قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى قىيىن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-04-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«شەبنەم» ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشلەر پروگراممىسىنىڭ يۈرگۈزگۈچىسى قەلبىنۇر روزىيېۋا. 2019-يىل ئالمۇتا.
«شەبنەم» ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشلەر پروگراممىسىنىڭ يۈرگۈزگۈچىسى قەلبىنۇر روزىيېۋا. 2019-يىل ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ دۆلەت. بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى بويىچە 250 مىڭدىن ئارتۇق، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سانىنى بۇنىڭدىن خېلى كۆپ ھېسابلايدۇ. بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى ۋە مائارىپىنى ياخشى ساقلىغان ھەم تەرەققىي قىلدۇرغانىدى. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا كۆپ قېتىم تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى تەسىس قىلىنىپ، كۆپ قېتىم توختاپ قېلىش، قىسقارتىلىشتەك ئەھۋاللارغا «يولۇققانىدى. بۇ قېتىممۇ تېخى باشلانغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئۇيغۇرچە «شەبنەم» تېلېۋىزىيە پروگراممىسى كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن مەزمۇن دائىرىسى قىسقارتىلغان.

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، ھەر قايسى ئۆز يولىدا تەرەققىي ئېتىشكە باشلىغان ئىدى. شۇ جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندىمۇ ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە ھەر خىل يوللاردىن، ئاماللاردىن، شۇ جۈملىدىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىنمۇ پايدىلاندى. شۇلارنىڭ بىرى تېلېۋىزىيە كۆرسىتىشلىرى بولۇپ، بۇ ساھە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا مۇھىم تەرغىبات مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا.

بۇ يىلى مەزكۇر ساھەدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن يەنە بىر يېڭىلىق يۈز بەرگەنىدى. يېقىندىن بۇيان قازاقىستاننىڭ «جاستار» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇر تىلىدا «شەبنەم» تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئۆز ئىشىنى باشلىغانىدى. مەزكۇر پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى، «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى قەلبىنۇر روزىيېۋا خانىم «جاستار» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئىشلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىلى بولسا، مەزكۇر قانالنىڭ ئۇيغۇرچە پروگراممىسىنىڭ ئېچىلىشىغا مۇمكىنچىلىكلەر يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر ئېتنىك خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئەت، مەدەنىيەت، تىل، ئەدەبىيات، مائارىپ، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ۋە تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە پروگراممىلار تەييارلاپ، ئېكران ئالدىدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ تەشنا قەلبلىرىنى قاندۇرۇشتا بۇ بىباھا پۇرسەت دەپ ئويلايمەن. بۈگۈنكى كۈندە ھەر خىل پروگراممىلار تەييارلانماقتا. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا يۈزىدە بولۇۋاتقان ئەھۋاللار تۈپەيلى ئىشخانىغا بېرىپ ئىشلەشكە مۇمكىنچىلىك يار بەرمىگەچكە، بار ماتېرىياللارنى تەكرار كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى بىلەن قازاقىستاندا ئېلان قىلىنغان پەۋقۇلئاددە ھالەت، بولۇپمۇ نۇر-سۇلتان، ئالمۇتا ۋە باشقىمۇ شەھەرلەردە كارانتىن تەرتىپىنىڭ جارى قىلىنىشى ئۇيغۇر تىلىدىكى مېدىيا ۋاسىتىلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن «شەبنەم» ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭمۇ ئۆز ئىشىنى قىسقارتىشقا مەجبۇر قىلغان. ئەلۋەتتە، پروگرامما پۈتۈنلەي توختىمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى ۋە پروگرامما مەزمۇنلىرى قىسقىرىپ كەتكەن.

قەلبىنۇر روزىيېۋا مەزكۇر ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ ئۆز ئىشىنى داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ھەم مەنىۋى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ پروگراممىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاتاپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى تارقىتىش ئىلگىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل شارائىتلاردا ئىش ئېلىپ بارغانىكەن. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىي ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ھەتتا ئۇيغۇر تىلىدا كۈنلۈك تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى تارقىتىش ئىمكانىيىتى ياراتقانىدى.

1984-يىلى قازاقىستان تېلېۋىزىيەسىدە «ئالىتاغ» ئۇيغۇرچە پروگراممىسى ئۆز ئىشىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ دەسلەپتە بىر سائەتتىن ھەپتىسىگە ئۈچ قېتىمدىن، كېيىنرەك ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى كۆرسىتىلىدىغان بولغان. ھەر يىللىرى ئۇنىڭدا 20 گە يېقىن ئادەم ئىشلىگەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت بۇ ئۇيغۇرچە پروگراممىغا ئاجرىتىدىغان ئىقتىسادنى قىسقارتقان ۋە ئارقىدىن ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىمۇ قىسقارتىپ، 1997-يىلىغا كەلگەندە كۆرسىتىش ۋاقتى 20 مىنۇتقىچە ئازايغانىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق «ئالىتاغ» ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغانلارنىڭ بىرى، يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىنسان ھاياتىدا ئالاھىدە رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇ جۈملىدىن 1984-يىلى ئېچىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئالىتاغ» تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ بىر قانچە يىللار داۋامىدا ئۇيغۇر تېلېتاماشىبىنلىرى ئۈچۈن يۈزلىگەن ھەر خىل ماۋزۇدىكى كۆرسىتىشلەرنى تەييارلىدى. لېكىن، بەختكە قارشى، سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن كېيىن، قازاقىستان مۇستەقىللىقىنى ئېلىپ، يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كرىزىسلارغا باغلىق مەزكۇر كۆرسىتىشلەر يېپىلىپ قالدى. لېكىن ‹ئالىتاغ› پروگراممىسى ئۆز پائالىيىتىدە ئونلىغان، يۈزلىگەن كۆرسىتىشلەرنى تەييارلاپ، تېلېۋىزىيە تاماشىنىلىرى دىققىتىگە ھاۋالە قىلدى. شۇنداقلا بەدىئىي فىلىملار، تېلېۋىزىيە فىلىملىرى تەييارلىنىپ، ئىشلىنىپ چىقتى.»

تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، «ئالىتاغ» پروگراممىسى يېپىلغاندىن كېيىن بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر قازاقىستاندا مۇنداق كۆلەمدە ھەم مەزمۇندا ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە كۆرسىتىشلىرى پروگراممىسى بولۇپ باقمىغانىكەن. ھازىر ھەتتا تېلېۋىزىيە كادىرلىرىنى تەييارلاشنىڭمۇ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2002-2003-يىللىرى «ئالىتاغ» ئۇيغۇر پروگراممىسىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇ «ۋىسال» بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. 2006-يىلدىن كېيىن بۇ نام يەنە ئۆزگىرىپ، «بىز-قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار» دېگەن نام بىلەن ھەپتىسىگە بىر قېتىم 15 مىنۇتتىن كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. ھازىر بۇ ئۇيغۇرچە پروگراممىنىڭمۇ ئۆز ئىشىنى پۈتۈنلەي توختاتقان.

ئۇيغۇر تىلىدىكى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەرگە بىنائەن يېپىلىپ كېتىشىنى ئۇيغۇر ئاھالىسى ئېچىنىش بىلەن قوبۇل قىلدى. شۇنداقتىمۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدا مۇستەقىل ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى قايتا تىكلەش ئارزۇسى يوقىمىدى. 2006-يىلى «ئوتاۋ ت ۋ» تېلېۋىزىيە شىركىتىدە «تەڭرىتاغ» ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش پروگراممىسى ئۆز پائالىيىتىنى باشلىغانىدى. مەزكۇر پروگرامما ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بېشىدا مەركەز رەئىسى ئابدۇللام ھوشۇروف تۇرغانىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىرە تاشگۈل ھېزىياروۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرى دېگۈدەك مۇشۇ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ يورۇققا چىقىشى ئۈچۈن كۈچ سېلىشتى. ئۇنىڭ ئېچىلىشىدا ھەممىمىز بولدۇق. ئابدۇللام ھوشۇروف ئۆزىنىڭ ئاغرىۋاتقىنىغا قارىماي، شۇ يەردە تىكلىنىپ تۇرغىنى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.»

تاشگۈل ھېزىياروۋانىڭ دېيىشىچە، «تەڭرىتاغ» ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ ئېچىلىشىنى كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، تىجارەتچىلىرى، كەڭ خەلق ئاممىسى قوللىغان بولسىمۇ، ئۇ بەزى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىكەن. تاشگۈل ھېزىياروۋا سۆزىنى يەنە مۇنداق دەپ داۋام قىلدى: «ئابدۇللامنىڭ بىردىن-بىر ئىشەنگىنى خەلقىمىز ئىدى. ئەمما بۇ قانالنىڭ راۋاجلىنىپ كېتىشىدە كۆپ توسالغۇلار بولدى. شۇنىڭ بىلەن قانالنى ‹ئالما ت ۋ› غا يۆتكىۋەتتى. بىراق كۆرسىتىشلەر سۈپەت تەرەپتىن ئانچە بولمىدى، چۈنكى ھەممە نەرسە مەبلەغگە باغلىق بولدى.»

تاشگۈل ھېزىياروۋانىڭ ئېيتىشىچە، «تەڭرىتاغ» پروگراممىسىغا ئىشلەش مەقسىتىدە كۆپلىگەن ياش كادىرلار كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى خىراجەت بىلەن تەمىنلەش مۇمكىن بولمىغان ئىكەن. شۇنداقلا بۇ پروگراممىنىڭ ئىش ئورنىنىڭ تۇراقلىق بولماي، بىر قانالدىن ئىككىنچى بىر قانالغا كۆچۈشى، تاماشىبىنلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا تۆلەملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقى ۋە باشقىمۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆز پائالىيىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت