جۇ يۇڭكاڭنىڭ چىرىكلىك دېلوسىغا يەنە سىياسىي جىنايەت قوشۇلغانلىقى مۇنازىرە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-03-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ئەمەلدارى جۇ يۇڭكاڭ يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2012-يىلى 26-سېنتەبىر، بېيجىڭ.
خىتاي ئەمەلدارى جۇ يۇڭكاڭ يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2012-يىلى 26-سېنتەبىر، بېيجىڭ.
XINHUA

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى 18-مارت ئېلان قىلغان 2014-يىللىق ئاق تاشلىق كىتابىدا نۇقتىلىق ھالدا چىرىكلىك دېلوسى سەۋەبىدىن سوتلىنىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ دېلوسى ھەققىدە توختالغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا جۇ يۇڭكاڭنىڭ چىرىكلىك دېلوسىغا يەنە «قانۇننى دەپسەندە قىلىش»، «قانۇنسىز سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش» قاتارلىق سىياسىي جىنايەتلەرمۇ يۈكلىگەن. چەتئەللەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دائىرىلەرنىڭ جۇ يوڭكاڭنىڭ چىرىكلىك دېلوسىغا يەنە سىياسىي جىنايەتلەرنىمۇ قوشۇپ جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭ تەكىتلەۋاتقان «چىرىكلىككە زەربە بېرىش»نىڭ ئەمەلىيەتتە «خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى سىياسىي گۇرۇھلار كۆرۈشى» نىڭ ئاشكارا ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان «خەلق سوتىنىڭ 2014-يىللىق خىزمەت دوكلاتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدا، جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنىڭ خاراكتېرى بېكىتىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابنىڭ جۇ يۇڭكاڭ دېلوسى ھەققىدىكى بايانىدا جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنىڭ سىياسىي خاراكتېرى ھەققىدە توختىلىپ،«سوت جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي قاتارلىقلارنىڭ قانۇننى ئاياق ئاستى قىلىپ، پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ، ئۆز ئالدىغا تەشكىلسىز ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيىتىنىڭ ئېغىر زىيىنى بار دەپ قارايدۇ. جۇ يۇڭكاڭنىڭ قانۇن-ئەدلىيە ساھەسىدە پەيدا قىلغان ئېغىر ئىنتىزامسىزلىق، قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرى قانۇن-ئەدلىيە خىزمەتلىرىگە يامان تەسىر ئېلىپ كەلدى» دېيىلگەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئېقىم مەسىلىلىرى ھەققىدىكى «ئالدىنقى قاراۋۇل» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ليۇ داۋېن ئەپەندى ۋە «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابتا بېكىتىلگەن جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

«ئالدىنقى قاراۋۇل» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ليۇ داۋېن ئەپەندى نۆۋەتتە جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنىڭ ئاللىقاچان چىرىكلىك، پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىدىغان ئىقتىسادىي جىنايەتتىن ئۆزگىرىپ، سىياسىي خاراكتېردىكى دېلوغا ئايلانغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ جۇ يۇڭكاڭغا بېرىلىدىغان جازانى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ليۇ داۋېن ئەپەندى ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ھازىر جۇ يۇڭكاڭ دېلوسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېغىر مەسىلىگە ئايلاندى. ھازىر ئەسلىدىكى چىرىكلىك دېلوسىغا يەنە سىياسىي جىنايەت قوشۇلدى. نۆۋەتتە يەنە جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئۆز ئالدىغا گۇرۇھ توپلاپ كومپارتىيىنى بۆلىۋېتىش يولىغا ماڭغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ھازىر بۇ دېلو ئەسلىدىكى ئىقتىسادىي-چىرىكلىك دېلوسىدىن ئۆزگىرىپ سىياسىي مەسىلىگە ئايلاندى دېسەك بولىدۇ. ئاق تاشلىق كىتابتا دېيىلىۋاتقان «تەشكىلسىز سىياسىي پائالىيەت» بىلەن شۇغۇللاندى دېگىنىنى ئەمەلىيەتتە «نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە كومپارتىيە تەشكىلاتىغا تەھدىت سېلىش ھەرىكىتى» دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ھازىر بۇ دېلونىڭ خاراكتېرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان «تۆت كىشىلىك گۇرۇھنى ئاغدۇرۇش» ھەرىكىتىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ» دېدى.

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى سىياسىي گۇرۇھلار كۈرىشى ئىكەنلىكىنى ۋە شى جىنپىڭ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە قارشى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى گۇرۇھلار كۈرىشىنىڭ يەنە كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالماقتا. ‹چوڭ يولۋاس› دەپ تەرىپلەنگەن جۇ يۇڭكاڭ مەسىلىسى ھەققىدىمۇ مۇنازىرىلەر كۆپەيدى. مەن ئىلگىرىمۇ دېگەن ئىدىم، جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئېغىر مەسىلە دەپ. چۈنكى، جۇ يۇڭكاڭ خىتاي سىياسىي بيۇروسىدىكى 9 ئەمەلدارنىڭ بىرى. ئەگەر جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنى قانۇن ئورۇنلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرسا ئۇنىڭ دېلوسى ئىلگىرىكى بو شىلەي ۋەقەسىگە چېتىلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە تاقىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ سوتى چوقۇم ئوچۇق سوت شەكلىدە ئېچىلىشى كېرەك. جۇ يۇڭكاڭ ئۇزۇن مەزگىل ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلىدى، ئۇ قانۇن سىستېمىسىنى باشقۇردى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىشى تەسكە توختىماقتا. جۇ يۇڭكاڭنىڭ جازالىنىشى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ۋاڭ چىسەن گۇرۇھىدىكىلەر ئۆزىگە قارشى گۇرۇھنىڭ ۋەكىلى بولغان جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشتە باشقىلارنى قايىل قىلىدىغان ئاساس تېپىشى كېرەك. بۇنداق بولغان ئىكەن جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنى ئاددىي ھالدا پارىخورلۇق، چىرىكلىك جىنايىتىگە باغلاپ بىر تەرەپ قىلغىنىدا، ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى جۇ يۇڭكاڭ تەرەپدارلىرى ھەتتا ئۇنىڭ ئاشكارىلانمىغان ئارقا تىرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى تەسىر كۈچىنى يوقىتىشى تەسكە توختايدۇ. شۇڭا جۇ يۇڭكاڭنىڭ ‹تەشكىلسىز سىياسىي پائالىيەت› بىلەن شۇغۇللانغان، ‹قانۇننى دەپسەندە قىلغان› جىنايى پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. بۇنداق قىلغاندا جۇ يۇڭكاڭنى نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان، ھەتتا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پرىنسىپلىرىنى بۇزغان دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ جازالىغىلى بولىدۇ. شى جىنپىڭمۇ ئۆزىگە قارشى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەتتا يوقىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.»

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن باشلاپ «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» نامىدا تۇتقۇن قىلىنغان چوڭ-كىچىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەت خوجايىنلىرىدىن نەچچە ئون مىڭ كىشى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈشكە يوللانغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىغا بىۋاسىتە چېتىلغۇچىلار 300 دىن ئاشقان. بۇلتۇر بىر يىلدا جازالانغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلارلا 70 كە تىن ئاشقان. ئۇندىن باشقا ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە يەنە جۇ يۇڭكاڭنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان بايلىقىنىڭ 90 مىليارد سوم ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنىڭ نۆۋەتتە خىتايدا ئاشكارىلانغان ئەڭ چوڭ چىرىكلىك دېلوسى ئىكەنلىكى، پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرى ئاشكارىلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى، خوڭكوڭدىكى ئالما گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە يەنە، جۇ يۇڭكاڭنىڭ خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى مەزگىلىدە چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەي بىلەن بىرلىشىپ، نۆۋەتتىكى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئاغدۇرۇۋېتىش، ھەتتا شى جىنپىڭ قاتارلىق بىر قىسىم خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قەست قىلىشنى پىلانلىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت