خىتاي ھۆكۈمىتى ئىستانبۇلدىن چاقىرتىپ ئېلىپ كەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قاماپ قويۇلغانلىقى ئاشكارا بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئامىنە مەمتىمىن خانىمنىڭ ئېرى، بالىلىرى ۋە ئىنىسىنىڭ رەسىمى. 2019-يىلى-5-ئاي-ئىستانبۇل.
ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئامىنە مەمتىمىن خانىمنىڭ ئېرى، بالىلىرى ۋە ئىنىسىنىڭ رەسىمى. 2019-يىلى-5-ئاي-ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

خىتاي دائىرىلىرى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا تېلېفون ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ ئېلىپ كەتكەنلىكى، ئۇلار قايتىپ بارغاندا تۈرمىگە سولاپ قويغانلىقى ئاشكارا بولدى.

بۇلاردىن بىرى 22 ياشلىق ئابلىكىم مەمتىمىن بولۇپ، ئۇ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ جىيا يېزا 4-كەنت 4-مەھەللىسىدىن ئىكەن. ئۇنىڭ بىر قولى مېيىپ بولۇپ، داۋالىنىش ئۈچۈن 2016-يىلى 2-ئايدا ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىكەن. ئۇ ئىستانبۇلدا داۋالىنىش جەريانىدا خوتەندىكى ساقچىلار ئۇنىڭ دادىسىغا بېسىم قىلىپ ئوغلىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە زورلىغان. ئابلىكىم مەمتىمىن قايتىپ بارغاندىن كېيىن دادىسى بىلەن ئىككىيلەننى تۇتۇپ تۈرمىگە قامىغانلىقى مەلۇم بولدى.

ھازىر ئىككى بالىسى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابلىكىمجان مەمتىمىننىڭ ئاچىسى ئامىنە مەمتىمىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ يولدىشى، ئاتا-ئانىسى، ئىنىسى ۋە ئانىسىنىڭ 5 ئاكا-ئىنىسى، ئىككى ئاچىسىنىڭ يولداشلىرى بولۇپ نۇرغۇن كىشى ھازىر تۈرمىدە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەن.

ئامىنە مەمتىمىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 22 ياشلىق ئىنىسى ئابلىكىم مەمتىمىن ئىستانبۇلدا داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ساقچىلار ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئىستانبۇلدىن دەرھال قايتىپ كېلىشنى، ئەگەر قايتىپ كەلمىسە دادىسىنى تۈرمىگە سولايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان ئىكەن. بۇنى ئاڭلىغان ئابلىكىم دادىسىنىڭ تۈرمىگە قامىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئىستانبۇلدىكى داۋالىنىشنى توختىتىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن ئىكەن. بىراق ئۇ خوتەنگە قايتىپ بارغىنىدا ساقچىلار ئۇنى دادىسى بىلەن قوشۇپ تۈرمىگە سولىغان.

ئامىنە مەمتىمىن خانىم مۇنداق دېدى: «مېنىڭ 8 قېرىندىشىم ۋە 5 بالام بار ئىدى. مەن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى بەشىنچى پەرزەنتىمنى تۈركىيەدە تۇغۇش ئۈچۈن يولدىشىم بىلەن بىر بالامنى ئېلىپ ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىدىم. ئىككى بالام ھازىر ئىستانبۇلدا مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇۋاتىدۇ، قالغان ئۈچ پەرزەنتىم يۇرتتا ئىدى، يولدىشىم يۇرتتا قالغان پەرزەنتلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يۇرتقا كەتكەن ئىدى. كېيىن سۈرۈشتە قىلسام يولدىشىمنى ساقچىلار تۇتۇپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپتۇ. ئۇنىڭ ھازىر ئۈرۈمچىدە بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم.»

ئامىنە مەمتىمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانىسى تۇنىساخان 2016-يىلى 5-ئايدا تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، شۇ يىلى 9-ئايدا يۇرتىغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. ئۇ ئانىسىنىڭ ھازىر خوتەن لاسكۇيدىكى تۈرمىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

ئامىنە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئىنىسى ئابلىكىم «قۇرئان كەرىم» نى تولۇق يادقا ئالغان قارى بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭ تۈركىيەگە بارغانلىق ھەم «قۇرئان كەرىم» نى يادقا ئالغانلىقى سەۋەبىدىن تۈرمىگە قامىغان ئىكەن. ئامىنە خانىم ئانىسى، دادىسى، ئاكىسى ۋە ئىنىسى ئابلىكىم بولۇپ ئائىلىسىدىكى قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، 10 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامىنە خانىمنىڭ يۇرتتا قالغان 3 بالىسى ئىلگىرى سىڭلىسىنىڭ ئۆيىدە قالغان بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن.

ئامىنە خانىم ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى بايان قىلىپ، پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت