قايشا ئاقان: ئۇ چاغلاردا ئادەم ئادەم بىلەن ھەتتا ئۆز ئۆيلىرىدە سۆزلىشىشتىن قورقاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-11-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ بىرى. 2019-يىلى 31-مارت، خوتەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ بىرى. 2019-يىلى 31-مارت، خوتەن.
AFP

مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭمۇ خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانىدى. بولۇپمۇ «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە شۇنىڭدەك قازاق ۋە باشقا تۈركىي-مۇسۇلمان مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ سولانغانلىقى كۆپلىگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەنە شۇ سىياسىي باستۇرۇشلارنىڭ ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بەزى شاھىتلىرى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق قازاقىستانغا چىقىپ ئورۇنلاشقانىدى. شۇلارنىڭ بىرى  1976-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان قايشا ئاقان ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدۇ.

قايشا ئاقان 1984-يىلى ئاتىسىنىڭ خىزمىتى سەۋەبى بىلەن توققۇزتارا ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئۇ يەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان. ئاندىن ئۇ 2001-يىلدىن تارتىپ تەشكىلىي بۆلۈمدە ئىشلىگەن ۋە شۇ چاغلاردا يۈز بەرگەن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىشىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس يېزىسىدا ياشاپ، ئۇزۇن ۋاقىت سودا بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە قازاقىستانغا پات-پات چىقىپ تۇرغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قايشا ئاقان خانىم ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلدىن تارتىپ يۈرگۈزۈپ كەلگەن مىللىي سىياسىتىنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «شۇ ۋاقىتتا ئىشقا بۆلۈنگەن چېغىمدا سىزنىڭ ئوقۇشىڭىز، كەسپىڭىز ماس كېلىپ تۇرسىمۇ، ئۇ يەردە ‹مىللىتى› دېگەن يېرى بولاتتى. ھە، مىللىتىڭىز خەنزۇ، يەنى خىتاي بولۇشى كېرەك دېگەن چەكلىمىلەر قويۇلۇشقا باشلىدى. سەۋەبى، مېنىڭ قارىشىم بويىچە، 1997-يىلى 5-فېۋرال ۋەقەسى بولدى. ئۇ ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدە ھاكىمىيەتكە قارشى بىر نامايىش بولدى. شۇ چاغدا بىزنىڭ يۇقىرى مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقتىمىز ئىدى. بۇ ۋەقە قىشلىق دەم ئېلىش ۋاقتىمىزدا بولدى. ئۇ چاغدا ئۇيغۇر مىللىتى نامايىشقا چىقتى.  شۇنىڭ نەتىجىسىدە كېيىن بەزى ئادەملەرنىڭ ئىزسىز يوقاپ كېتىش، ئۇزۇن مۇددەتكە سوتلىنىش ۋەقەلىرى بولدى. ئامان قالغانلارنىڭ بەزىلىرى چەتئەلگە كەتكەن. بۇ ۋەقەدە ئۇيغۇرلار كۆتۈرگەن لوزۇنكىلاردا مەشرەپ، پۇتبول ئۆتكۈزۈش تەلەپلىرى يېزىلغانكەن. ئۇ چاغلاردا بىز تېخى بالا ئىدۇق. شۇ ۋاقىتتىكى بەزى زىيالىيلار پەقەت مەشرەپ مەسىلىسىنىلا ئەمەس، بەلكى شۇ ۋاقىتتىكى باشقىمۇ مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈشى لازىم ئىدى، دېگەن پىكىرلەرنى قىلغانىدى. غۇلجىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ بولغان. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىن كۆپ ياشلار ئۇزۇن مۇددەتكە سوتلاندى، ئۆلگىنى ئۆلدى، قالغىنى ئىزسىز يوقاپ كەتتى.»

قايشا ئاقان ئۆزىنىڭ ئىشلەپ يۈرگەن چاغلىرىدا جاي-جايلاردا مىللەت ئايرىشنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كۆپ ئادەملەرنىڭ زەرداب چەككەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى. «مەملىكەتلىك ئورگانلارغا ئىشقا ئالغاندا باشقا يەرلىرىڭىز بارلىقى لايىق بولۇپ تۇرسىمۇ، مىللىتى يېزىلغان يەرگە دىققەت قىلاتتى. مىسالغا، ئۇيغۇرنى ئالىدىغان يەرگە خىتاينى ئالمايتتى، قازاقنى ئالىدىغان يەرگە ئۇيغۇرنى، خىتاينى ئالىدىغان يەرگە باشقا مىللەتنى ئالمايتتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇشنى تاماملاپ كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ناھايىتى قىيىنلىشىپ كەتتى. مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرق تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىش ھەققىمىزمۇ ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. ھازىرقى ھېساب بويىچە 15 مىڭ تەڭگە مائاش ئالاتتۇق. ئىش ئېغىر. بۇنى ئاز دېگەندەك بارلىق باشقا ئىشلارنىمۇ بېشىمىزغا ئارتىپ قوياتتى.  شۇ سەۋەبتىن مەن ئىشتىن چىقىپ كېتىپ، شەخسىي سودا بىلەن شۇغۇللاندىم.»      

قايشا ئاقان 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە شەكىللەنگەن ۋەزىيەتنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ئۈرۈمچىگە 2-ئىيۇل كۈنى تاۋار ئالىدىغانغا بارغانىدىم. شۇ چاغ ياشلار ئارىسىدا ئىشسىزلىق كۆپەيگەن ۋاقىت بولدى. شۇنداقلا مىللەت ئايرىش، پارىخورلۇق، باشقا مىللەتلەرگە بېسىم كۆرسىتىش قاتتىق كۈچىيىپ كەتتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە  شىنجاڭنىڭ باش سېكرېتارى بولۇپ ۋاڭ لېچۈەن ئۇزاق تۇردى. شۇ چاغدا  پارىخورلۇق بەك كۈچىيىپ كەتتى.  ئۆي باھاسى، يېمەك-ئىچمەك قىممەتلەپ كەتتى. ئادەملەرنىڭ مائاشى تۆۋەن. ئىشسىزلىق. قازاق، ئۇيغۇر ئوخشاش مۇسۇلمانلار ئىككى ياكى بەش يىل ئوقۇپ كەلسىمۇ، ئۇلارغا ئىش يوق. خىتايلار تۆتىنچى، بەشىنچى سىنىپنى پۈتتۈرسىمۇ، ئۇلارغا ئىش بار. ئىش ئورۇنلىرىدا بۇ قاتتىق بايقالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئەنە شۇ سېكرېتارغا قارشىلىق سەۋەب بولدى. شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان بېسىم سەۋەب بولدى. ئۇلار كۈندۈزى سەككىز سائەت ئىشلەيدۇ. كەچقۇرۇن شۇ مەھكىمىسىگە بېرىپ، كۆزەتچىلىك قىلىدۇ. كۈزدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بىر-بىر يېرىم ئاي، بەزىدە ئىككى ئاي كۆممىقوناق ئاقلاشقا، پاختا تېرىشكە ئاپىراتتى. شۇنداق قىلىپ، بىلىم ساھەسىدىكىلەر پۇل تېپىشقا كىرىشىپ كېتەتتى. كادىرلارمۇ شۇ. كۈز-ئەتىيازدا ئۇلارنى 15-20 كۈنگە كۆچەت تىكىشكە، ئۆستەڭ چېپىشقا  ئېلىپ كېتەتتى. مۇشۇنىڭ بارلىقى ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى. بىراق چۇ چاغدىكى نامايىشنى باستۇرۇش ناھايىتى ئېغىر بولدى. مەن چەتئەللەردە ئۇنداق باستۇرۇشلارنى كۆرمىدىم.»
ئۇ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى، دىنىي ئەسەبىي قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى، نامايىشنى قوراللىق باستۇرۇش پەيتىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يوشۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.     

قايشا ئاقان ئۆزىنىڭ 2007-يىلى قورغاس شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ، سودا بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، شۇ مەقسەتتە 2008-يىلدىن باشلاپ قازاقىستانغا كىرىپ-چىقىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «2015-يىلدىن باشلاپ، ئۇنداق بىر قاتتىق كۆتۈرۈلۈشلەر بولدى دېگەننى ئاڭلىمىدۇق. پەقەت قەشقەردە پارتلاشلار يۈز بېرىپتۇ، ئۇيغۇرلار ئۇنداق قىلىپتۇ، مۇنداق قىلىپتۇ دېگەن خەۋەرلەرنى تېلېۋىزورلاردىن، رادىيولاردىن، ئاھالىنىڭ ئاغزىدىن ئاز-ماز ئاڭلاتتۇق. ئەمما ئۇلارنى ئوچۇق ئېيتمايتتى. ئىنتېرنېتنىڭ بارلىقى يېپىق ئىدى. 2014-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ تۇتۇشقا باشلىدى. ئالدى بىلەن ھىجاپلانغانلارنى، ساقال قويغانلارنى تۇتتى. 2016-يىلدىن باشلاپ ناماز ئوقۇغانلار تۇتۇلۇشقا باشلىدى. 2016-يىلنى ئاخىرىدىن، 2017-يىلنىڭ باشلىرىدىن ئاممىۋى تۇتۇش ھەرىكەتلىرى باشلاندى.  توققۇزتارا رايونىدا تۇرىدىغان ئۆيىمىزدىن 60-70 مېتىر نېرىدا خىتاي تىلىدىكى 2-مەكتەپ ئورۇنلاشقانىدى. بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا مەكتەپ ئەتراپىدا ھەر يەتتە مېتىرغا بىر كامېرا قويۇلۇپ، مەكتەپ ئىشىكىنى قارا رەڭگە بوياپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا قۇم سېلىنغان مىشكاپلارنى تىزىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا پىلىموتلارنى، تانكىلارنى ۋە ساقچىلارنى قويۇۋەتتى. ئۇ يەردىن ئۆتۈشمۇ مۇمكىن ئەمەستى. رايوننىڭ بارلىق يەرلىرىدە ھەر 100 مېتىر يەرگە تۆتتىن قوراللىق ساقچىلارنى قويدى. ئۇلارنىڭ ھەر قانداق ئادەمنى توختىتىپ، تەكشۈرۈش ھوقۇقى بار. سىز ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن تەكشۈرىسىز دەپ سورالمايسىز. سىزنى تىللىسىمۇ، ۋارقىرىسىمۇ، ئۇرسىمۇ، بېتىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇش كېرەك. شۇ چاغلاردا ئۆيلەرنى ئاختۇرۇش ئىشلىرى باشلاندى. ئۆيىمىزنىڭ تۆپىسىگە خىتاينىڭ بايرىقىنى ئېسىپ قويغان. ئۇ قىيسىيىپ قالسىمۇ سىز سوتلىنىسىز. بورانلار چىققاندا ئۇنى بايقىماي قالغانلارمۇ سوتلاندى. ئۇ چاغلاردا ئادەم ئادەم بىلەن ھەتتا ئۆز ئۆيلىرىدە سۆزلىشىشتىن قورقاتتى. كوچىلاردىمۇ شۇنداق.»

قايشا ئاقان شۇ يىلى تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ناھايىتى كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز، قازاقلار، ئاغزىمىزدىن <قازاقىستان> دېگەن سۆزنى چىقىرالماي قالدۇق. ‹تۈركىيە› دېگەن سۆزمۇ شۇ. غۇلجىدا تۈركىيەدىن گىلەم ئېلىپ كېلىپ، تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىليونېرلار بولدى. مەسىلەن، 500 مىڭغا ساتىدىغان گىلەملىرىنى ئۇلار 50 مىڭ تەڭگىگە سېتىشقا مەجبۇر بولغان. بۇنىڭغا گىلەمدىكى تۈركىيەنىڭ مەملىكەتلىك تامغىسى سەۋەب بولدى. تۈركىيەدىن كەلگەن كىيىم-كېچەكلەرمۇ شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. قازاقىستاندىن كەلگەن تاۋارلارنى پايدىلىنىشقا بولمايدۇ دەپ، ئۇلارنىڭ  بارلىقىنى يىغىپ، ئاپىرىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. ئادەم ئادەمدىن چۆچۈيدىغان بولۇپ قالدى. مەسچىتلەرگە يوللىغانلارمۇ سوتلاندى. بىزنىڭ رايوندا شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان بىر ئۇيغۇر مەسچىتى بولغانىدى. ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت پۇل ئاجراتمايدۇ. ئۇنىڭغا شەخسىيلەر، يەنى پۇلى بارلار مىيونلاپ، يوقلار 1000- 2000 تەڭگە بولسىمۇ بېرىمىز. شۇ مەسچىتنىڭ تۆپىسىدىكى ئايمۇ ئېلىپ تاشلاندى.  ئۇنداق مەسچىتلەرگە ئادەممۇ كىرمەيدۇ. ئىشىكلىرىگە يوغان قۇلۇپلارنى ئېسىپ قويغان. ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشمۇ خەتەرلىك. ھەممە يەردە كامېرا. دۇكان يا بولمىسا بازارغا چىقىپ، ئامان كېلىمىزمۇ يا كەلمەيمىزمۇ دەپ، بۇنىڭدىنمۇ قورقاتتۇق.»
قايشا ئاقاننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىم شۇنچىلىك كۈچىيىپ كەتكەنكى، سەۋەبسىز تۇتۇلۇپ، سوتسىز جازالانغانلار ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتكەنىكەن. ساقچىلارنىڭمۇ ئاھالىنى سوئال-سوراقسىز تۇتۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۈندىلىك ئىشقا ئايلانغانكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت