خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆلۈم جازالىرىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
CCTV خەۋىرىدە بېرىلگەن، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان كۆرۈنۈش. 2009-يىلى 15-ئۆكتەبىر.
CCTV خەۋىرىدە بېرىلگەن، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان كۆرۈنۈش. 2009-يىلى 15-ئۆكتەبىر.
AFP


دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنى مەركەز قىلغان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆلۈم جازاسىنى كۆپلەپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي قاتارلىق ئەللەرنى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى ناملىق خەلقئارا تەشكىلات 11 ئاۋۋال، ھەر يىلى 10 - ئۆكتەبىرنى دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى كۈنى، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا كومىسسىيىسى دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، بارلىق ئەللەرنى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

كېڭەشنىڭ باش سېكرېتارى توربيوڭ جاگلاند، ياۋروپا كومىسسىيىسى تاشقى ئىشلار كومىسسارى كەتېرىن ئاشتون باياناتىدا، ئۆلۈم جازاسىغا قارشى ئىكەنلىكىنى قاتتىق تەكىتلەپ، بۇ غەيرىي ئىنسانى يۋە قەبىھ جازانىڭ قەيەردە ۋە قاچان بولۇشىدىن قەتئىي، ئۇنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق ۋە جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ، دېگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ باياناتىدا، جىنايەت خاراكتېرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۆلۈم جازاسىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆلۈم جازاسى خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھاياتلىق ھوقۇقىغا خىلاپ. ئۇ تامامەن قەبىھ، غەيرىي ئىنسانىي ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك جازا، دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ يەنە بىر مەسئۇل خادىمى ئاۋدرېي گوھران ئەسكەرتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئادالەتكە ئېرىشىشكە ھەقلىق، بىراق ئۆلۈم جازاسى مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس، دېگەن.

شۇ كۈنى يەنە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، بارلىق دۆلەتلەرنى، بارلىق ئەھۋاللاردا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى. ئۇنىڭ باياناتىدا، مەزكۇر ئورگان ۋەكىللىك قىلىدىغان بەزى مىللەتلەر ۋە خەلقلەر ئولتۇرۇشلۇق بېنگال، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ: ئۆلۈم جازاسى زوراۋان جىنايى قىلمىشلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش چارىسى، دەپ قارالسىمۇ، بىراق زوراۋان جىنايى قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق ئىلمىي ئىسپات يوق، دېگەن.

گېرمانىيەنى مەركەز قىلغان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئورگانلارنىڭ بىرى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس، ھۆكۈمەتلەرنىڭ دائىم ئۆلۈم جازاسىنى جىنايەتكە قارشى قورال ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆلۈم جازاسى ھېچ قاچان جىنايەتنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئارقىلىق تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش پىلانى ئاقمايدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپادا ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئۈنۈمى توغرۇلۇق ئۇزۇن يىل مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، 1980 - يىللىرى فرانسىيەدە مۇنازىرە بولدى. فرانسىيە ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قالغان. لېكىن، نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، فرانسىيە جەمئىيىتىدە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. ئاخىرى، سىياسەتچىلەر ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان. ھازىر، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى دۆلەتلەر ۋە يەنە بىر قىسىم ئەللەر ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۆلۈم جازاسىنىڭ جىنايەتنى توسۇپ قېلىش جەھەتتىكى رولى نۆل. ئۇ بىر خىل ساختا تەدبىر. مەن شۇنداق قارايمەنكى، ئۇيغۇر ياكى تىبەتلەرنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ئارقىلىق ئۇلارنى توختاتقىلى بولمايدۇ. ئۆلۈم جازاسى ھېچقانداق ئۈنۈملۈك قورال ئەمەس.

خىتاي دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەت. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق بەزى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ پەرىزىچە، خىتاي ھەر يىلى 2 - 3 مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ. بۇ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر بىر يىل ئىچىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان مەھكۇملارنىڭ ئومۇمى سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ.

بىراق، بەزى خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھەر يىلى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدىغان مەھكۇملارنىڭ سانى ئون نەچچە مىڭغا يېتىدۇ. ئەمما، خىتاي ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھكۇملارنىڭ سانىنى سىر تۇتۇپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ ھەر يىلى قانچىلىك ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقى مەجھۇل. بۇ ئەھۋال، سىياسىي مەھبۇسلارغا تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئومۇمى يۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغان ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قەدەر گەۋدىلىك.

ئۇلرىخ دېلىئۇس يەنە، ھەر قانداق كىشىگە، قانداق سەۋەب بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ئۇيغۇر مەھكۇملارنىڭ جازاسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىش توغرۇلۇق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدە ئۆز ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويغان.

ئۇلرىخ دېلىئۇس: شەرقىي تۈركىستاندا بىر نەچچە دېلوغا يەنە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. بىز ئۆز ھۆكۈمىتىمىزگە خىتاي دائىرىلىرىنى ھېچ بولمىسا، ئۆلۈم جازاسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىشكە چاقىرىش توغرۇلۇق تەۋسىيىلەردە بولدۇق. بىراق، بۇ دائىملىق قىيىن مەسىلە. خىتاي بۇ كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ئۆزگەرتىشكە ھېچقانداق ئاساس يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. بىز بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قانچىلىك ئېغىر سىگنال بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ ناھايىتى ئەندىشە قىلدۇق. بۇ ئۇيغۇرلارغىلا سىگنال بېرىپ قالمايدۇ، ئوخشاشلا خەنزۇلارغىمۇ سىگنال بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

نۆۋەتتە، دۇنيادىكى 140 نەچچە دۆلەت ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى.

ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇننى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە پەرقلىق تەتبىقلاپ، ئۆلۈم جازاسىنى مىللەتكە قاراپ ئىجرا قىلىپ كەلگەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: شەخسلەرنىڭ ھاياتىغا خاتىمە بېرىش ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىدۇر. بىزنىڭ ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئورتاق نىشانىمىز يوق. قانچىلىك تىبەتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، قانچىلىك ئۇيغۇر ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىدۇ، دېگەن مەسىلىدە زور پەرق بار. بۇ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئەھۋال. نېمىشقا بەزى دېلولاردا تىبەتلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىجرا قىلىنمايدۇ، بىراق ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ؟ بۇ كىشىلەرنىڭ ئادالەت ئالدىدا باراۋەر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت