ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن ياش يۈننەن چېگراسىدا تۇتۇلۇپ 17 يىللىق كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
RFA

بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن ھەسەننىياز سەمەت، 3 يىلنىڭ ئالدىدا يۇرتى يەكەن تومئۆستەڭدە ئاكىسى بىلەن ئاپتوموبىلدا رول تالىشىپ قالىدۇ. خاپىچىلىقتا ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن ھەسەننىياز تىرىشىپ ئىشلەپ، مۇستەقىل بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش نىيىتىدە ئاۋۋال ئۈرۈمچىگە، ئاندىن يۈننەنگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەرقانداق يېرىدە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھەسەننىياز، تەلىيىنى چەتئەلدە سىناپ باقماقچى بولىدۇ. ئەمما، خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى، جاھاندارچىلىق كويىدىكى ھەسەننىياز سەمەتنىمۇ ئامان قويمايدۇ. خىتاي سوتى ئۇنى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ 17 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىدۇ.

ئۆتكەن يىلى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى، رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، يەكەندە ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن بىر ياشنىڭ، ئالتە ئايدىن كېيىن يۈننەن چېگراسىدا تۇتۇلغانلىقىنى ۋە ئىككى يىلدىن كېيىن تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ 17 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بۇ ئۇچۇر يېقىندا يەكەن تومئۆستەڭدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدا راستلىقى دەلىللەندى. تومئۆستەڭ ئىشلەمچى كەنت سېكرېتارىنىڭ دېيىشىچە، 3 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن ياشنىڭ ئىسمى ھەسەننىياز سەمەت.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، ھەسەننىياز سەمەتنىڭ دەسلەپتە ئۈرۈمچىدە قۇرۇلۇشتا ئىشلىگەنلىكى، تاپقىنى گېلىدىن ئاشمىغاندىن كېيىن، يۈننەنگە بېرىپ ناۋايچىلىق قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەتتە دېيىلىشىچە، ئەسلىدە ئائىلىسىگە تايانماي مۇستەقىل ياشاش ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن 22 ياشلىق ھەسەننىياز، يۈننەندىمۇ مۇستەقىل بىر ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىيالمىغان؛ ئاشخانا خوجايىنىنىڭ بېسىمىدىن بىزار بولغان ھەسەننىياز، ھاياتىدا بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ بېقىشقا بەل باغلىغان ۋە چەتئەلدە پۇل تېپىپ كېلىپ ئۆزىنى جاپادىن قۇتقۇزۇش ۋە ئائىلىسىنى خوش قىلىشنى يۈكسەك غايە قىلىپ بېكىتكەن. خەتتىكى بۇ بايانلار، كەنت سېكرېتارى ۋە ھەسەننىيازنىڭ دادىسى تەرىپىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە دەلىللەندى.

دادىسى سەمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، ھەسەننىياز ئاكىسى بىلەن بىرقانچە رەت ئاپتوموبىلدا رول تالىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن؛ ئۇ، ئۆز ئالدىغا بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋە يۈننەنلەردە ئىشلىگەن ۋە تىجارەتنىڭ يولىنى ئىزدىگەن.

خەتتە دېيىلىشىچە، ھەسەننىياز تېخى چېگرادىن ئۆتمەي تۇرۇپ، بىر تۈركۈم دوستلىرى بىلەن يۈننەندە يول ئىزدەۋاتقان مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمما سېكرېتارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ چېگرادىن ئۆتۈۋاتقان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەسەننىياز سەمەت يۈننەندە ئىككى يىلچە تۇتۇلغاندىن كېيىن، يەكەنگە يۆتكەپ كېلىنگەن؛ ئۆتكەن يىلى يەكەندە مەخپىي سوت ئېچىلىپ، ئۇ، «چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 17 يىللىق كېسىلگەن. سوتنىڭ جەريانى ۋە ھۆكۈمى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇلمىغان. ھەسەننىياز سەمەتنىڭ دادىسى ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن ئوغلى ھەققىدە 3 يىل ئىچىدە ئىككىلا قېتىم ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان؛ بۇنىڭ بىرى، يۈننەندىكى بىر خىتاي ساقچىخانا باشلىقىنىڭ ھەسەننىيازنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەققىدىكى بىر قېتىملىق تېلېفونى، يەنە بىرى بولسا، ھەسەننىيازنىڭ ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمىگە تەقسىملەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىدە، بىر ئوچۇم تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. ئەمما، كۆپ ساندىكى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورچىلارغا قارشى ھەرىكىتىدە، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى، ئازادلىق ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرگەن ۋە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلارغىلا ئەمەس، پەقەت ياشاش ئۈچۈن مىدىرلاپ يۈرگەن كىشىلەرگىمۇ زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ھەسەننىياز سەمەتنىڭ ھايات ھېكايىسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يۇقىرىقى پىكرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىشارەتلىمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ھەسەننىياز سەمەتنىڭ ھايات ھېكايىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت