قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرى مىللىي كىملىكنى ساقلاشنىڭ سەھنىسىگە ئايلانماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئۆتكەن مەشرەپتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىل 24-دېكابىر.
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئۆتكەن مەشرەپتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىل 24-دېكابىر.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دەسلەپكى يىللاردىلا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مىللىي ئەنئەنىلىرىنى قايتا تىكلەش ۋە يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرى، ھەر خىل جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرى، مەكتەپلىرى، زىيالىيلىرى ۋە باشقىلار بىرلەشكەن ھالدا بۈگۈنكى كۈنگىچە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئەنئەنىلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان مەشرەپلەرمۇ جانلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

ئەنە شۇنداق مەشرەپلەرنىڭ بىرى 24-دېكابىردا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قاراتورۇق يېزىسىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى ئولتۇرۇشىنى ئۆتكۈزدى. «ئۈمىد» دەپ ئاتالغان مەزكۇر مەشرەپ ناھىيەنىڭ چېلەك رايونلۇق مەشرەپلىرىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراتورۇق يېزىسىدىن تاشقىرى يەنە دوستلۇق، مالىۋاي، قورام، بايسېيىت، غەيرەت قاتارلىق 12 يېزىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەشرەپلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مەشرەپ رىياسەتچىسى غىلاجىدىن ئوسمانوف مۇنداق رايونلۇق مەشرەپنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭدا قەدىمدىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مەشرەپنىڭ بارلىق قائىدىلىرىنى ساقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بۇ مەشرەپنىڭ چېلەك رايونلۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، باش يىگىتۋېشى كېڭىشى ۋە ئاكتىپلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مەشرەپنى ئۆتكۈزۈشىمىزدىكى سەۋەب مۇشۇ رايوننىڭ خەلقىنى، ياشلىرىنى خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، رەسىم-قائىدىلىرى ۋە باشقا مەدەنىيەت ساھەدىكى يېڭىلىقلار شۇنداقلا ھەر بىر يۇرتنىڭ ئاتاقلىق شەخسلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇشتۇر.»

ئۇ شۇنداقلا بۇ مەشرەپنىڭ خەلق ئىچىدىن چىقىۋاتقان تالانتلارنى كەڭ دائىرىدە جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇش، رايون دائىرىسىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئالدىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاراتورۇق يېزىسىدا ئۆتكەن مەشرەپ داۋامىدا سۆزگە چىققان «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، مەشرەپ بويىچە تەتقىقاتچى ئابلەھەت كامالوف كۆپچىلىككە ئۇيغۇر مەشرىپىنىڭ تارىخىنى، ئۇنىڭ قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى، ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى رولىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. «ئالمۇتا مەشرىپى» نىڭ بېگى بۇرھان تاجىدىنوف بولسا مەشرەپلەردىكى قائىدىلەر ھەمدە يول قويۇلۇۋاتقان بەزى نۇقسانلار ھەققىدە توختالدى. مەزكۇر يىغىلىشتا ھەر خىل ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرگە ئەمگەكچىقازاق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى نامىدىن پەخرىي يارلىقلار تاپشۇرۇلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئۈمىد» مەشرىپىنىڭ ئەزاسى، دوستلۇق يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى ھاشىمجان سادىروف ئەپەندى مەشرەپنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئاساسىي مەقسىتى تىلىمىزنى تەرەققىي ئەتكۈزۈش. بالىلار باغچىسىدىن باشلاپ بالىلارغا ئانا تىلىدا بىلىم بېرىش. ئۇلارنى مەكتەپكە تەييارلاش. ئۇلارنى ئۆز تىلىنى، ۋەتىنىنى سۆيۈشكە تەربىيەلەش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ماددىي-تېخنىكالىق بازىسىغا ياردەم بېرىش. مەكتەپكە كېلەلمەيدىغان مەجرۇھ بالىلارغا، يېرىم ۋە تولۇق يېتىم بالىلارغا ياردەم بېرىش. مەشرەپ ئارقىلىق يېزا ياشلىرىنى ئۆز مىللىتىنى سۆيۈشكە تەربىيەلەش، ۋاھاكازالار.»

ھاشىمجان سادىروف يەنە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى تەشۋىق-تەرغىب قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«ئالمۇتا مەشرىپى» نىڭ بېگى، ئالمۇتا شەھىرى ئەۋېزوف ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى بۇرھان تاجىدىنوفنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، ئۇلار دېگەندەك ئاممىۋىلاشمىغان ئىكەن. ئۇ قازاقىستاندا مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا ۋە يەنىمۇ راۋاجلىنىشىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زور تەسىرى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «كېيىن تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن كىرىش-چىقىش ئىشلىرى ئاسان بولغاندىن كېيىن مەشرەپلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. 1997-يىلى «غۇلجا ۋەقەسى» چىققاندىن كېيىن خىتاي مەشرەپلەرنى چەكلىۋەتتى. لېكىن قازاقىستاندا تەرەققىي ئېتىشكە باشلىدى. 2017-يىلى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى قىرغىنچىلىقلارغا باغلىق مەشرەپلەرنى توختىتىپ قويغان ئىدۇق. يېقىندا ئۇلارنى قايتىدىن باشلاشنى توغرا كۆردۇق.»

بۇرھان تاجىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى كۈندە ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۆزىدە «ئالمۇتا مەشرىپى»، «ئالمۇتا يىگىت باشلىرى مەشرىپى»، «رايونلۇق مەشرەپ»، شۇنداقلا يەنە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ناھىيەلىك، رايونلۇق، يېزىلىق مەشرەپلەرمۇ بولۇپ، ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن رېستورانلاردا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بۇرھان تاجىدىنوف ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئانا تىلىنى ساقلاشقا، مىللىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە ۋە باشقىمۇ مۇھىم ئىشلارغا ئۈزلۈكسىز كۆڭۈل بۆلۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف ئەپەندى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، مىللىي رەسىم-قائىدىلىرى، بولۇپمۇ مەشرەپلىرى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز ئۆمرىنى ئاساسەن تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزەتتىكەن. قىشتا ھەممە ئىشلارنى يىغىشتۇرغاندىن كېيىن، مەھەللىلەردە مەشرەپلەر ئۇيۇشتۇراتتىكەن. ئىككىنچىدىن مەشرەپلەر ئۇيغۇرلارغا پايدا ئېلىپ كەلگەن. بىر-بىرىگە ياردەم بېرەتتى. مەشرەپلەر ياشلار ئۈچۈن مەكتەپ ھېسابلانغان.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەشرەپلەر توغرىلىق تەتقىقاتلار يۈرگۈزۈپ، كىتابلار نەشر قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتىكەن. «ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ۋە بەزى ئۆرپ-ئادەتلەر»، «ئوتتۇز ئوغۇل ۋە يىگىتۋېشى ئىنستىتۇتى: ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» قاتارلىق كىتابلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت