گېرمانىيەدىن يۇرتىغا قايتۇرۇلغان ئادىلجاننىڭ تەقدىرى مەلۇم ئەمەس

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-04-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گېرمانىيە ىسەۋەئلىك بىلەن خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلائغۇچىنىڭ تەقدىرى.
گېرمانىيە ىسەۋەئلىك بىلەن خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلائغۇچىنىڭ تەقدىرى.
RFA

بۇندىن بىر يىل ئىلگىرى گېرمانىيەدىن خاتا ھالدا يۇرتىغا قايتۇرۇلغان ئادىلجاننىڭ ئىز-دېرىكى تېخىچە مەلۇم ئەمەس.

3-ئاپرېل «گېرمانىيە ئاۋازى» بۇندىن دەل 1 يىل ئىلگىرى باۋارىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن خاتا ھالدا يۇرتىغا قايتۇرۇلغان 22 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى ئادىلجان مەسىلىسىنى قايتىدىن تىلغا ئالدى.

ئادىلجان 2013-يىلى ميۇنخېن شەھىرىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بولۇپ، 2016-يىلى ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان. ئىككىنچى قېتىملىق پاناھلىق ئىلتىماسى جاۋابقا ئېرىشمەي تۇرۇپلا 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى باۋارىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا يولغا سېلىۋېتىلگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئادىلجاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش جەريانىدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەن. سوت تەرەپ «بىز ئۇنىڭ مەسىلىسىنىڭ تېخى كۆزدىن كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ساقچى تەرەپكە فاكىس يوللىغان ئىدۇق،» دېگەن. ئەمما ساقچى تەرەپ بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق بىر فاكىسنى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ۋەقە مەتبۇئاتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن باۋارىيە سوت دائىرىلىرى ۋە ساقچى تەرەپ ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغان. ھەتتا بۇ مەسىلە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرىپىگە بېرىپ تاقىلىپ، باش مىنىستىر ئانجىلا مېركىل ۋە گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى باربېل كوفلېر خانىملار بۇ ئىشقا بىۋاسىتە ئارىلاشقان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، باش مىنىستىر ئانجىلا مېركىل ئۆتكەن يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئادىلجان مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. باربېل كوفلېر خانىممۇ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى جەريانىدا ئادىلجان مەسىلىسىنى جىددىي ھالدا سۈرۈشتۈرگەن.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادىلجان مەسىلىسى گېرمانىيە دائىرىلىرى ھازىرمۇ كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مەسىلە بولۇپ، خىتايدىن ئادىلجاننى گېرمانىيە قايتۇرۇپ بېرىشنى ھۆكۈمەت تەرەپ بىرقانچە قېتىم رەسمىي تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى يا قۇلاق يوپۇرۇۋالغان ياكى «ئۇ ميۇنخېندىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ نامايىشلىرىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جازالانغان» دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەن.

قانداقلا بولمىسۇن، ئادىلجاننىڭ تەقدىرىنىڭ خەتەرگە يولۇققانلىقى ئېنىق بولۇپ، باربېل كوفلېر خانىم ئۆتكەن يىلى بېيجىڭ زىيارىتىدىن كېيىن د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى بېرلىندا قوبۇل قىلغاندا ئۇنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىدىن ئوچۇق مەلۇمات بەرگەن. ئەمما قايسىي تۈرمىدە، قانچە يىللىق قاماققا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئىزاھلىشىچە، ئادىلجان مەسىلىسى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەسىلە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ھەققىدە ئىجابىي قارارلار چىقىرىشىغىمۇ تۈرتكە بولغان. ئۇ سۆزىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ميۇنخېندىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئادىلجان ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر يىگىتى بەدىنىگە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ رەسىمىنى چېكىۋالغان بولۇپ، بۇ ھال خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر چاغدا ئۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە يولۇقۇشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ميۇنخېندىكى بۇ مەسىلىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئادىلجاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ زور مەسئۇلىيىتى گېرمانىيە دائىرىلىرىدە بولسىمۇ، ئەمما ئادىلجاننىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ سوت ۋە ساقچى دائىرىلىنىڭ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىغان ۋە مۇھىم خەتلىرىگە جاۋاب بەرمىگەن. گويا گېرمانىيەدە مەۋجۇت ئەمەستەك ياشىغان. بۇنىڭ بىلەن ساقچى تەرەپ ئۇنى ئىزدەپ-تېپىپ، چارە قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان.

«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ بۇ خۇسۇستىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلدىن بۇيان گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 97 ئۇيغۇر ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان. ئەمما ئۆزىنىڭ شەخسىي كىملىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن، دىنىي مەسىلىلەرگە چېتىشلىق چىققان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى تېخى قوبۇل قىلىنمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت