قازاقىستاندىكى بىر ئۇيغۇر ئانا كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە ئۆي ھەدىيە قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-08-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

1-ئاۋغۇست كۈنى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىگە قاراشلىق گۈلدالا يېزىسىدا كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە ھەدىيە قىلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشقارما ئەزاسى، مەركەز يېنىدىكى «نۇرانىي ئانىلار كېڭىشى» نىڭ رەئىسى گۈلجاھان مۇراتوۋا تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر مۇراسىمغا زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەمدە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ياشلار، يېزا تۇرغۇنلىرى بولۇپ كۆپ كىشى قاتناشتى.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر مۇراسىم گۈلجاھان مۇراتوۋا تەشكىللىگەن ئىجتىمائىي لايىھە ئاساسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ لايىھە بويىچە كۆپ بالىلىق، تۇرمۇش شارائىتى تۆۋەن، باققۇچىسىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەرنى تۇرۇشلۇق ئۆي بىلەن تەمىنلەش پىلانلانغان ئىكەن.

مۇراسىم رىياسەتچىسى بۇ كۈنى پەقەت گۈلدالا يېزىسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تالغىر ناھىيەسى دائىرىسىدە چوڭ يېڭىلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇراسىمنى ئېچىپ بېرىشكە گۈلجاھان مۇراتوۋانى تەكلىپ قىلدى. گۈلجاھان مۇراتوۋا بۇ مۇراسىمنىڭ قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئارا دوستلۇقنىڭ، بىرلىكنىڭ بىر يارقىن ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى، يېتىم ۋە مەجرۇھ بالىلارغا، تۇرمۇشى ئېغىر ئائىلىلەرگە مەنىۋى ۋە ماددىي ياردەم كۆرسىتىشنىڭ ھەر بىر كىشىنىڭ ئىنسانلىق بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بەش بالىنىڭ ئانىسى زۇلفىيە ئىسرائىلوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «مەن يولدىشىم قايتىش بولغاندىن كېيىن ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم. شۇ چاغدا گۈلجاھان ئاپا دەررۇ كۆچۈپ كېلىڭ دېدى. مېنى بالىلىرىڭنى يېتىملەر ئۆيىگە ئۆتكۈزۈۋەت دېگەن ئىدى. ئاللاغا شۈكرى، مۇشۇ گۈلجاھان ئانىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن بېرى ئەھۋالىم ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ.»

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان تالغىر ناھىيەلىك ئىچكى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تولقۇن سامېتوۋا، گۈلدالا يېزا باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى مېرۇئېرت ئەزىلقىياشوۋا، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئېرشات ئەسمەتوف ۋە باشقىلار مەزكۇر ئىجتىمائىي لايىھە ئاساسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇراسىمنى يۇقىرى باھالاپ، لايىھە ئاساسىدا ياردەمگە ئېرىشكەن ئائىلىلەر ئىچىدە ھەر مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. مۇراسىمدا گۈلجاھان مۇراتوۋاغا تالغىر ناھىيەلىك ۋە گۈلدالا يېزىلىق ھاكىمىيەتلەر نامىدىن پەخرىي يارلىقلار تاپشۇرۇلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر كۆپ بالىلىق ئانا تاتيانا خۇلخاچىنوۋا ئۆزىنىڭ بەش يىل مابەينىدە ئۆيلەردە ئىجارىدە تۇرۇپ، ماددىي جەھەتتىن ئىنتايىن قىينالغانلىقىنى، شۇ چاغدا گۈلجاھان ئانىغا يولۇققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن باشتا گۇمانلانغان ئىدىم، سەۋەبى مۇنداق ئادەملەرنى ئۇچرىتىش ئادەمنىڭ ئەقلىگە كىرمەتتى. مەن گۈلدالا يېزىسىغا كېلىپ، ئۆزۈمنىڭ بۇ ئىشىدىن پۇشايمان قىلمىدىم. بىز بۇ يەرگە كەلگەندە گۈلجاھان ئانا ئىجتىمائىي لايىھە بويىچە ئۆي سالدى. بىز بۈگۈن ئەنە شۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتىمىز. بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ بەخت. گۈلجاھان ھەدە ئىنتايىن ياخشى كىشى. مۇنداق ئادەملەر ئاز بولسىمۇ، لېكىن بار ئىكەنلىكىگە بىز خۇشال. بىز ئەمدى ئۆيىمىز يوق دەپ ئەنسىرىمەي، بالىلىرىمىزنى خاتىرجەم تەربىيەلەيمىز، دەپ ئويلايمەن.»

«نۇرانىي ئانىلار كېڭىشى» نىڭ رەئىسى گۈلجاھان مۇراتوۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن كىچىك ۋاقتىمدا قىيىنچىلىقنى كۆپ تارتتىم. شۇ ۋاقىتتا ئارمىنىم بار ئىدى. چوڭ بولسام، بالىلارغا قارايمەن دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشلارنى قولۇمغا ئالدىم. ئوتتۇز يىل بولدى. كېيىن ھامىيلار پەيدا بولدى. شۇلار ۋە خەلق نۇرغۇن ياردەم قىلدى. ئىككى يىل بولدى، سالامەتلىكىم ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن كەنجى بالامنى مۇشۇ ئىشقا تەييارلاۋاتىمەن.»

گۈلجاھان مۇراتوۋا ھامىيلارنىڭ ياردىمى بىلەن يەنىمۇ كۆپ مۇشۇنداق ئائىلىلەرنى ئۆي بىلەن تەمىنلەش، يېتىم-يېسىرلارغا ياردەم قىلىش ئىشلىرىنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، گۈلجاھان مۇراتوۋا يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىدە 150 ئائىلىنى، ياركەند تەۋەسىدە 180 ئائىلىنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ باشقىمۇ خەيرخاھلىق ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ، يۇرت-جامائەتچىلىك ئىچىدە چوڭ ھۆرمەتكە ئېرىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت