قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «خىتايدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە قازاق يوق»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-10-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نۇرباقىيت كالىئاسكار ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرىغا سولانغان قىزى رەزىلا نۇلالەنىڭ سۈرىتى ۋە مەكتەپ پۈتتۈرۈش دىپلومىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 6-دېكابىر، قازاقىستان.
نۇرباقىيت كالىئاسكار ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرىغا سولانغان قىزى رەزىلا نۇلالەنىڭ سۈرىتى ۋە مەكتەپ پۈتتۈرۈش دىپلومىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 6-دېكابىر، قازاقىستان.
AP

قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىندا قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختەر تلېئۇبېردى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قازاقلارنىڭ يوق ئىكەنلىكى توغرىلىق بىلدۈرۈش ئېلان قىلغانىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قاتار كۆزەتكۈچىلەر ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.

«تۇران تودېي» تور ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستان تاشقى ئىشلار رەھبىرى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قازاقلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى» ناملىق ماقالىدا مۇختەر تلېئۇبېردىنىڭ مۇخبىرلارغا شۇ ھەقتە بىلدۈرگەنلىكى ئېيتىلغان. ماقالىدە مۇختەر تلېئۇبېردىنىڭ نۇتقىدىن مۇنداق نەقىل كەلتۈرۈلگەن: «بىزنىڭ پرېزىدېنت (قاسىم-جومارت توقايېف) يېقىندا دۆلەت سەپىرى بىلەن خىتايدا بولدى. يۇقىرى دەرىجىدە شۇنداق مەلۇمات تەستىقلاندى. ھازىر تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە خىتايدا تۇرۇۋاتقان قازاقلارنىڭ يوق ئىكەنلىكى تەستىقلاندى.»

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەسلىتىپ ئۆتسەك، 2017-يىلنىڭ باھارىدىن باشلاپ شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) دائىرىلىرى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە كۆپچىلىكىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىپ، يەرلىك ئاھالە، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر، قازاق ۋە تۇڭگانلارغا قارىتا يوشۇرۇن سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتماقتا. ب د ت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ باھالىشى بويىچە، لاگېرلارغا سولانغانلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆتكەندە بېيجىڭنى مەزكۇر لاگېرلارنى يېپىشقا چاقىرغانىدى.»

ئەمدى «ئازادلىق» رادىيوسى ئېلان قىلغان «مىنىستىر: شىنجاڭدىكى قاماش مەركەزلىرىدە ئېتنىك قازاق يوق» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ لاگېرلاردا پەقەت قانۇن بۇزغۇچىلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق «قانۇننى بۇزغۇچى» لارنىڭ كىملىكىنى ئېنىق ئېيتمىغان.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى ‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن دىنىنى يوقىتىشنىڭ ئامالى› دەپ ئاتىدى. سېنتەبىر ئېيىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت كاتىپى (تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) مايك پومپېيو مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا بېيجىڭنىڭ ئېتنىك ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدىكى تەلىپىنى ئورۇندىماسلىققا چاقىردى.»

بىز قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئائىت قىلغان بىلدۈرۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قاتار قازاقىستانلىق كۆزەتكۈچىلەرنى بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

ئېربول دائۇلېتبېك: قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز ئوخشاش مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تۈرمىلەرگە قامىشى خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنىغا زىت كېلىدۇ

بىز خىتاي لاگېرلىرىدىكى قازاق ۋە ئۇيغۇر، قىرغىز ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى رەھبىرى ئېربول دائۇلېتبېك بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدە ئېيتقان بىلدۈرۈشىگە مۇتلەق قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن ئىككى-ئۈچ يىل بۇرۇن خىتاينىڭ سىياسىي لاگېرلىرىدىكى قازاقلارنىڭ سانى ھەققىدە ھەر خىل، بەزىدە 500 مىڭ، بەزىدە 300 مىڭ ئادەم دېگەن مەلۇماتلار بېرىلىپ كەلگەنىدى. ھازىر ئۇ لاگېرلاردا بىرمۇ قازاق يوق دېگەن پىكىرنى ئېيتىش تېخى ئەتىگەن. قازاقىستان مىنىستىرىنىڭ بۇ مەلۇماتنى خىتايدىن ئالغانلىقى ھەقىقەت. بىز ھازىر خىتاي لاگېرلىرىدا قانچىلىك قازاقنىڭ ياتقانلىقىنى ئېنىق دېيەلمەيمىز. ئەمما ئۇ لاگېرلاردا قازاقلارنىڭ بار ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بوشىتىلدى، بىر قىسمى بوشىتىلسىمۇ، كونترول ئاستىغا ئېلىندى، يەنە بىر قىسمى سوتلىنىپ، تۈرمىلەردە ياتىدۇ. تۈرمىلەردە ياتقانلارنى قانۇن بۇزدى دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت ناماز ئوقۇغىنى ئۈچۈن، مەدرىسىدە ساۋاق ئالغىنى ئۈچۈن، ئۆيىدە جەينىماز تېپىلغىنى ئۈچۈن ۋە باشقىمۇ سەۋەبلەر بىلەن ‹تېررورچى› دەپ سوتلانغانلار. خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالار ئۆز دىنىغا ئىتائەت قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە دېگەن نىزام بولۇپ تۇرۇپ، قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز ئوخشاش مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تۈرمىلەرگە قامىشى خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنىغا زىت كېلىدۇ.»

رىسبېك سارسېنباي: قازاقىستان بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزىنىڭ رەسمىي بىلدۈرۈشىنى ئېلان قىلىشى كېرەك

قازاق پائالىيەتچىسى رىسبېك سارسېنباينىڭ پىكرىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ مەلۇماتنى پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي بىلدۈرۈشىگە ئەگەشكەن ھالدا قىلغانىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «سەۋەبى بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياكى قازاقىستاننىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى ئۇنداق مەلۇماتنى ئېنىقلىيالمايدۇ. بىزنىڭ رەسمىي دائىرىلەر بۇ ئەھۋالنى ياخشى ئىگىلىگەن بولسا، باشقىچە بىلدۈرۈش ئېلان قىلغان بولار ئىدى. بىزنىڭ ئەلچىلىكنىڭ قولىدا ئۇنداق مەلۇماتلار يوق. مۇبادا بولسىمۇ، ئۇنى ئوچۇق دەيدىغان جۈرئىتى يەتمەيدۇ. مېنىڭ شەخسىي پىكىرىم شۇكى، قازاقىستان بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزىنىڭ رەسمىي بىلدۈرۈشىنى ئېلان قىلىشى كېرەك ئىدى.»

غالىم ئاگېلېئۇئوف: كىشىلىك ھوقۇقنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن خىتاينى ئەيىبلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ سېپى كۆپىيىدۇ

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان ھازىر ھەممە ئىشلارنى خىتاينىڭ مەيلىچە ئېلىپ بارماقتىكەن. خىتاي، ئامېرىكىنىڭ خىتاي تاۋارلىرىنى چەكلەش ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە قازاقىستان خىتايغا خىزمەت قىلماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز دەپ ئايرىمايدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ھەممىسىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ئوتىنى يېقىپ كەلگەنىدى. ھازىر بولسا خىتاي ھەر ئىككى خەلقنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشتى. مەن ئويلايمەنكى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەيىبلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ سېپى كۆپىيىدۇ. خىتاي ھازىر ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكچى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. چۈنكى بىر پۈتۈن مىللەتنى يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس.»

جاسارال قۇئانىشالىن: بىزنىڭ ھاكىمىيەت خىتايپەرەس ھاكىمىيەت. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن

سىياسەتشۇناس جاسارال قۇئانىشالىن ئەپەندى مۇنداق دېدى. «مەن ئۇنداق مەلۇماتقا ئىشەنمەيمەن، سەۋەبى ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاددىي پۇقرانىڭ ئۇنداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان دائىرىلىرى جامائەتچىلىكنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ شۇنداقلا قازاقلار ئارىسىدا يالغان مەلۇماتلارنىڭ تارقىتىش ئۈچۈنلا قىلىنغان ھەرىكەت دەپ بىلىمەن. بۇنىڭ ھەممىسى سىياسەت. مۇبادا بىزدە باشقا ھاكىمىيەت بولغان بولسا، ئىشىنىشكە بولاتتى. ئەمما بىزنىڭ ھاكىمىيەت خىتايپەرەس ھاكىمىيەت. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن.»

قەھرىمان غوجامبەردى: بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باغلىق ئېيتىلغان ئوخشايدۇ

تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ ھەقىقەتتىن بەك يىراق. چۈنكى ‹ئاتايۇرت پىدائىيلىرى› خىتاي لاگېرلىرىدا نۇرغۇنلىغان قازاقلار بار دېگەن گەپنى قويۇۋاتىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باغلىق ئېيتىلغان ئوخشايدۇ. قازاقىستاننىڭ ئۆز مەۋقەسى بولدى. لاگېر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللاپ، ئىمزا توپلىغانلار ئىچىدە كۆپ مۇسۇلمان ۋە تۈركىي مەملىكەتلەر بولدى. ئەمما بۇ تىزىمدا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بولمىدى. قازاقىستان بۇ مەسىلىدە بىتەرەپ پوزىتسىيەدە بولۇۋاتىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى تەسىر دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بولماقتىكەن. قازاقىستاندا خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ سېلىنىشى، خىتاي پۇقرالىرى سانىنىڭ كۆپىيىشى، خىتايلارنىڭ يەرلىك مىللەتلەرگە ئۆيلىنىپ، ئولتۇراقلىشىپ قېلىشى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە باشقىمۇ مىللەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلە بولماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت