قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئېلى خەرىتىسى.
ئۇيغۇر ئېلى خەرىتىسى.
RFA

28‏-دېكابىر، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلغان 3 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ ئىككىسىنىڭ قاراقاش ياۋاغ يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، يەنە بىرى جاھانباغ يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ھۇجۇمچىلارنىڭ ياۋاغلىق ئىككىسى‏-توختىمەمەت تۇرسۇننىياز ۋە نۇرمەمەت تۇرسۇننىياز ئاكا-ئۇكىلار ئىكەن. يەرلىك دائىرىلەر ۋەقەنى «تېررورلۇق» ھۇجۇم، دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما ھۇجۇمچىلارنىڭ ناھىيەلىك پارتكومنى نىشانغا ئېلىشىدىكى مەقسەت-مۇددىئاسى تەرەپسىز مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى.

ئەمما يەرلىك دائىرىلەرنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئاپتوموبىلدا پارتكوم قورۇسىغا باستۇرۇپ كىرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمچىلار بىر ھۆكۈمەت كادىرى بىلەن بىر ئامانلىق قوغدىغۇچىنى ئۆلتۈرگەن. ھۇجۇمچىلارنى ساقچىلار ئېتىۋەتكەن. خىتاي خەۋەرلىرىدە، ھۇجۇمچىلارنىڭ ھۇجۇمدا پارتلاتقۇچ قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قاراقاشتىكى بىر ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى ساقچىسى مۇنداق دېدى: «ئۇ ئەھۋالنى بىز دەپ بېرەلمەيمىز، ئۇنى سوجاڭ ئۆزى نېمە قىلىدۇ. سوجاڭ ھازىر پەيچۇسودا بار. بىز كېچىچە نۆۋەتچى. )ئۆلگەنلەر( ئۇنى سوجاڭ ئۆزى بىر نېمە دېمىسە، ئۇنى بىزگە ئۇقتۇرۇش قىلمىدى. خەۋەر كېلىگلىك، مەيەردە تەييارلىق قىلىپ نېمە قىلىغلىق، ئەمما بۇ ئۆلگەن ئادەمنىڭ نېمىسى توغرىلىق خەۋەر كەلمىدى.»

قاراقاشتىكى بىر يەرلىك ئاھالە چارشەنبە كۈنى رادىيومىزغا ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە ھۇجۇم قىلغان ئادەملەر قانداق ئادەم، نېمە بولۇپ پارتلىغان بۇلار ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاھالە: ئەمدى مۇشۇنداق ئۇقتۇم بالىلاردىن، ئەمما ھەقىقىي ئەھۋالنى بەكمۇ ئۇقمىدىم. مۇشۇنداق بولۇپتىمىش، دېگەن گەپلەرنى ئۇقتۇم. يارىلانغان، ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىنى ياق، ياق، ئېنىق ئۇقمىدىم ئەمدى. ئۆلگىنى قانداق ئادەم، ھۇجۇم قىلغىنى قانداق ئادەم، نېمە بولۇپ پارتلىدى، بۇ ھەقتە ھېچنېمىنى ئۇقمايمەن.

مۇخبىر: پارتلىدىمۇ ياكى ماشىنا بىلەن باستۇرۇپ كىردىمۇ ناھىيەلىك پارتكوم قورۇسىغا؟

ئاھالە: پارتلاپتۇ، دەمدۇ، بىرنېمە دېگەندەك قىلدىغۇ. (ۋەقەدىن كېيىن تۇتۇلغان، قولغا ئېلىنغان ئادەملەر) ياق، ياق، ئۇنىڭدىنمۇ خەۋىرىم يوق. (پارتلاش ئاۋازىنى) ياق، ياق، ئاڭلىمىدىم. بىز پارتلاش ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىمىدۇق. ئەمدى ئاشۇ مەكتەپكە بارغان بالىلاردىن مۇشۇنداق بولۇپتۇمىش، دېگەن گەپنى ئاڭلىدۇق. ئۇنداق بولغان تەپسىلىي ئەھۋالىدىن خەۋىرىم يوق. يوق. ئاختۇرىدىغان ئىشلارمۇ بولمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېررورلۇققا باغلىسىمۇ، ئەمما بەزى ئانالىزچى ۋە پائالىيەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ تېررورلۇق ياكى ئەمەسلىكىگە تەرەپسىز باھا بېرىشنى ناھايىتى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى»نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قاراقاشتىكى ھۇجۇمدا دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك بەزى پەرقلىق نۇقتىلار مەۋجۇت.

خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇرۇن كۆرگەن خەۋەرلەرگە ئوخشاشلا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتنىڭ تەكىتلىشىدىكى بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالاھىدىكى، ھۇجۇمچىلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ ناھايىتى جىق بولۇشى، ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپكە سالغان زىيانلىرىنىڭ ناھايىتى چەكلىك بولۇشىدۇر. بۇ بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملار بىلەن بولغان تۈپ پەرقى. بۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ زادى قانداق ھادىسە ئىكەنلىكىنى گۇمانلىق قىلىپ قويدى. بۇ نۇقتا بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغاشقا ئەرزىيدۇ.»

چېن چۈەنگو بۇ يىل 8‏-ئايدا ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىلىپ كېلىپ ئامانلىق تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، كادىر ۋە خىزمەتچىلەرنى تۆۋەندىكى نامرات ئۇيغۇر ئائىلىلەر بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ياردەم قىلىش ھەرىكىتى باشلىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئامانلىق تەدبىرى ۋە تۇغقانچىلىق سىياسىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، قاراقاشتىكى ۋەقەنى چېن چۈەنگونىڭ سىياسىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، دېدى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرنىڭ قورسىقىنى تويغۇزساق مەسىلە ھەل بولىدۇ، دەيدىغان خاتا چۈشەنچە ئۈستىگە قۇرۇلغان.

ئىلشات ھەسەن مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدۇق. مەسىلەن، چېن چۈەنگونىڭ ئېلىپ بارغىنىدەك تۇغقان بولدۇق، دەپ، بىر خالتا گۈرۈچ، ئىككى خالتا ئۈن، بىر كىلو قوي گۆشىنى ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولدى، دەيدۇ. ‏(لېكىن) خۇددى خەلقئارادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرگە ئوخشاش روھىي ئەركىنلىك ئۇيغۇرلار ئارزۇ قىلىدىغان، ئىزدىنىدىغان نىشان. خىتاي كوممۇنىستلار پەقەت قورسىقىنى تويقۇزساق ئىش ھەل بولىدۇ، دەيدىغان خاتا كۆز قاراش ۋە خاتا ئىشەنچىدە.»

ئىلشات ھەسەن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تۈزگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرى ۋە مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى كېڭەيتىپ، بۇ خىل توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىگە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەسىلىسىگە بولغان تەلەپنىڭ ئارىلىقىدىكى بۇ ھاڭ ھازىر يوغىناۋاتىدۇ دېسەك ھېچقانداق خاتالاشمايمىز. بۇ ھېچقاچان كىچىكلىگىنى يوق. بارغانسېرى كېڭىيىپ، بۇ ھاڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى تۈپكى سەۋەب، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە سىياسەت بەلگىلىگەندە پەقەت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، يەنى مۇنداق دېگەندە، خىتاي ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ئەڭ ئۈستىدىكى 5 ياكى 10 كىشىنىڭ ئوي پىكرى، شۇلارنىڭ تەپەككۇرى، شۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بېكىتىلىۋاتىدۇ» دېدى.

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندى بولسا، ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىنى قانداق تەڭشەش چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونىدا دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي خىرىس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ (كومپارتىيەنىڭ) بۇرۇنقى ھەر خىل چارە-تەدبىرى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زور بۆلۈنۈش، ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىك، ئۆز-ئارا نادوستلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ خىل قارىمۇ-قارشىلىق ئۇ شىنجاڭنى باشقۇرۇشتا يۈزلىشىدىغان مەسىلە. شۇڭا، ئۇ ھازىرقى ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق، سىز بايام ئېيتقاندەك 1980‏-يىللاردا بۇ چارە-تەدبىرلەرنى قوللانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى ئىدى.

بۇ خىل قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ داۋاملىق كۈچىيىپ كېتىشىنى ئۇنىڭ 1989‏-يىلى 4‏-ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن يولغا قويغان كونتروللۇق ۋە دىكتاتۇرلۇقنى كۈچەيتىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

قاراقاشتىكى ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى پۈتۈن قاراقاش ناھىيەسىنى قامال قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان. د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر 34 ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.
تۇتقۇنلارنىڭ 14 نەپىرى قاراقاش-قەشقەر يولىدا، 20 نەپىرى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدە تۇتقۇن قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت