نىياز قاھارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر: «ئوغلىمىزنىڭ 13 يىل كېسىلگۈدەك قانداق جىنايىتى بارلىقىنى بىلمەيمىز!»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-02-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نىياز قاھارنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە چۈشكەن سۈرىتى. 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئۈرۈمچى.
نىياز قاھارنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە چۈشكەن سۈرىتى. 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan

نىياز قاھارنىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىدىن 13 يىللىق سىياسىي مەھبۇسقا ئايلىنىشى بەش يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تىنىمسىز ئازابلاپ كەلمەكتە.

شۇنچە يىللاردىن بۇيان دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ كەلگەن بۇ ئائىلىنىڭ ئازابلىق سۈكۈناتى ئاخىرى ئانا قەلبىنىڭ تىنچىماس پىراقىدا بۇزۇپ تاشلاندى.

ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھارنىڭ ئاپىسى مەريەمخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئوغلى ھەققىدىكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ ئوغلى نىياز قاھار قولغا ئېلىنغاندا تېخى ئەمدىلا 30 ياشتىن ئاشقانلىقىنى، شۇنچە ياش تۇرۇپ ھاياتىنىڭ تۈرمە ئازابىدا خوراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : «ئوغلۇم تېخى توي قىلمىغان ئىدى. ئۇ يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىدا بىز ئۇنىڭ تويىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتاتتۇق. ئۇنىڭ يۈرگەن قىزىمۇ بار ئىدى. 2009-يىلى 7-ئايدا ئوغلۇم ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغاندىن كېيىن بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ ئارامى بۇزۇلدى. ھەممە نەرسە ئۆزگەردى، ئوغلۇمنىڭ يۈرگەن قىزىمۇ ئۆز يۇرتى خوتەنگە قايتىپ كەتتى، ھازىر ئۇ قىز بىلەن ئالاقىمىز يوق. ئوغلۇم « سىياسىي جىنايەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن 13 يىل كېسىلگەندىن كېيىن، ھەركىم، ھەتتا ئوغلۇمنىڭ دوست-بۇرادەرلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىمۇ بىزنىڭ ئائىلىمىز بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولدى…»

نىياز قاھارنىڭ سىڭلىسى نۇرگۈل «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئاكىسىنىڭ قانداقلارچە غايىب بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ «يېپىق سوت» ئى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ سوتلىنىش جەريانى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات ئالالمىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئىشنىڭ زادىلا كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئاكامنىڭ ئوچۇق ياكى يېپىق ھالدا سوتلانغانلىقىنى بىلمىدۇق. ئائىلىمىزدىن بىرمۇ كىشىنى سوتقا چاقىرمىدى. ئاكامنىڭ قانداق سوت تەرتىپى بىلەن سوتلانغانلىقىدىن پەقەتلا خەۋىرىمىز يوق. ئۈرۈمچى يىكەنلىك رايونىدىكى ئوتتۇرا سوتتىن بۇ ھەقتە ئەھۋال سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار ئاكامنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن سوتلانغانلىقىدىن باشقا ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىدى. ئاكامنىڭ 13 يىل كېسىلگۈدەك قانداق جىنايىتى بارلىقىنى بىز ھازىرغىچە بىلمەيمىز.»

ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان، لېكىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇر ياش ئۆزىنىڭ ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھارنىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى، نىياز بىلەن 2006-يىلىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نىياز قاھارنىڭ ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى ئاكتىپ پائالىيەتلىرى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇرۇنلا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇ دوستى نىياز بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكىنىدە، ساقچىلارنىڭ ئۇنى بىرقانچە قېتىم سوراققا تارتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھار ھەققىدىكى يېڭى مەلۇماتلار كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت