قازاقىستاننىڭ قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن ئۆز ئارا ياردەملىرى راۋاجلانماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-04-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاق تېببىي خادىملار ئالمۇتا خەلقئارالىق ئايرودرومىدا ئۇكرائىنادىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ كورونا ۋىرۇس ئالامەتلىرىنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 27-مارت، ئالمۇتا.
قازاق تېببىي خادىملار ئالمۇتا خەلقئارالىق ئايرودرومىدا ئۇكرائىنادىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ كورونا ۋىرۇس ئالامەتلىرىنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 27-مارت، ئالمۇتا.
AP

مەلۇمكى، دۇنياغا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى كۆپلىگەن مەملىكەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا زىيان يەتكۈزگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەزى مەملىكەتلەر باشقا ئەللەرگە ياردەم بىلەن مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزلىرىمۇ ياردەم قولىنى سوزماقتا. بۇ ئەھۋالنى بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاننىڭ قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىرىدىمۇ روشەن كۆرۈشكە بولىدۇ.

«قازاق ئاخبارات ئاگېنتلىقى» ئېلان قىلغان «قازاقىستان تاجىكىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سۈپىتىدە 5 مىڭ توننا ئۇن بەردى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى قازاقىستانغا ياردەم كۆرسىتىش ئىلتىماسى بىلەن مۇراجىئەت قىلغان بولۇپ، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا قازاقىستان 5 مىڭ توننا ئۇن يەتكۈزگەن. قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف ۋە تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئالى راخمون ئۆز ئارا تېلېفون سۆھبىتى يۈرگۈزگەن. ئۇلار مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان ھەم كورونا ۋىرۇسىغا قارشى قوللىنىلىۋاتقان چارىلەر بويىچە ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرغان. تاجىكىستان پرېزىدېنتى قازاقىستاننىڭ ئىككىنچى سودا شېرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

ئۆز نۆۋىتىدە قازاقىستانمۇ رۇسىيەگە مۇراجىئەت قىلىپ، ياردەم سورىغان ئىدى. «سپۇتنىك» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان رۇسىيەدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سورىدى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، «مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى» تەشكىلاتىغا كىرگەن مەملىكەتلەردىن ئۇكرائىنا ۋە تۈركمەنىستاندىن باشقىلارنىڭ بارلىقى رۇسىيەدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سورىغان.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستانغا يېقىندىن ياردەم كۆرسىتىۋاتقان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى خىتاي بولماقتىكەن. قازاقىستاننىڭ «ك ت ك» تېلېۋىزىيە قانىلى ئېلان قىلغان «ئالمۇتا ئايرودرومىغا خىتايدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يېتىپ كەلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مارت ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىدىن قازاقىستانغا 50 مىڭ ماسكا، ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا خىتايدىن 65 كوروپكا تېببىي ئەسۋابلار كەلگەن.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، «فوربېس» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستان خىتايدىن بەش توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېلىپ كەلدى» ناملىق ماقالىدا 10-ئاپرېلدا قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتان شەھىرىگە تېببىي مەھسۇلاتلار، دورا-دەرمەكلەر بىلەن بىر قاتاردا بىر گۇرۇپپا خىتاي دوختۇرلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى ئېيتىلغان. قازاقىستان سالامەتلىكنى ساقلاش مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى كامالجان نادىروف ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستاننىڭ خىتايغا تېببىي ماسكىلار بىلەن ياردەم كۆرسەتكەنلىكىنى، ھازىر قازاقىستان ئۈچۈن ئەڭ لازىم بولغان ماسكا، بىر قېتىملىق كىيىم ۋە كۆزئەينەكلەرنىڭ خىتايدىن يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي مۇنداق ياردەمنى يېقىندا قىرغىزىستانغىمۇ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا ئۆزبېكىستان قىرغىزىستانغا مىڭ توننا ئۇن ۋە باشقىمۇ ئوزۇق-تۈلۈك مەھسۇلاتلىرى، تاجىكىستانغا بولسا 18 ۋاگون ئۇن ۋە ماسكا، پەلەي قاتارلىق تېببىي مەھسۇلاتلار بىلەن ياردەم قىلغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسى قارمىقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى بولات ئاۋۇلبايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەممە ئەللەر بىر-بىرىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ئەمدى قازاقىستاننىڭ قانچىلىك مۇنداق ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. قازاقىستان ئۆزى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، دەپ ئويلايمەن. قازاقىستان ئۆزىمۇ باشقا مەملىكەتلەرگە ياردەم بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىزدە بۇ كېسەلنى داۋالاش ۋاسىتىلىرى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان بۇ كېسەلگە ئۆزى يالغۇز قارشى تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتا قازاقىستان خىتاي ئۇسۇلىنى تاللاپ ئالدى، يەنى پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىپ، قاتتىق چارىلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، يۇقۇملانغانلار سانى ئېلىمىزدە بارغانسېرى ئۆسمەكتە. مۇشۇنداقلا داۋام قىلسا، كېلەچەكتە قازاقىستان باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ياردىمىگە قاتتىق موھتاج بولۇشى مۇمكىن. ھازىر قوشنا مەملىكەتلەردىن ئۆزبېكىستانمۇ باشقىلارغا ياردەم كۆرسىتىۋاتىدۇ. كورونا ۋىرۇسى تۈگەل توختىمىغۇچە، مۇنداق ئۆز-ئارا ياردەملەر يەنىمۇ داۋام قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ئىگىلىنىشىچە، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ باشقا مەملىكەتلەرگە ئەۋەتكەن مەھسۇلاتلىرى ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتىكەن. «lenta.ru» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «بىر نەچچە ئەل كورونا ۋىرۇسى بىلەن بولغان كۈرەشتە خىتاينىڭ ياردىمىدىن باش تارتتى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئىسپانىيە، تۈركىيە ۋە گوللاندىيە خىتاينىڭ ياردىمىدىن باش تارتىپ، مىڭلىغان ماسكا ۋە باشقىمۇ مەھسۇلاتلارنى قايتۇرغان. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئەۋەتكەن كېسەلنى ئېنىقلاش ئەسۋابلىرىنى 60 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشلەتكەن بولسىمۇ، بۇ ۋىرۇسنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە كورونا ۋىرۇسىدىن پايدىلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن.

«فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى» دا بېرىلگەن تانيا ۋويتيۇكنىڭ «گوللاندىيە خىتايدىن ئالغان مىليون تېببىي ماسكا ئىچىدە 600 مىڭى ساپاسىز بولۇپ چىقتى» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ساپاسىز ماسكىلار گوللاندىيەنىڭ بىر نەچچە ئاغرىقخانىلىرىغا بۆلۈنۈپ بېرىلگەن ئىكەن. ھازىر سالامەتلىكنى ساقلاش مىنىستىرلىقى باشقا ماسكىلارنى تارقىتىشنى توختاتقان.

سىياسەتشۇناس رىسبېك سارسېنباي قازاقىستاننىڭ خىتايدىن ئېلىۋاتقان ياردىمىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مۇنداق ئەلدىن باشقىلارغا قانداق ياردەم بولۇشى مۇمكىن دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. مېنىڭ بىر ئاڭلىغىنىم، خىتاي ئىتالىيەگىمۇ ئۆزىنىڭ دوختۇرلىرىنى ئەۋەتكەن ئوخشايدۇ. خىتاي دوختۇرلىرى بارغاندىن كېيىن بۇ كېسەل ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەخسەن مەن ئۇلارنىڭ بىزگە ياردەمگە كېلىشىنى قوللىمايمەن. ھازىر ئامېرىكا خىتاينى بۇ ۋىرۇسنى دۇنياغا تارقاتقان دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. بىز، مەسىلەن، كۆپلىگەن خىتاي ئويۇنچۇقلىرىدىن ئادەملەرنىڭ زەھەرلەنگەنلىكى ھەققىدىمۇ ئاڭلىدۇق. خىتايغا ئىشەنمەسلىك ھەققىدىمۇ كۆپ سۆزلەر بولۇۋاتىدۇ. بەزى مەملىكەتلەرنىڭ خىتاي ماسكىلىرىدىن باش تارتقانلىقىمۇ بىكار ئەمەس. ھازىر خىتاينىڭ خەلقلەرگە قانچىلىك زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنىڭدىن ياردەم ئېلىش، مېنىڭچە، دۇرۇس ئەمەس. ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمانلارنى ئېزىۋاتقان خىتايدىن قانداق ياخشىلىق كۈتۈش مۇمكىن؟»

قازاقىستانلىق ۋىرۇس ئىلمى مۇتەخەسسىسى، ئاكادېمىك مەسىمجان ۋىلياموف ئەپەندى قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇلارنىڭ بىرى سىرتتىن كېلىۋاتقان ياردەم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن ماسكىلار، كېسەلنى ئېنىقلاش دورىلىرى كەلدى. بىراق ئىتالىيە، گېرمانىيەگە ئەۋەتىلگەن ياردەملەردە ئۇلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ئانچە يۇقىرى ئەمەسلىكى ئىسپاتلانماقتا. قازاقىستاننىڭ چەتئەللەرگە بولغان ياردىمى قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە بولۇپ، كارانتىندىن دۇرۇس چىقىدىغىنىمىزنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.»

ئاخىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 800 دىن ئاشقان. ئىلگىرى قازاقىستان پرېزىدېنتى ئەلدە 15-ئاپرېلغىچە پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى. پەۋقۇلئاددە ھالەت بويىچە دۆلەت كومىسسىيەسىنىڭ 10-ئاپرېلدىكى قارارى بويىچە پەۋقۇلئاددە ھالەت قەرەلى يەنە 30-ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت