سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە 5 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە كەلگەن مۇسۇلمانلار ئەرەفاتتا تۇرماقتا. 2012-يىلى 25-ئۆكتەبىر، سەئۇدى.
ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە كەلگەن مۇسۇلمانلار ئەرەفاتتا تۇرماقتا. 2012-يىلى 25-ئۆكتەبىر، سەئۇدى.
AFP

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە تۈركىيەدىن ئۆمىر ھەجگە بارغان ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 5 كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

نۆۋەتتە رادىيومىز خىتايغا قايتۇرۇلغان بۇ 5 ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى 4 كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرى ئوسمان ئەخمەت توختى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئايالى سۇدىنىسا خانىم ۋە 3 پەرزەنتى بىلەن 2015-يىلدىن بېرى تۈركىيەدە پانالىنىپ كېلىۋاتقان ئوسمان ئەخمەت توختى 2018-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمىر ھەجىگە بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئوسمان ئەخمەت توختى 2014-يىلى خوتەندە بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ 2015-يىلى ئايالى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا چىقىپ، ئۇ يەردىن تۈركىيەگە كېلىپ ياشىغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇتۇلۇپ، كېيىنكى يىلى 2-ئايدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ھازىر 3 پەرزەنتى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سۇدىنىسا خانىم 6 بالىنىڭ ئانىسى. ئۇ 7-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 3 يىلدىن بېرى خوتەندە قېلىپ قالغان 3 پەرزەنتىدىن ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان، شۇنداقلا 2 يىلدىن بېرى ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان يولدىشى ئوسمان ئەخمەت توختىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇدىنىسا خانىم مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيەدە قالغان ئىدىم. يولدىشىم ئومىر ھەج قىلغاچ ئاچىسىنى يوقلىغىلى كېتىپ، مۇشۇ مۇسىبەتكە ئۇچراپ قالدى. تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدىغانغا 3 كۈن قالغان، بېلەتنى ئېلىپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدى. ‹ئىنشائاللا، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بارىمەن› دېگەن ئىدى. ئۇ 2018-يىلى 5-ئايدا كەتكەن. بېلەتنى ئېلىپ كەلگىلى 2-3 كۈن ۋاقىت بولغاندا، يەنى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە خەۋەر كەلدى. يەنى ئۇنى 25-چېسلا تۇتۇۋالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلدى.»

سۇدىنىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسىنىڭ ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ھەم تۈركىيەدە قانۇنلۇق تۇرغىلى بولىدىغان يېشىل كارتىسى بار ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن قالغان 4 ئۇيغۇردىن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئوقۇغان ۋە شۇ يەردە ياشاۋاتقان قەشقەرلىك نۇرۇللاھ ئابلىمىت، ئۈرۈمچىلىك تىجارەتچى بەختىيار ھاجى، خوتەنلىك ياقۇپجان دېگەن كىشىلەرنىڭ كىملىكى مەلۇم. ئەمما ئۇلارنىڭمۇ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ياقۇپجاننىڭ تۈركىيەدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى.

تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرۇللاھ ئابلىمىت 2016-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرۇللاھ ئابلىمىتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدە ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلار كەلگەن، لېكىن ئۇنىڭ قايسى تۈرمىدە، قانداق سەۋەب بىلەن يېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر يوق ئىكەن. نۇرۇللاھ ئابلىمىت قەشقەرلىك ئاتاقلىق دىنىي زات ئابلىمىت داموللامنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئابلىمىت داموللام 2017-يىلى تۇتقۇندا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋاپات بولۇشىغا جىسمانىي ۋە روھىي قىيىن-قىستاقنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە نۇرۇللاھ ئابلىمىتنىڭ ئاكىسى پەيزۇللا ئابلىمىت ۋە ئىنىسى ھېزىبۇللا ئابلىمىتمۇ تۈرمىدە ئىكەن. ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار زات: «ئۈچەيلەننى ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدە دەپ ئۇچۇر ئالدىم. ئۈرۇئۈمچىدىمۇ ياكى ئىچكىرىدىمۇ، ئۇنى بىلمىدىم. ئەمما ئۈرۈمچى تەرەپلەردەمىش» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيزۇللا ئابلىمىت 2016-يىلنىڭ ئاخىرلىرى تۈركىيەدىكى ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنى كۆرۈپ كېلىشكە ماڭغان ئىكەن، لېكىن ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئىكەن.

ئۇ نۇرۇللاھ ئابلىمىتنىڭ ئۆزىنى «تۈركىيەگە يولغا سېلىپ قويۇش» نى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن سەئۇدى ئەرەبىستانى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى خىتايغا يوللاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما بەزى خەۋەرلەردە نۇرۇللاھنىڭ سودىدا «ساختىپەزلىك» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە شۇ سەۋەبلىك خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. قەيت قىلىنىشىچە، نۇرۇللاھ قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ، 3 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق 2017-يىلى 2-ئايدا چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا قايتا تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان 1930-ۋە 1940-يىللىرىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قويۇن ئېچىپ، ئۇلارغا پاناھلىق بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىياسىتىدە يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولغان. سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەلىئەھدى، شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان 2019-يىلى 2-ئايدا خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى قوللىشىدا كۆپ خىل ئامىل مەۋجۇت بولۇپ، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئامىلى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

تۈركىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مۇھەممەت توختى ئاتاۋۇللا مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدا نوقۇل ئىقتىسادى مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان دەيلى دېسەك، بۇ دۆلەتلەر باي دۆلەتلەر. سەئۇدى ئەرەبىستانىمۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ باي دۆلەت. بۇ يەردە مەدەنىيەت ئامىلى مۇھىم بولسا كېرەك، دەپ قارايمەن. بۇ ھۆكۈمەتلەر مۇستەبىت بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارادا سىياسىي قوللاشقا موھتاج. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقدىشى بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئىزچىل ئۇنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلگەن… شۇڭا ئۇلار خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە قارشى دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى مەنتەقە جەھەتتىن توغرا، دەپ ئويلايدۇ، دەپ قارايمەن.»

مۇھەممەت توختى ئاتاۋۇللانىڭ تەكىتلىشىچە، يەنە بىر ئامىل ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خىتايغا بولغان ھېرىسمەنلىك ئىكەن. ئۇ بۇ ھېرىسمەنلىكنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ ئەرەب دۇنياسىغا قاراتقان دىپلوماتىك سىياسىتىنىڭ رولى بارلىقىنى بىلدۈردى. مۇھەممەت توختى ئاتاۋۇللا مۇنداق دېدى: «ئەرەبلەردە خىتاينىڭ ئوبرازى ئىزچىل ياخشى. شۇڭا ئەرەبلەردە مەيلى دىنىي ئالىملار بولسۇن، مەيلى ھۆكۈمەت بېشىدىكىلەر بولسۇن ۋە ياكى دىنىي جامائەتلەر بولسۇن، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا بۇنداق ئەسكىلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگىلى ئۇنىمايدۇ.»

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 6-ئۆكتەبىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە ئۇنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلىگە تېلېفون قىلىپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن جاۋاب ئالالمىدۇق. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى تېلېفونىمىزنى ئالمىدى، ئەمما ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلىنىڭ ئىشخانىسى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، ئاخبارات ئەمەلدارىنىڭ بىزگە ئېلخەت ياكى تېلېفون قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر جاۋاب قايتۇرمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت