قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى تۈركىيەدە ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى تونۇشتۇرماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى «مۇقامچىلار» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىرنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر تىياتىرى «مۇقامچىلار» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىرنى 6-ئاينىڭ 23-24-كۈنلىرى ئىزمىردا، 25-كۈنى ئاخشام بۇرسا شەھىرىدە كۆرسەتتى. بۈگۈن، يەنى 26-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدىكى بايرامپاشا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا تاماشىبىنلارغا كۆرسەتتى. مەزكۇر تىياتىر 27-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ئىستانبۇل باغلاربېشى كۈلتۈر مەركىزىدە، كەچ سائەت 8دە ئىستانبۇلدىكى مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرسىتىلىدىكەن. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىر ۋە «مۇقامچىلار» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىرنىڭ ئۇسسۇل رېژىسسورى، داڭلىق ئۇسسۇلچى گۇلباھرەم تۇردىيەۋا خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، بۇ قېتىم تۈركىيەدە ئويۇن قويۇشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم بىز سەھنىگە ئېلىپ چىققان راك مۇقامىنى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى داڭلىق ناخشىچى مۇرات ئاخمەدى سەھنىلەشتۈرگەن. بىز راك مۇقامى تولۇق ئىجرا قىلىنغان ‹مۇقامچى› ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىرنى ئىزمىر، بۇرسا قاتارلىق شەھەرلەردە كۆرسەتتۇق. بۇ ئىككى چوڭ شەھەردە ئۇيغۇرلاردىن كۆپرەك تۈرك تاماشىبىنلار كۆرۈپ ھەيران قېلىشتى. ئۇلار گۈلدۈراس ئالقىشلارنى ياڭراتتى. ئەلۋەتتە 12 مۇقامنىڭ ھەر بىرى باشقا بىر دۇنيا. پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن دەرد-ئەلەملىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان مۇقاملىرىمىز پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس بارلىق تۈركىي خەلقلەر قىزىقىپ كۆرىدىغان نادىر بىر ئەسەر. بىز بۇ قېتىم راك مۇقامىنى ئېلىپ كەلدۇق. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇندىن كېيىن باشقا مۇقاملارنىمۇ ئايرىم-ئايرىم سەھنىلەشتۈرۈپ دۇنياغا تونۇتۇش. مانا بۈگۈن تىياتىرىمىزنى ئىستانبۇلدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز».

ئارقىدىن «مۇقامچىلار» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىرنى يازغان، تونۇلغان يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «مۇقامچىلار» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىردا سەئىدىيە خانلىقى مەزگىلىدە ئۆتكەن تونۇلغان مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە سۇلتان ئابدۇرېشىت خاننىڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى رەتلەشكە بەرگەن ئەھمىيىتىنىڭ بايان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ 1 پەردە 3 كۆرۈنۈشلۈك «مۇقامچىلار» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىرى 24-ئىيۇن كۈنى ئاقشام تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدىغان ئىزمىر شەھىرىدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «مۇقامچى» ناملىق تىياتىر ئەسىرىنى كۆرگەنلىكىنى، كۆرۈرمەنلەرنىڭ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بەكلا تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

«مۇقامچىلار» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىر 25-ئىيۇن كۈنى ئاخشام تۈركىيەنىڭ تۆتىنچى چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدىغان بۇرسا شەھىرىدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. بۇنىڭغا بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. بۇرسادىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇلكېرىم ئەپەندى مەزكۇر تىياتىرنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە بۇنداق بىر مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەخىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى 1934-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 85 يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئويۇن قويغان. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا داڭلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى قۇددۇس غوجامياروف تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە ئادانا شەھەرلىرىدە ئويۇن قويغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت