قازاقىستاندىكى كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى ھەر خىل قاراشلارنى كەلتۈرۈپ چىقماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-05-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستان ساقچىلىرى ئالمۇتادىكى رايونلارنى توسۇپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. 2020-يىلى 19-مارت، ئالمۇتا.
قازاقىستان ساقچىلىرى ئالمۇتادىكى رايونلارنى توسۇپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. 2020-يىلى 19-مارت، ئالمۇتا.
AP

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان دەپ قارىلىۋاتقان كورونا ۋىرۇسىنىڭ كۈچىيىش سەۋەبىدىن 16-مارتتىن باشلاپ قازاقىستاندا ئارقا-ئارقىدىن بىخەتەرلىك چارىلىرىنىڭ كۆرۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

دەسلەپتە ئېلان قىلىنغان پەۋقۇلئاددە ھالەت نەتىجىلىك بولمىغانلىقتىن، مەملىكەتنىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە، ئاندىن بەزى ئوبلاستلاردا كارانتىن تەرتىپى ئېلان قىلىنىپ، پۈتكۈل قازاقىستان بويىچە پەۋقۇلئاددە ھالەت 11-مايغىچە ئۇزارتىلغانىدى. ئەمما بەزى ئاخىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندىكى كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتى خېلى جىددىيلەشكەن ئىكەن.

«قازتاگ» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قازاقىستاندىكى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرىدىن ئەنسىرىمەكتە» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا بويىچە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خانس كليۇگې ئاخىرقى ھەپتىدە رۇسىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان ۋە ئۇكرائىنادا كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىكەن. ئۇ يەنە تاجىكىستاندىمۇ مەزكۇر تەشكىلات مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەھۋالنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپانىڭ 43 مەملىكىتىدە تولۇق ياكى قىسمەن چەكلەش چارىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە 32 دۆلەتتە بىخەتەرلىك چارىلىرىنى يېنىكلىتىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما «پەرغانە» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «مەركىزىي ئاسىيادا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ۋەقەنامىسى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى خېلى تۆۋەنكەن.

ماقالىدا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا 7-مايغا قەدەر شەكىللەنگەن ۋەزىيەتكە باھا بېرىلگەن. قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 4530، ساقايغانلار 1470، ئۆلگەنلەر 30 ئادەمنى تەشكىل قىلغان. مەملىكەت ئىچىدە بەزى يېنىكچىلىكلەرگە يول قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ساقلاش تەلەپ قىلىنىدىكەن. 4-مايدىن تارتىپ بەزى دۇكانلار، رەسىمخانىلار، ساتىراشخانىلار، تېببىي مەركەزلەر، كۆچمەس مۈلۈكلەرنى ئېلىپ-سېتىش شىركەتلىرى ۋە باشقىلارغا ئىش باشلاش رۇخسەت قىلىنغان.
ماقالىدا دېيىلىشىچە، كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى ئۆزبېكىستاندا 2266، قىرغىزىستاندا 895، تاجىكىستاندا 461 ئادەمگە يەتكەن. ئەمدى تۈركمەنىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارلا ئەمەس، ھەتتا بۇ كېسەل ھەققىدە بىرمۇ يېڭىلىق ئېلان قىلىنمىغانىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستاندىكى كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپلىكىنى قازاقىستانلىق ۋىرۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىندا قىلغان بىلدۈرۈشىمۇ تەستىقلىماقتىكەن.

«نۇر قازاقىستان» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «قازاقىستانلىق يۇقۇملۇق كېسەل مۇتەخەسسىسلىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىنى نويابىردا كۈتمەكتە» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، قازاقىستانلىق بۇ ساھە مۇتەخەسسىسلىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ كەم دېگەندە يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستانلىق ھەم چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر يۇقۇملىنىشنىڭ ئىككىنچى، ھەتتا ئۈچىنچى دولقۇنى كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ماسكىلارنى تاقاش توختىتىلمايدۇ، ئىككىنچىلىرى كورونا ۋىرۇسى ئۇزاققا سوزۇلىدۇ، ئۈچىنچىلىرى بولسا، بۇ كېسەل ھەتتا مەڭگۈگە كەلدى، دەپ ھېسابلايدىكەن.

شۇلارنىڭ بىرى تېببىي پەنلەر دوكتورى دىناگۈل بايېشېۋا بۇ ۋىرۇسنى ھەر يىلى ئەتىيازلىقى ۋە كۈزلۈكى ئۇچرىتىشقا بولىدىغانلىقىنى، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەم ئورگانىزمىغا ماسلاشقانلىقىنى، رۇسىيەلىك ئالىملارنىڭمۇ خۇددى شۇنداق پىكىردە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، بۇ ۋىرۇس مەۋسۇملۇق خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋىتالىي زۋېرېف بۇ ۋىرۇسنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ھېچ قاچان يوقىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قارشى ۋاكسىنانىڭمۇ ئىشلىنىپ چىقماسلىق مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر پىكىرلەر ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مىكروبىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور باتىربېك ئايتجانوف ئەپەندى ھەر قانداق ۋىرۇسنىڭ، شۇ جۈملىدىن كورونا ۋىرۇسىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان خۇسۇسىيەتلىرى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئادەتتىكى ۋىرۇسلارغا ئوخشاش بۇمۇ يىل مەزگىللىرىدە ئادەملەرنىڭ ئىممۇنىتېتى تۆۋەنلىگەندە قايتىلىنىشى مۇمكىن. بىراق ئۇ شۇ پېتىچە قالىدۇ دېگەن دۇرۇس ئەمەس. ئۇنىڭغا قارشى ھەر خىل مەھسۇلاتلار چىقىۋاتىدۇ. بۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىرەر نەتىجىسىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مەڭگۈ بولۇپ قالمايدۇ. ھەر مەۋسۇمدا ئۇ قايتىلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى مەۋسۇمنىڭ ئاخىرىدا ئورگانىزم ئوساللىشىدۇ، ۋىتامىن كەملىكى پەيدا بولىدۇ، ئىممۇنىتېت تۆۋەنلەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىگىمۇ باغلىق. ئۇلار بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ۋاقتىدا ساقلىسا، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلىسا، بۇ كېسەلنى يېڭىشكە بولىدۇ.»

باتىربېك ئايتجانوف يەنە قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا بىخەتەرلىك چارىلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس دېگەن تەخمىنلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ھەر قانداق كېسەلنى ياخشى تەتقىق قىلغان تەقدىردىلا ئۇنى يېڭىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋىرۇس ئىلمى مۇتەخەسسىسى، ئاكادېمىك مەسىمجان ۋېلەموفنىڭ پىكرىچە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە پەۋقۇلئاددە ھالەت تەلەپلىرىنى قەتئىي ساقلىغان ھالدا، بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن چىقىش مۇمكىنكەن.

مەسىمجان ۋېلەموف مۇنداق دېدى: «ياز پەسلىدە كۈن نۇرىنىڭ، كۆكتاتلارنىڭ كۆپ بولۇشى، ئىممۇنىتېتنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن، شۇنداقلا ساقلىق چارىلىرى ساقلانسا، ئەلۋەتتە، ئۇنى يېڭىپ چىقىش ئىمكانىيىتى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىمىزدە 11-مايدىن كېيىن كارانتىننى توختىتىمىز دېگەن مەسىلىلەر كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. كۈزدە ۋىرۇس يەنە چىقىشى مۇمكىنمۇ؟ كارانتىن ئېچىلسىمۇ، قولنى يۇيۇپ، ماسكا تاقاپ، ساقلىق نورمىلىرىنى ساقلاپ، كۆكتات تاماقلارنى يەپ، تەن-ھەرىكەت قىلىپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا يول قويماسلىققا بولىدۇ.»

مەسىمجان ۋېلەموف ئادەمزادنىڭ ئىلگىرىمۇ مۇنداق ۋىرۇسلارغا دۇچ كەلسىمۇ، ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن ئۇلاردىن قۇتۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قازاقىستان مەتبۇاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇبادا ۋەزىيەت جىددىيلەشمىسە، 11-مايدا پەۋقۇلئاددە ھالەت توختىتىلسىمۇ، ئەمما كارانتىن تەرتىپىگە مۇناسىۋەتلىك چارىلەر ساقلىنىپ قالىدىكەن. بۇ ھەقتە مەملىكەت پرېزىدېنتى خەۋەر قىلغان. ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ساقچىلارنىڭ كارانتىن تەرتىپىنى ساقلاش، ماسكا تاقىمىغانلارنى توختىتىش ھەرىكەتلىرى بېسىلغان. شۇنداقلا ناھىيەلەردىن شەھەرگە كىرىش مەسىلىسىدىمۇ يېنىكچىلىكلەر بولغان.

تولۇق بەت