قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «ئۇيغۇر قانۇنى» ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
10 - ئىيۇندا ئالماتادىكى پائالىيەتتە قەھرىمان غوجامبەردى سۆز ئۈستىدە
10 - ئىيۇندا ئالماتادىكى پائالىيەتتە قەھرىمان غوجامبەردى سۆز ئۈستىدە
RFA/Oyghan

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا بىردەك مۇتلەق ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى بىلەن ماقۇللانغان «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» نىڭ پرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن ئىمزالىنىشى ھەم ئۇنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرگە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ ھەقتە بۈگۈندىن تارتىپ قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەرلەر بېرىلىشكە باشلىدى. شۇلارنىڭ بىرى «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ قازاق بۆلۈمىدە ئېلان قىلىنغان «ترامپ شىنجاڭدىكى بېسىم ئۈچۈن خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغان قانۇنغا قول قويدى» ناملىق ماقالىدە، مەزكۇر قانۇن خىتايدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىشەنچلىرى بىلەن مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى مەجبۇرلايدۇ،» دېيىلگەن. ماقالىدە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار بىلەن مۇسۇلمانلارغا بېسىم كۆرسەتتى» دېگەن ئەيىبنى يوققا چىقىرىپ، ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى يامان قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى ۋە بۇنى خىتايغا قارشى قىلىنغان ھۇجۇم دەپ كۆرسەتكەنلىكى» بايان قىلىنغان.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردا ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. 18-ئىيۇندا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئۆتكەن بىر نەزىردە سۆزگە چىققان تارىخچى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجەمبەردى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ، ئۇنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقىنى «ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى چوڭ تارىخىي ۋەقە» دەپ ئاتىدى ۋە مەزكۇر قانۇننىڭ ئاساسىي ماۋزۇسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

بىز قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر قاتار ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى تەرىپىدىن ئىمزالانغانلىقى توغرىلىق قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى شېرىپجان نادىروف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر خەلقىگە، قېرىنداش قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتى بىرلا تىل بىلەن ئىپادىلىگەندە-گېنوتسىد، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق. بۈگۈن ناھايىتى ياخشى خەۋەر كەلدى. بۇ چوڭ خۇشاللىق. بىراق بۇ كۈرەش يېڭىدىن باشلاندى. ئالدىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئىشلار بار. مەن ئىشىنىمەنكى، بۇ قانۇن دۇنيا جامائىتىگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ ۋە كۆپلىگەن يىللار ئۈمىد، ئارزۇ قىلغان مىللىتىمىز قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلىدۇ.»

پېشقەدەم ژۇرنالىست، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى رىزا سەمەدى ئەپەندى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇن سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىشىنىڭ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ خۇشاللىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن 70 يىل جەريانىدا خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بۇ قانۇننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن زور ئۈمىد كۈتىدۇ. بۇ قانۇن لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئازاب چېكىۋاتقان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاد قىلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇنداقلا بۇ قانۇننىڭ ئەمەلىي جارى قىلىنىشىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرىپىدىن تەييارلانغان خىتايغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك دوكلاتىدا قەيت قىلىنغان خىتاي سىياسىي بيۇروسى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرىنى جازالاش توغرىسىدىكى چاقىرىقلار دەستەك بولىدۇ، دېگەن ئۈمىدتىمەن.»

رىزا سەمەدى يەنە ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا كۈچ چىقارغانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى يېقىن بولغان مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا كۆز يۇمغان بىر ۋاقىتتا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇن قوبۇل قىلىشىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا مەڭگۈ يېزىلىپ قالىدىغان چوڭ تارىخىي ۋەقە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تونۇلغان ساتىرىك يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇخالىق مەھمۇدوف ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئازابىنى تارتىپ كېلىۋاتقان خەلق ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ مەملىكەتلەرنىڭ قانۇنلىرىغا بېقىنىپ ياشاۋاتسىمۇ، يۈرىكىدە ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق شارائىتتا ئۇيغۇر توغرىلىق قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشى خىتاي ئۈچۈن بومبىغا ئوخشاش پارتلاپ تۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. خىتاي ناھايىتى قۇۋ، خەلقنى ئالدايدىغان، باشقا يوللار بىلەن ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان خەلق. ھازىر دۇنيا بۇنى چۈشەندى. بۇنى چۈشىنىشىگە بولۇپمۇ چەت مەملىكەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن يۈرىكى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ ئويلايمەن. بىزگە ئەلۋەتتە مۇستەقىللىق كېرەك. بىزمۇ ۋەتەن ئازاد بولسۇن دەپ، ئۈمىد قىلىپ ياشاۋاتىمىز. بىز ئامېرىكاغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. خىتايدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن چەتتىكىلەرنى قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە.»

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، ژۇرنالىست شاۋكەت نەزەروف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ قانۇننى مىسلى كۆرۈلمىگەن تارىخىي ۋەقە، دەپ ئېيتساق بولىدۇ. بۈگۈن بۇ قانۇنغا دۇنيادىكى ھەر بىر ئۇيغۇر چوڭ ئۈمىد بىلەن قاراۋاتىدۇ. چۈنكى مەزكۇر قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تاشلانغان دەسلەپكى ئەڭ سالماقلىق قەدەم ئىكەنلىكىدە شەك-شۈھبە يوق. ئىشەنچىم كامىلكى، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ بۇ ئالىيجاناب ھەرىكىتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئالىي دەرىجىگە قويغان يەنىمۇ كۆپلىگەن دېموكراتىك دۆلەتلەر قوللاپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەشەددىي سىياسىتىنى پاش ئېتىدۇ.»

شاۋكەت نەزەروف مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ۋە تەستىقلىنىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان بارلىق كىشىلەرگە، تەشكىلاتلارغا، ئامېرىكا سىياسىيونلىرىغا پۈتكۈل قازاقىستان خەلقى نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازاقىستاندا رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 247 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشقان. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەملىكەت قانۇنلىرىغا بېقىنغان ھالدا، ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇربان بولغان قان-قېرىنداشلىرىنىڭ، مەرھۇم دۆلەت، جامائەت، مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاش، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرغىب قىلىش يۆنىلىشىدە كۆپلىگەن ئىشلارنى ئاتقۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت