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزسە، خۇدامۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خەۋپلىك نەرسىگە ئايلىنىدىكەن».

مايك پومپېيو: «دۆلەتنىڭ رولى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىققا ئايلانغاندا ئۇ پۇقرالارنىڭ خۇداغا ئەمەس، ھۆكۈمەتكە تاۋاپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى، شۇنداقلا خرىستىيان دىنىي زاتلىرىنى تۈرمىلەرگە تاشلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر» دېگەن.

مايك پومپېيو يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكى كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ۋە خىتايدىكى باشقا دىنىي گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇشىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىپ ئارقىدىنلا سۆزلىگەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ئىشقا سېلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ كومىسسارى تەنزىن دورجى 2‏-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مايك پومپېيونىڭ زۇمرەت داۋۇتنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى بارلىقى، ئۇنىڭ كەچۈرمىشى ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنى ئەكس-ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «زۇمرەت داۋۇتنىڭ كەچۈرمىشى پەقەت بىر شەخسنىڭ كەچۈرمىشى ئەمەس. ئۇنىڭ كەچۈرمىشى شىنجاڭ لاگېرلىرىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كەچۈرمىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەزكۇر رايوندا يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. تىبەت بۇددىسىنىڭ كەچمىشى تىبەت رايونىدىكى ۋەقەلەرنى ئىپادىلەيدۇ. باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بۇ يەردە نۇرغۇن كەچۈرمىشلەر بار، بۇلار بىزگە ساۋاق بولۇشى كېرەك» دېدى.

لېكىن، تەنزىن دورجىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا سۆز بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنى ئىشقا سېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. تەنزىن دورجى مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلارنىڭ بارلىق باياناتىلىرىغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىراق ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك. بىز ئۇلارنىڭ ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا ئوخشاش قولىدىكى ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ، چېن چۈئەنگودەك ئۇيغۇر رايونى، تىبەت ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى باستۇرۇشلاردا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا نىشانلىق ئېمبارگو ۋە ۋىزا چەكلىمىلىرىنى قويۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. چۈنكى، ھەرىكەتنىڭ سۆزگە قارىغاندا ھەيۋىسى كۈچلۈك بولىدۇ.»

مايك پومپېيونىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇۋالغان مەزگىلدە بۇ مەسىلىنى ۋاتىكاندا ئوتتۇرىغا قويۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا. پومپېيونىڭ سۆزى ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ «ھاممىسى» دەپ ھېسابلاۋاتقان دۆلەتلەردە «ۋىژدانىي مەسئۇلىيەت» نى ئويغىتامدۇ؟

لېكىن ئامېرىكادىكى بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار بۇنىڭغا بەك ئۈمىدۋار قارىمايدىكەن. ۋاشىنگتوندىكى كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول مۇنداق دەيدۇ: «بۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك، ئەمما مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇنى كۆرگەندە ئۆزلىرىگە سوئال قويۇش ئورنىغا، ئامېرىكا بۇنى كۈنتەرتىپكە قويغان بولسا چوقۇم خىتايغا قارشى بىر تەشۋىقاتتۇر. خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن بۇنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھېسابلىرى بولۇشى مۇمكىن، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ نارچارلىقى مەلۇم. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بىر رىقابەت بار. . . . . . . ئەمما مەن بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىدە بۇنىڭغا ‹ھەشقاللا›! ، قانداق سەۋەب بولسا بولسۇن، بۇ يەردە جىددىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بار، ئەگەر ئامېرىكا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتقان بولسا بۇ بىر ئىجابىي ئىشتۇر.»

مۇستافا ئاقيولنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇۋېلىشىدا ھەر خىل سەۋەبلەر بار ئىكەن. ئۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەنە شۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇستافا ئاقيول مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە بولۇۋاتقىنى خىتاينىڭ ئۆز گرازھدانلىرىنى ئىچكى دۈشمەن، دەپ بېكىتىپ، ئۇلارنى ئاتالمىش تەربىيەگە تۇتۇشى، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشتەك ئېغىر زۇلۇم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشىدۇر. ئەمما بۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن بىر مەسىلە ھېساپلىنامدۇ؟ ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى بۇنداق ئىشنى ئۇلار خىتايدەك سىستېمىلىق قىلمىسىمۇ، لېكىن قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈن ئىسلام دۇنياسىدا قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلاق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بار. . . . . . . . شۇڭا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنى ئۇلار ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.»

مايك پومپېيو ۋاتىكاندىكى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ۋاتىكاننى، شۇنداقلا يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنى ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىتتىپاقىغا قاتنىشىشقا چاقىرىپ، زۇمرەت داۋۇتنىڭ ب د ت دىكى بىر يىغىندا سۆزلىگەن سۆزنى نەقىل كەلتۈرگەن. مايك پومپېيو «ئۇ، ب د ت دىكى يازما گۇۋاھلىقىدا دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە. . . . . . . سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭلارغا چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى ئىزتىراپ ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنى قوغداپ قېلىشقا چاقىردى» دېگەن.

زۇمرەت داۋۇت 2018‏-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، 3 ئايدەك لاگېرغا قامالغان. ئۇ پاكىستانلىق ئېرىنىڭ يول مېڭىشى ۋە خىتايدا تۇرۇشلۇق پاكىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، بۇ يىل 1‏-ئايدا پاكىستانغا قايتىپ چىققان. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نيۇ-يوركتىكى ب د ت يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» ناملىق يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت