شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش - ئاخىرى (8)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رەسىمدىكى قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەر بابۇر مەخسۇت، ئوڭ تەرەپتىكى خىتاي ئايال شىۋېتسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان خىتاي ئايال دىپلومات جوۋ لۇلۇ. 2010-يىلى.
رەسىمدىكى قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەر بابۇر مەخسۇت، ئوڭ تەرەپتىكى خىتاي ئايال شىۋېتسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان خىتاي ئايال دىپلومات جوۋ لۇلۇ. 2010-يىلى.
svd.se din elinghan


8 - قىسىم: پېچكىنى قۇربانلىق قىلىش

2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس ستوكھولمدىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا قولغا ئېلىنغىنىدا، نۇرغۇن كىشىلەر تېخى بۇ دېلونىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن خەۋەرسىز ئىدى.

ئەينى چاغدا مەيلى شىۋېتسىيەدە ياشىغۇچى ئۇيغۇر جامائىتى بولسۇن ۋە ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن، 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ دۆلەت ھالقىغان زور جاسۇسلۇق تورىدىكى بىر «كىچىك پېچكا» ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىدى.

مەزكۇر دېلو پاش قىلىنىپ، ئۇيغۇر جاسۇس تۇتۇلغانغاندا ۋە ئاز كەم بىر يىلدىن كېيىن شىۋېتسىيە سوتىدا سوتلانغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر تېخى شىۋېتسىيە بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا مەزكۇر دېلونى چۆرىدىگەن بىر مەيدان «ئىس - تۈتەكسىز دىپلوماتىيە ئۇرۇشى» نىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى.

ئۇنداقتا، مەزكۇر جاسۇسلۇق دېلوسىدىكى «شاھ» بىلەن «گەردە» رولىنى ئېلىۋاتقان سىرلىق كىشىلەر زادى قەيەردە؟ تورغا ئىلىنىپ قۇربانلىق قىلىنغان ئۇيغۇر جاسۇس مەزكۇر دېلودىكى «گەردە» مۇ ياكى «پېچكا» مۇ؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر جاسۇسلۇق دېلوسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئاشكارا قىلىدۇ:

«ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بىز ئالدى بىلەن 62 ياشلىق جاسۇس گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى قارار قىلدۇق. جاسۇس تۇتۇلۇپ، دۆلەت ھالقىغان بۇ زور ئىشپىيونلۇق دېلوسىنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى قولغا چۈشكەندىلا ئاندىن پەردە ئارقىسىدىكى كىشىلەرگە تەدبىر قوللانغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىدۇق.»

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى شۇنداقلا ئەينى چاغدا شىۋېتسىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۇ دېلو ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ دېلو تەكشۈرۈش ئىشى مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، 2008 - يىلىدىن بۇرۇنلا باشلانغان. ئەمەلىيەتتە بابۇر مەقسۇت بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر "كىچىك بېلىق"، شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى دۆلەت ھالقىغان بۇ زور جاسۇسلۇق دېلوسىدىكى "چوڭ بېلىق" لارنى ئاللىقاچان سەزگەن ۋە ئۇلارنى مەخپىي ھالدا كۆزىتىشكە باشلىغان. بۇ جەرياندا ئويلىمىغان يەردىن بابۇر مەقسۇت تورغا ئىلىنىپ، پەردە ئارقىسىدىكى "چوڭ بېلىق" لارنى ئاشكارا قىلىش ئۈچۈن ئۇنى قۇربانلىق قىلىشقا توغرا كەلگەن.»

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئەخمەت تۇرسۇن ئەپەندى ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ئەسلىمە قىلىپ، مەزكۇر جاسۇسلۇق دېلوسىنىڭ ئادەتتىكى ۋەقە ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ ئىنتايىن سىرلىق ئىچ يۈزى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ:

«بابۇر مەقسۇتنىڭ سوت خاتىرىسىدىكى ئۇچۇرلار نۇرغۇن سىرلارنىڭ يىپ ئۇچىنى بايقىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىشپىيونلۇق ۋەزىپىسى ئېسكىلىستۇنا شەھىرىدە تاپشۇرۇلغان. بۇنىڭ پەردە ئارقىسىدا تېخى ئاشكارا بولمىغان باشقىمۇ ئىنسانلارنىڭ بارلىقى مەلۇم. بابۇر مەقسۇتنىڭ ئەينى چاغدا جامائەتنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشى، جامائەتكە كۆرسىتىپ ناماز ئوقۇشى، ئوغلىغا ساقال قويدۇرۇپ بىزنىڭ مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا ئەۋەتىشىدەك بىر قاتار دېتاللار ئۇنىڭ جاسۇسلۇق ساھەسىدە ناھايىتى بۇرۇنلا پىشقان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە…»

شاھىتلاردىن قۇربانجان مۇداشمۇ 62 ياشلىق جاسۇس تۇتۇلۇشنىڭ ئالدى - كەينىدە شىۋېتسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ جاسۇس گۇماندارى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلغانلىكى بارلىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم سۆزلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ستوكھولم شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 62 ياشلىق جاسۇس گۇماندارىنى سوتلىغاندا، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا سىرتىدا ئۇيۇشتۇرغان زور جاسۇسلۇق ئوپېراتسىيەسىگە ئاخبارات يەتكۈزۈش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ:

«قولغا چۈشكەن دەلىل - پاكىتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، مەزكۇر جاسۇسلۇق دېلوسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارلىقى ئاشكارا بولدى. يەنى ئۇلار ئىككىنچى بىر دۆلەتتىكى پۇقرالارنى جاسۇسلۇق ئۈچۈن سېتىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يەر ئاستى ئاخبارات توپلاش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرغان.»

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى 2000 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ شىۋېتسىيەدە ياشاش، سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھەمدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا كۆرگەن - بىلگەنلىرى بىلەن مەزكۇر دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئۆز - ئارا باغلاپ، بابۇر مەقسۇتنىڭ مەزكۇر دېلودىكى «قۇربانلىق قىلىنغان بىر پېچكا» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(سەككىزىنچى قىسمى تۈگىدى، داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت