ئۈرۈمچى ساقچىلىرى تۇل ئايال مەرەمنىسا تۇردىغا بېرىلگەن 3000 سوم ياردەم پۇلنى تارتىۋالغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-08-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان مەمتىمىن ياسىننىڭ خوتۇنى مەرەمنىسا تۇردى.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان مەمتىمىن ياسىننىڭ خوتۇنى مەرەمنىسا تۇردى.
RFA

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچىلىرى روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى، 4 يېتىم بالىنىڭ ئانىسى، تۇل ئايال مەرەمنىسا تۇردىنىڭ چەتئەلدىن تاپشۇرۇۋالغان 3061 سوم پىترە ياردەم پۇلىنى تارتىۋالغان.

مەرەمنىسا تۇردى، ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولۇپ كەتكەن مەمتىمىن ياسىننىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭ 4 بالىسىنى تازىلىق ئىشچىلىقىغا تايىنىپ بېقىۋاتقانلىقىنى ۋە قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى بىرقانچە مۇھاجىر ئۇيغۇر بۇ يىللىق پىتىرىنى خەلقئارالىق پۇل ئالماشتۇرۇش شىركىتى ئارقىلىق مەرەمنىسا تۇردىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بەرگەن. مەرەمنىسا تۇردى پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى خوتەن يولى ساقچىخانىسىغا چاقىرتىلىپ ئۇنىڭ 3061 سوم پۇلى تارتىۋېلىنغان. مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ ھەقتە مەزكۇر ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچىلار، بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

مەرەمنىسا بىلەن سۆھبەت

مۇخبىر: مەرەمنىسا خانىم ياخشىمۇسىز؟
مەرەمنىسا: ياخشى، يامان ئەمەس.

مۇخبىر: پۇلنى تارتىپ ئەكەتكەنچە قايتۇرۇپ ئەكەپبەرمىدىمۇ؟
مەرەمنىسا: جىمجىت، ئەكەپبەرمىدى.

مۇخبىر: شۇ كۈنى ئىشنىڭ جەريانى قانداق بولدى؟
مەرەمنىسا: ھېيتقا بىر كۈن قالغاندا چاقىرتىپتۇ، بارسام، مۇشۇنداق (چەتئەل بىلەن) سۆزلىشىپسەن، پۇل ئەپسەن دەيدۇ؛ شۇنداق ئالدىم، 4 يىلدىن بۇيان ھېچقايسىڭ بىر تىيىن پۇل بەرمىدىڭ، بالىلىرىمنى باققۇچە قىينالغاچقا ئالدىم دېدىم. ئاندىن «بۇنداق قىلسىڭىز خاتالىشىسىز، جىنايەتچى بولۇپ قالىسىز» دەيدۇ. مەن «ھەر قايسىڭ يولدىشىمنى تۇتۇپ ئەكېتىپ يېۋىتىشسەڭ، خەۋىرىنى بەرمىسەڭ جىنايەت ئەمەس، مەن ياردەم پۇل ئالسام جىنايەتمۇ» دېدىم. بۇ گېپىمگە جاۋاب بەرمەي قاراپ تۇرۇشتى.

مۇخبىر: سوراپ باقمىدىڭىزمۇ، ياردەم پۇل ئالغاننىڭ نېرى خاتا دەپ؟
مەرەمنىسا: سورۇدۇم. سورىسام «بىز سىزگە ياخشى گەپ قىلىۋاتىمىز، بۇ پۇلنى ئالسىڭىز خاتالىشىپ قالىسىز» دەپ تەھدىت سالدى. مەن : تۆت بالىنى باققۇچە قىينىلىپ جېنىم چىقىۋاتىدۇ، قانداق جىنايەت ئارتساڭ ئارتىپ سولا مېنى» دەپ جاۋاب بەردىم.

مۇخبىر: قايسى ساقچىخانىنىڭ ساقچىلىرى ئىكەن؟
مەرەمنىسا: ئۈچىنچى يولنىڭ ئۈستىدىكى خوتەنگەي ساقچىخانىسىنىڭكى، ئارىسىدا فېنجۈيدىن (سايباغ رايونلۇق ساقچىدىن) كەلگەن بەرسىمۇ بار.

مۇخبىر: ئۇلار قانچە كىشى؟
مەرەمنىسا: تۆت كىشى، بىرى دىلشات دېگەن سوجىڭى؛ ئىككىسى مىنبىڭ ياكى شېجىڭ دېگەنلىرى ئوخشايدۇ.

مۇخبىر: قولىنى يانچۇقىڭىزغا سېلىپ مەجبۇرىي ئېلىۋالدىمۇ ياكى؟
مەرەمنىسا: ياق، پۇل سومكامدا ئىدى. مېنى ساقچىخانىدىن چىقارماي تەھدىت سېلىۋەردى، ئاخىرى ئالە، ئالىدىغىنىڭ مۇشۇمۇ، ئېلىپ ھاراق ئىچىشەرسەن ھەرقاچان، دەپ تاشلاپ بەردىم.

مۇخبىر: نېمە دېدى، شۇنداق دېسىڭىز؟
مەرەمنىسا: ھاراق ئىچمەيمىز، ساقلاپ قويىمىز دەپ، ساناپ ئېلىۋالدى.

ساقچى خادىمى بىلەن سۆھبەت

مۇخبىر: بۇ خوتەنيولى ساقچىخانىسىمۇ؟
خادىم: شۇنداق.

مۇخبىر: مەرەمنىسا تۇردىدىن تارتىۋالغان پۇلنى قايتۇرۇپ بېرەمسىلەر ياكى سىلەردە تۇرۇۋېرەمدۇ؟
خادىم: تارتىۋالغان پۇلنى؟

مۇخبىر: شۇنداق، ھارپا كۈنى سىلەر بېرىپ تارتىۋالغان پۇلنى.
خادىم: بۇ ئىشتىن مېنىڭ خەۋىرىم يوقكەن.

مۇخبىر: سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە؟
خادىم: مەمتىلى.

مۇخبىر: شۇ كۈنى پۇلنى ئېلىۋالغىلى سىلەرنىڭ ساقچىخانىدىن بارغان 3 ساقچىنىڭ بىرى سىز ئەمەسمۇ؟
خادىم: ياق، مەن ئۇنداق بىر ئىشقا بارمىدىم.

مۇخبىر: ئۇنداقتا سىزنىڭ، مەيلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن، ياكى ساقچى ئىدارىسىدىن چۈشكەن، پۇقرالار چەتئەلدىن كەلگەن پىترە ياكى زاكاتنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن بىر ھۆججەتنىڭ بار-يوقلۇقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
خادىم: بۇنىڭدىنمۇ خەۋىرىم يوق. بۇ ئىشلارنى ساقچىخانىمىزنىڭ گوباۋ (دۆلەت ئامانلىق ئىشلىرى) غا مەسئۇل خادىمى ئارزۇگۈل تالىپ ياكى سوجاڭ دىلشاتتىن سوراڭ.

ساقچى باشلىقى بىلەن سۆھبەت

مۇخبىر: دىلشات سوجاڭمۇسىز؟
دىلشات: ھە، مەن شۇ؟

مۇخبىر: مەرەمنىسادىن تارتىۋالغان 495 دوللار يەنى 3061 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىۋېتەمسىلە، قانداق قىلىسىلەر؟
خادىم: ۋېي، ۋېي....... سا خۇيسېر جېگې؟؟؟ (خىتايچە گەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ)

مۇخبىر: ئۇيغۇرچە گەپ قىلىڭ، بۇنداق ئويۇن ئويناشنىڭ ھاجىتى يوق. پۇلنى بېرىۋېتەمسىلەر-بەرمەمسىلەر؟
خادىم:.... (تېلېفوننى قويۇۋېتىدۇ).

يۇقىرىدا خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچىلىرىنىڭ تۇل ئايال مەرەمنىسا تۇردىغا بېرىلگەن 3000 يۈەن پىتىرىنى يەنى ياردەم پۇلنى تارتىۋالغانلىقى ۋە يەنە شۇ ساقچىلارنىڭ مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت