كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ بارماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-04-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالمۇتا شەھىرى نائۇرىزباي ناھىيەسىنىڭ باش يىگىت بېشى يۈسۈپجان تۇردىمەمەتوف ئۇيۇشتۇرغان خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىل 14-ئاپرېل.
ئالمۇتا شەھىرى نائۇرىزباي ناھىيەسىنىڭ باش يىگىت بېشى يۈسۈپجان تۇردىمەمەتوف ئۇيۇشتۇرغان خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىل 14-ئاپرېل.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى قازاقىستان پرېزىدېنتى كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى سەۋەبىدىن مەملىكەت تېررىتورىيەسىدە پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتكۈل ئەلدە بىخەتەرلىك چارىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلاپ، ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ، نۇرسۇلتان، ئالمۇتا، چىمكەنت قاتارلىق شەھەرلەردە كارانتىن تەرتىپى ئورنىتىلدى. پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى كۈنلەردىلا مەملىكەت بويىچە جۇمھۇرىيەتلىك «بىز بىرگەمىز» ھەرىكىتى كەڭ قانات يايدى. «نۇر-ئوتان» پارتىيەسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن باشلانغان مەزكۇر ھەرىكەت دائىرىسىدە ئاھالە ئارىسىدا تېببىي ماسكا تارقىتىش، كۆپ بالىلىق ۋە ئەھۋالى ناچار ئائىلىلەرگە، شۇنداقلا كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ماددىي ياردەم كۆرسىتىشكە ئوخشاش ساخاۋەتلىك ئىشلار يۈرگۈزۈلمەكتە. مۇنداق ئىشلار ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىمۇ ھەر خىل ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇنىڭغا جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، تىجارەتچىلەر، ياشلار جەلپ قىلىنغان.

بىز ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چونجا يېزىسىدا ئورۇنلاشقان ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى گۈلمىنەم توختايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا يۈزىدە ئېغىر ئەھۋال يۈز بېرىۋاتقىنى ھەممىمىزگە ئايان. ئەل بېشى، تېببىي خىزمەتچىلەر قاتارىدا بىزنىڭ ناھىيە باشچىلىرىمۇ بار مۇمكىنچىلىكنى ياساۋاتىدۇ. جۈملىدىن مەركەز رەئىسى ئۇيغۇن ئاكا ئارزىيېفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ناھىيە خەلقىگە 4 مىڭ دانە تېببىي ماسكا تىكىلىپ، يىگىت باشلىرى ئارقىلىق تارقىتىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئېلىمىز بېشىغا چۈشكەن ئېغىر كۈننى يېڭىش ئۈچۈن ئۈلۈش قوشۇشنى توختاتمايمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا يەنە ئۇيغۇر ناھىيەسى ياشلىرى تىجارەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ۋە بىر گۇرۇپپا ياشلارنىڭ ھامىيلىقىدا «شەپقەتلىك يەتتىسۇ» ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياردەمگە موھتاج ئائىلىلەرگە، مەجھرۇھلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ۋە باشقىمۇ ھاجەتلىك نەرسىلەر توپلاپ، ياردەم قىلغان.

ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ناھىيەلەرنىڭ يەنە بىر تالغىر ناھىيەسىدىمۇ يىگىت باشلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خەيرخاھلىق ئىشلىرى داۋام قىلماقتا. بىز تالغىر ناھىيەلىك باش يىگىت بېشى ئۆكتەبىر قۇربانىيازوف بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە، ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە ياخشى مەلۇم، خىتايدىن چىققان كورونا ۋىرۇسى دۇنياغا تارقاپ، كۆپلىگەن ئەللەردە كارانتىن ئېلان قىلىندى. بۇ ۋىرۇس قازاقىستانغىمۇ كېلىپ، پۈتكۈل خەلقنى، شۇ جۈملىدىن، بىز، ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق ئەندىشىگە سالدى. كۆپلىگەن ياشلىرىمىزنىڭ ئىشى شەھەردە بولغانلىقتىن، ئۇلار ئىشلىرىدىن ئايرىلدى. ۋەزىيەت ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر. شۇنىڭ ئۈچۈن ناھىيەمىزنىڭ يىگىت باشلىرى ئۆزئارا مەسلىھەت قىلىپ، ‹بىز بىرگەمىز› ھەرىكىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن تالغىر ناھىيەلىك ھاكىمىيەت ۋە يېزا ھاكىملىرى بىلەن بىرلىكتە ناكالارغا، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە، ئاتىسىز قالغان ئائىلىلەرگە ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن ياردەم قىلدۇق. سەۋەبى ھازىر ئاھالىنىڭ كۆپى ئىشسىز قېلىپ، بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەككە موھتاج بولۇۋاتىدۇ. بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيەتتە ھەممىمىز بىرگە بولساق، بۇ كېسەلنىمۇ تېز يېڭىمىز. مۇنداق ياردەم قىلىش ھەرىكەتلىرى موشۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ئىگىلىنىشىچە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىش سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر، ئەمگەكچىقازاق، ئۇيغۇر ۋە پانفىلوف ناھىيەلىرىدىمۇ كارانتىن تەرتىپى ئېلان قىلىنىپ، يول يۈرۈشلىرى قەتئىي چەكلەنگەنىكەن. ھازىر ناھىيەلەر ۋە يېزىلار ئارا بېرىپ-كېلىشلەر مەخسۇس ھەربىي قىسىملار ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغان.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، «مېتالل پروم گرۇپ» شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ئالمۇتا شەھىرى ئالمالى ناھىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتى ھەم «نۇر-ئوتان» پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە بولۇپمۇ كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرنى، مەجرۇھ ئىنسانلارنى ۋە تاپاۋىتى تۆۋەن ئائىلىلەرنى ماددىي قوللاش مەقسىتىدە خەيرخاھلىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، 300 ئادەمگە 12 كىلوگرامدىن ئۇن، گۈرۈچ، ماي، گۆش تارقاتتۇق. 3-4 شىركەت بىرلىشىپ، 5 مىڭ ماسكىنى مەدەنىيەت مەركىزى نامىدىن تاراتتۇق. مەركەز نامىدىن يەنە 170 ئادەمگە يەنە شۇنداق يېمەك-ئىچمەك تەييارلاپ، ئوبلاستتىن كېلىپ ئىشلەۋاتقان دوختۇرلارغا ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە تاراتتۇق. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قولىنىڭ ئوچۇقلۇقىنى، بېشىمىزغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداق ئېيتقاندا، بۇ بىزنىڭ پۇقرالىق بۇرچىمىز.»

ئالمۇتا شەھىرى ۋە ۋىلايىتىدە پەۋقۇلئاددە ھالەت ھەم كارانتىن قائىدىلىرىنى ساقلاش ھەم خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش مەقسىتىدە جاي-جايلارغا مەخسۇس پوستلار قويۇلۇپ، ئۇلاردا ھاكىمىيەت، ھوقۇق قوغداش ۋە ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ خادىملىرى ۋەزىپە ئاتقۇرماقتا. يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ نائۇرىزباي ناھىيەسىدە ئەنە شۇنداق ۋەزىپە ئاتقۇرۇۋاتقانلارنى ئىسسىق تاماق بىلەن تەمىنلەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ھەرىكەتنى نائۇرىزباي ناھىيەسىنىڭ باش يىگىت بېشى يۈسۈپجان تۇردىمەمەتوف باشقۇرغان يىگىت باشلىرى ھەم يۇرت-جامائەتچىلىك ئۇيۇشتۇرغان.

قالقامان مەھەللىسىدە ياشاۋاتقان يۈسۈپجان تۇردىمەمەتوف بۇ تەشەببۇسنى كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەھەللىدە مەشرەپ ئەھلى ۋە يىگىت باشلىرىنىڭ ۋاتساپ گۇرۇپپىسى بار، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلايلى دېدى. ھاكىمىيەتمۇ ياخشى ئىش ئىكەن دەپ قوللىدى. ئۇلار تۆت پوست بار، ھەر بىرىدە 15 ئادەمدىن بار دېدى. بىز 60 قاچا تاماق تەييارلاپ تارقاتتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا مەھەللىمىزدە ياردەمگە موھتاج ئائىلىلەرمۇ بار، ئۇلارغىمۇ تاراتتۇق. ھاكىمىيەتمۇ بۇ ياخشى ئىش ئىكەن دەپ، ماختىدى.»

مەتبۇئاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇنداق ياردەملەر قازاقىستان مەملىكىتى تەرىپىدىنمۇ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مەملىكەت پرېزىدېنتى تاپشۇرۇق بەرگەنىدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، مۇنداق ياردەملەرنى بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەجرۇھ كىشىلەرگە، مەجرۇھ بالىلارغا ۋە رەسمىي تۈردە ئىشسىز دەپ تىزىملانغان شەخسلەرگە بېرىش قاراشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تىزىمغا 800 مىڭدىن ئوشۇق ئادەم ئېلىنغان ئىكەن. ھازىر جاي-جايلاردا بۇ يۆنىلىشتە ئىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت