كورونا ۋىرۇسى قازاقىستان يېزا ئىگىلىكىگە تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-04-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستان ساقچىلىرى ئالمۇتادىكى رايونلارنى توسۇپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. 2020-يىلى 19-مارت، ئالمۇتا.
قازاقىستان ساقچىلىرى ئالمۇتادىكى رايونلارنى توسۇپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. 2020-يىلى 19-مارت، ئالمۇتا.
AP

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، يېقىندا قازاقىستان باش مىنىستىرى ئاسقار مامىن مەملىكەتتە كارانتىن تەرتىپىنىڭ قانداق قىلغان ئەھۋالدا يۇمشىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 20-ئاپرېلدىن باشلاپ نۇر-سۇلتان ۋە ئالمۇتا شەھەرلىرىدە قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى بەزى سانائەت ئورۇنلىرى ۋە خىزمەت بېجىرىدىغان مەھكىمىلەر ئۆز ئىشىنى باشلىدى. باش مىنىستىر يەنە مۇنداق رۇخسەت قىلىشلارنىڭ باشقىمۇ رايونلاردا ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە بولىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە پەۋقۇلئاددە ھالەت ھەمدە كارانتىن تەرتىپىگە قەتئىي رىئايە قىلىنىش لازىملىقىنى كۆرسەتتى. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، يېزا ئىگىلىكى ساھەسىگىمۇ دىققەت بۆلۈنۈۋاتقان بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىنى ۋاقتىدا يۈرگۈزۈش، مال چارۋىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئوخشاش مۇھىم مەسىلىلەرمۇ قارالماقتىكەن.

«خابار 24» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى قارىغاندا ۋىلايىتىدە ئىش سەپىرىدە بولدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى ساپارخان ئوماروف قارىغاندا ۋىلايىتىدە بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى بىلەن تونۇشقان.

«ئاخبارات-ئانالىتىكىلىق مەركەز» دە بېرىلگەن «بۇغداي-يېڭى نېفىت» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇ يىلى ئاساسىي ئوزۇق-تۈلۈك مەھسۇلاتى بولغان بۇغداينىڭ باھاسى ئۆرلىگەن بولۇپ، بەزى مەملىكەتلەر بۇغداينى سىرتقا چىقىرىشنى توختاتقان. بۇنىڭدىن قازاقىستان ھەم ئۇنىڭغا قوشنا رۇسىيەمۇ زەربىگە ئۇچرىغان.

ئەمدى «فوربېس» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «سېرگېي تېرېشېنكو: يېرى ۋە يازلىق ئۆيى بارلارنىڭ ھەممىسىنى كۆكتات ھەم مېۋە-چېۋە ئۆستۈرۈشكە چاقىرىمەن» ناملىق ماقالىدە ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ دۇنيا يۈزى بويىچە ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىكى مەملىكەتلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چوڭ ساھەنى ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكلىرىگە پارچىلاپ، خاتا ئىش قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر قازاقىستان بەزى يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى ئىشلەپ چىقسىمۇ، ئەمما كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ 80 پىرسەنتى، ھەتتا 100 پىرسەنتى سىرتتىن كىرىدىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى سۈت ۋە توخۇ گۆشى بىلەنمۇ قازاقىستاننىڭ ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيۋاتقانلىقى، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى بۇ ساھەگە كۆپ كۈچ ۋە مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆزگە كۆرۈنگۈدەك نەتىجىلەر بەرمەيۋاتقان ئىكەن. ماقالىدا يېزا ئىگىلىكى ساھەسى بويىچە كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىملىقى، قازاقىستاننىڭ كۆپلىگەن يېزا-ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا 100دىن ئوشۇق مىللەت ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاساسىي جەھەتتىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشقان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى يېزا يەرلىرىدە ئورۇنلاشقان. كېيىنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كورونا ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئالمۇتا شەھىرىدىن باشقا ئالمۇتا ۋىلايىتىدىمۇ 15-ئاپرېلدىن تارتىپ كارانتىن تەرتىپى ئېلان قىلىنغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ۋەزىيەتنى ئىگىلىدۇق.

پانفىلوف ناھىيەسىگە قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان تۇرسۇنمەھەمەت مەشۈروف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ياركەنتتە قاتتىق تۇتۇپ كېتىۋاتمايدۇ. قۇرۇلۇش دۇكانلىرى ئىشلەۋاتىدۇ، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىسۇن دەپ. شەھەر ۋە يېزىلارغا پوست قويۇپ، كىرىشنى چىڭىتقاندەك قىلغانىدى، ھازىر ئېلىۋەتتى. ھەممىسى ئەركىن مېڭىپ يۈرىدۇ، ئەمما ماسكا بىلەن. دېھقانچىلىققا ئەركىنلىك بەردى. دېھقانچىلىق ئىگىلىكلىرىنىڭ قولىدا رۇخسەت قەغەز بولغانلىقتىن ئۇلارغا ھېچ قانداق توسالغۇ يوق. كۈن ئىسسىشقا باشلىغاندا ئۇلار ئادەملەرنى ياللاپ، ئالمىلارنىڭ ھەممىسىنى پۇتىدى. ھازىر ئومۇمەن تەييارلىق ئىشلىرى كېتىۋاتىدۇ.»

ئۇ يەنە كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ناھىيە بويىچە ئومۇمەن ئىشسىز قالغانلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

تالغىر ناھىيەسىنىڭ تۇزدىباستاۋ يېزىسىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چونجا يېزىسىدا 21 يىلدىن بۇيان باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان داۋۇتجان مۇسايېف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەر ھەپتىدە كېلىپ كېتىمەن. بۇ يەردە مەن ئالما ۋە قارا ئۆرۈك ئۆستۈرىمەن. مېۋىنى ساتىدىغان ئادەملىرىمىز بار، كېلىپ ئېلىپ كېتىدىغان. كىمنىڭ دېھقان ئىگىلىكى بار، بىزگە يول ئوچۇق. بۇ يىلى سوغۇق سەۋەبىدىن ئۈششۈك بولۇپ، ئۆرۈك يوق. ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئىككى يىلدا بىر ئۈششۈك بولۇۋاتىدۇ. بىراق بۇ ئىش ئۆزىنى ئاقلايدۇ.»

ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ دوستلۇق يېزىسىدا ياشاۋاتقان ھاشىمجان سادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئاھالىنىڭ 90 پىرسەنتى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزدە كورونا ۋىرۇسى دېسىمۇ، بۈگۈن قىلىدىغان تىرىكچىلىكنى ئەتە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە ھازىر تېرىلغۇ باشلىنىپ كەتتى. پارنىك قىلغانلار لازا، پەمىدۇر تېرىۋاتىدۇ. ئېتىزدىكىلەر ئالمىچىلىق ئىشلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئالما شىركەتلىرى كۆپ. مالنىمۇ ۋاقتىدا پادىغا قوشمىسا بولمايدۇ. بۇنى توختاتتى دېگەن سۆز بىر يىللىق ئوزۇق يوق دېگەن سۆز.»

ھاشىمجان سادىروف يەنە بولۇپمۇ ئالمۇتا شەھىرىدە ئىجارىگە ئۆي ئېلىپ ئىشلەۋاتقان كۆپلىگەن ياش ئائىلىلەرنىڭ ھازىر ئىشسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «كورونا ۋىرۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېزىغا چىقتى. بىراق ئۇلارنى قاراپ ئولتۇرىدۇ دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيلىرىنى، قورۇلىرىنى ياساۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭمۇ بۇ يەردە كەمچىلىكى بار. مەسىلەن، بۇ يەردە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى يوق. ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشكە ھۆكۈمەت قويۇپ بەرمەيۋاتىدۇ. خەلق بار مۇمكىنچىلىكى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.»

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يېزا ئىگىلىكى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور مەسىمجان ۋىلەموف ئەپەندى يېزا يەرلىرىدە بىخەتەرلىك چارىلىرى ۋاقتىدا قوللىنىلغانلىقتىن كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، يېزا ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا باشلاشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر چاپسان پىشىدىغان كارتوشكا (ياڭيۇ)، كاپۇستا، تەرخەمەك ۋە باشقىمۇ مەھسۇلاتلارنى شەھەرلەرگە يەتكۈزۈشنى، چەتئەللەرگە چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئەمما چېگرالار يېپىق بولغاچقا، ئۇلارنى پىشقاندىن كېيىن قەيەرگە ساتىمىز دېگەن نەرسە چوڭ مەسىلە بولۇۋاتىدۇ. بۇنى يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى دۇرۇس ھەل قىلسا دەيمەن. ياز كېلىۋاتىدۇ. يازدا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى تۆۋەن بولىدۇ. بىراق شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ خەۋپى بار.»

ئاكادېمىك مەسىمجان ۋېلەموف يېزا ئىگىلىكى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى خەلققە ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ھۆكۈمەت ھەم تېگىشلىك ئورگانلارنىڭ بىرلىشىپ ھەل قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر بالىلىرى ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدىغان 60 تىن ئوشۇق تازا ئۇيغۇرچە ھەمدە ئارىلاش، يەنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس تىللىق مەكتەپلەر بار ئىكەن. پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بارلىق قازاقىستان مەكتەپلىرى ئۆز پائالىيىتىنى قىسقارتىپ، ئوقۇش مۇساپىلىك تەرتىپكە ئۆتكەن. ھازىر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب نەشر قىلىدىغان نەشرىياتلارمۇ ئۆز ئىشىنى توختاتقان. پەقەت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى خادىملىرى ئۆيدە تۇرۇپ ئىشلەپ، گېزىت داۋاملىق نەشر قىلىنماقتا.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يېزا-ئىگىلىك رايونلىرىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئەنە شۇ يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدىكى يېزىلاردىكى مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشقان. كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇ يېزىلاردىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىمۇ كۆپ مەسىلىلەرگە يولۇققان، يەنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوقۇتۇلغاندا يەنە كۆپلىگەن ئائىلىلەر ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كومپيۇتېر ۋە باشقا تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە يولۇققانلىقى مەلۇم.

قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار 246مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بىلەن پۈتۈن قازاقىستاندىكى مىللەتلەر قاتارىدا 5-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئەمما، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ھېسابلايدۇ. ئۇيغۇرلار ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدىن تارتىپ ئالمۇتا شەھىرىگە بولغان كەڭ زېمىندا توپلىشىپ ياشايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بۇرۇندىن تارتىپ، ئەنە شۇ يەتتىسۇدا ياشىغان، خېلى كۆپ قىسمى 1881-1883-يىللىرى چار رۇسىيە ئىلىنى مانجۇلارغا قايتۇرۇپ بەرگەن چاغدىكى كۆچ-كۆچتە ھازىرقى جايلىرىغا كېلىپ ماكانلاشقان. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 1955-1962-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقانىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يېزا-ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانسا، شەھەرلەردىكىلىرى ھۆكمەت خىزمەتلىرى، زاۋۇت-فابرىكىلار، مائارىپ ساھەسى ۋە ھەر خىل تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كورونا ۋىرۇسىنىڭ باشقا ھەر مىللەت خەلقلىرى قاتارىدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغىمۇ تۈرلۈك ئېغىرچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت