قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى يەنە بىر مىللەتپەرۋەر پەرزەنتىدىن جۇدا بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-12-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازانغان ئالمۇتا شەھەرلىك يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەرھۇم ئىنەمجان خۇدابەردىيېف ئەپەندى. 2019-يىل ئالمۇتا.
قازانغان ئالمۇتا شەھەرلىك يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەرھۇم ئىنەمجان خۇدابەردىيېف ئەپەندى. 2019-يىل ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

2-دېكابىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇزۇن يىللار داۋامىدا جامائەتچىلىكنى يېتەكلەپ، يۇرتىدا ئابرۇي قازانغان ئالمۇتا شەھەرلىك يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئىنەمجان خۇدابەردىيېف 71 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 3-دېكابىردا شەھەرنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە يىغىلغان يۇرت-جامائەت ئۇنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزاتتى.

مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلۈش ئالدىدا ئۆتكەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف مەرھۇمنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئۆزى تۇرۇۋاتقان دوستلۇق مەھەللىسىنى باشقۇرۇپ، مەھەللىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ياشلارنى مىللەتپەرۋەرلىك روھتا تەربىيەلەش ئىشلىرىغا چوڭ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموفنىڭ تەزىيەنامىسىنى يەتكۈزدى. ئېرشات ئەسمەتوف مۇنداق دېدى: «ئىنەمجان ئاكىنى بىز يۈرىكىدە ئوتى بار، ئۆز مەنپەئەتىنى تاشلاپ، مىللەت مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان ئىنسان سۈپىتىدە تونۇپ كەلدۇق. ئىنەمجان ئاكا دېسەك بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزغا مىللىي مەدەنىيىتىمىز كېلىدۇ.»

خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف، تىجارەتچى ئەخمەتجان شەردىنوف مەرھۇمنىڭ ھۆكۈمەت ۋە يۇرت ئالدىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىنى، ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى يۇقىرى باھالىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى، ئاتاقلىق چاقچاقچى سابىرجان غاپپاروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئىنەمجان، دوستلۇق مەھەللىسى يىگىتۋېشى بولغاندىن كېيىن مەسچىت سېلىشتا، بالىلارنى ئۇيغۇر مەكتىپىگە بېرىشتە ياخشى كۈچ چىقارغانىدى. ئۇ بىر يىلى ئاشخانا ئېچىپ، ئۇنى «پور-باجىن» دەپ ئاتىدى. ئىنەمجان ناھايىتى مەرد، ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر ئىدى. ئۇ ئۆزى باشقۇرغان دوستلۇق مەھەللىسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلاتتى.»

سابىرجان غاپپاروف ئىنەمجان خۇدابەردىيېفنىڭ 2008-يىلى رۇس مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان تۆت نەۋرىسىنى ھەمدە شۇ يىلى يەتتە ياشقا تولغان بىر نەۋرىسىنى يېتىلەپ، ئۆزى ياشاۋاتقان مەھەللىگە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ باشلانمىسىنىڭ كۆپلىگەن يىگىت باشلىرى، يۇرت ئاكتىپلىرى، پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدە زور قىزغىنلىق پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىنەمجان مەشرەپ ئوغلى خۇدابەردىيېف 1948-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتا-ئانىسى 1955-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئۇ مەكتەپكە كىرگەن. مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇ شوپۇرلۇقنى ئوقۇپ، 1969-يىلدىن 1977-يىلغىچە تاكسىچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئالمۇتادىكى سانائەت-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش فاكۇلتېتىدا سىرتتىن ئوقۇغان. ئىنەمجان خۇدابەردىيېف كۆكتات بازىرىدا، ئاندىن چاي فابرىكىسىدا باشلىق بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىنكى يىللاردا ئۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىر قاتاردا جامائەتچىلىك ئىشلىرىنىمۇ ئېلىپ بارغان. ئىنەمژان خۇدابەردىيېف ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ئالمۇتا شەھىرىدىكى دوستلۇق مەھەللىسى ۋە ناھىيەلىك يىگىت بېشى لاۋازىمىنى ئاتقۇرغان.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى يىگىت باشلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رولىنى يۇقىرى باھالاپ، مۇنداق دېدى: «مەرھۇم ئىنەمجان ئەپەندى يۇرت-جامائەت ئىشلىرىنى رەتلەش بىلەن بىرگە كۆپرەك ھازىرقى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، گېزىتكە مۇشتەرى توپلاش، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بالا ئېلىپ بېرىش ئىشلىرىنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا 2009-يىل ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسىدىن كېيىن ئالمۇتادا ئۇيۇشتۇرۇلغان چوڭ نامايىشقا كۆپ كۈچ چىقاردى. ئاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ يول-يورۇقى بىلەن دوستلۇق مەھەللىسىدە ئۆتكۈزدۇق. مۇشۇ ئىشقىمۇ كۆپ كۈچ چىقاردى.»

قەھرىمان غوجامبەردى قانداقلا ئىشتا بولمىسۇن مەرھۇمنىڭ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ، مىللەت، ۋەتەن ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ھېچ قاچان ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئىنەمجان خۇدابەردىيېف جۇمھۇرىيەتلىك يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەرھۇم ئابدۇرېشىت مەخسۈتوف بىلەن بىرلىكتە قازاقىستاننىڭ ھەر خىل رايونلىرىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەردىن ئازاب چەككەنلەرگە، شۇنداقلا تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ناچار ئائىلىلەرگە، مەجرۇھ بالىلارغا ماددىي ياردەم كۆرسىتىش ئىشلىرىغا ۋە باشقىمۇ خەيرخاھلىق ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇ شۇنداقلا 2008-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر مەھمۇت قەشقەرىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلانغان پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئالىملارنى كۈتۈۋېلىشتا ئالدىنقى سەپلەردىن بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت