قىرغىزىستان پارلامېنتى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىگە چېتىشلىق پۇل يۆتكەش ۋەقەسىنىڭ «پۇل يۇيۇش قىلمىشى» ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
پارىخورلۇققا چېتىشلىق زور كۆلەمدىكى «پۇل يۇيۇش قىلمىشى» ۋە قىرغىزىستاندىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 18-دېكابىر، بىشكەك
پارىخورلۇققا چېتىشلىق زور كۆلەمدىكى «پۇل يۇيۇش قىلمىشى» ۋە قىرغىزىستاندىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 18-دېكابىر، بىشكەك
AFP

قىرغىزىستان پارلامېنتى 18-ئىيۇن كۈنى پارلامېنت تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىرغىزىستاندا كارگو تىجارىتى (مال توشۇش) بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىگە چېتىشلىق چەتئەلگە پۇل يۆتكەش ۋەقەسىگە ئائىت تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاۋازغا قويۇپ، دوكلاتنى تەستىقلىگەن. دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، قىرغىزىستان تاراتقۇلىرى ۋە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرى تەرىپىدىن پارىخورلۇققا چېتىشلىق زور كۆلەمدىكى «پۇل يۇيۇش قىلمىشى» دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن بۇ ۋەقەنىڭ «قىرغىزىستان بىلەن ئالاقىسى يوق» بولۇپ، بۇ پۇل «قىرغىز ۋە چەتئەل تىجارەتچىلىرىنىڭ سەرمايىسى» ئىكەن.

تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتى 18-ئىيۇن كۈنى 72 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن تەستىقلانغان. قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى، تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى تالانتبېك مامىتوف 23-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاقلىدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ پۇل «قىرغىزىستاننىڭ پۇلى ئەمەس، بەلكى قىرغىز ۋە چەتئەل تىجارەتچىلىرىنىڭ سەرمايىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەقەت باج-سېلىقلا تۆلىمىگەن يېرى بار» ئىكەن.

تالانتبېك مامىتوف مۇنداق دېدى: «كومىسسىيىلەرنىڭ دوكلاتى توردا بار. بىز بۇ پۇلنىڭ قىرغىزىستان، ئۆزبەكىستانلىق تىجارەتچىلەنرىڭ پۇلى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. كومىسسىيە بۇنى تەكشۈرۈش ئېنىقلاش ئارقىلىق بۇ خۇلاسىنى چىقاردى. شۇ سەۋەبلىك چەتئەلگە يۆتكەلگەن پۇل تىجارەتچىلەرنىڭ پۇلى. بۇنىڭدا پەقەت بۇ پۇل ئۈچۈن باج-سېلىق تۆلەنمىگەن، دېگەن بىرلا مەسىلە كۆرۈلدى. باج مەسىلىسى سەۋەبلىك ‹ئابدۇراز› دېگەن شىركەت سوتقا بېرىلدى، نېمىشقا باج تۆلىمەيدۇ دەپ. ھازىر بۇ مەسىلە بىر رايونلۇق سوتتا كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا بۇ تىجارەتچىلەرنىڭ سەرمايە يۆتكەش ھەرىكىتى دېگەن خۇلاسە چىقتى. پەقەت بىرلا مەسىلە باج مەسىلىسى. ھازىر بۇ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا سوت قارار بېرىدۇ. خۇلاسىلىگەندە، بۇ سودىگەرلەرنىڭ پۇلى، ئۇلار پەقەت باج تۆلىمىگەن، خالاس.»

مەزكۇر ۋەقە ئىلگىرى مەركىزى پراگادىكى «ئازادلىق رادىيوسى» تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنىپ، قىرغىزىستاندا كارگو تىجارىتى (مال توشۇش) بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچى ھەبىبۇللا ئابدۇقادىر بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسلىق ئادەم، دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ پۇل يۆتكىشىدە ئەركىن سەمەت ئىسىملىك ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى، بۇ ھالقىغا قىرغىزىستان تاموژنا ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى رېھىمبېك مەترېھىموفنىڭ چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھەبىبۇللا ئابدۇقادىرنىڭ قىرغىزىستاندىكى كۈچلۈك بىر سىياسەتچىنىڭ ياردىمىدە يەر ئاستى كارگو ئىمپەرىيەسىنى ماڭدۇرىدىغانلىقى، ئەركىن سەمەت ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا مۇخبىرغا «دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرىدە ئاممىۋى مەبلەغنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغانلىقىغا داىر ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغانلىقى» ئېلان قىلىنغان ئىدى.

بۇ خەۋەر قىرغىزىستاندا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، ئۆكتىچىلەر ۋە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ كۈچۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان. قىرغىزىستاندا بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى، ئۇنىڭغا چېتىلغانلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلىپ، نامايىشلار يۈز بەرگەن. جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىدا قىرغىزىستان پارلامېنتى تالانتبېك مامىتوفنىڭ باشچىلىقىدا بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللىگەن ئىدى.

تالانتبېك مامىتوف يەنە مۇنداق دېدى: «كومىسسىيىلەرنىڭ ئېنىقلىشىچە، بىزنىڭ قىرغىزىستاندىن يۆتكەلگەن پۇل 932 مىليوند دوللار. ئۇنىڭ يۆتكىلىشىدە ئەلۋەتتە مەسىلە بار، بەزى قانۇنسىز ئەھۋاللار مەۋجۇت. مەسىلەن، ئۆزبەكىستاندىن چىققان بولسا قانداق يول بىلەن چىققان، دېگەنلەرنى ئېنىقلاش كېرەك. پۇل يۆتكەشتىكى نېگىزلىك مەسىلە ئەركىن سەمەت باج تۆلىگەن ئەمەس، دېيىلدى. ھازىر ئەركىن سەمەتنىڭ پۇل پېرۋۇتى قىرغىزىستانغا 6 مىليارد سوم زىيان سالدى، دېگەن گەپ بار. بۇنىڭ 3 مىليارد سومى باج، قالغىنى ئۆسۈم بولۇپ، جەمئىي 6 مىليارد سوم. ھازىر ‹ئابدۇراز› شىركىتى سوتتا زاكۇنلىشىۋاتىدۇ، بۇنچىلىك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ. بۇنىڭغا سوت قارار بېرىدۇ، بىزنىڭ كومىسسىيە بىر نېمە دېيەلمەيمىز. بۇ داۋا ھازىر تەرگاۋدا.»

لېكىن بۇنىڭدا ھالقىلىق شەخس، دەپ قارىلىپ كەلگەن ئەركىن سەمەت 2019-يىلى 10-نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى بىر مېھماخانىنىڭ چايخانىسىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەركىن سەمەت ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ بىر قانچە ئاي ئالدىدا ئۇ «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ «پۇل يۇيۇش» ھەرىكىتىدىكى ھالقىلىق رولىغا ئالاقىدار دەلىللەرنى تەمىنلەپ، «2011 بىلەن 2016-يىلى ئارىلىقىدا قىرغىزىستاندىن 700 مىليون دوللار يۆتكىگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

پەرھات ھاجى تىلەندىبايېف قىرغىزىستان پارلامېنتىدا تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇمۇ بۇ ۋەقەنىڭ سودا پائالىيىتى ئىكەنلىكى، «پۇل يۇيۇش» ھەرىكىتى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. پەرھات ھاجى تىلەندىبايەف بۇ سۆزلەرنى 23-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى.

پەرھات ھاجى تىلەندىبايېف مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا مۇنداق قاراڭ، مەن بىلىمەن ئۇ پۇلنى. ئۇ پۇل ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى ئەمەس. ئۇ پۇل تىجارەتچىلەرنىڭ، تىجارەت قىلغان شۇ ئادەملەرنىڭ پۇلى. ئۇنىڭدا يۈز پىرسەنت ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى يوق. بۇ تىجارەتنى قىلغانلار تۈركىيە بىلەن، خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىپ، بۇ پۇلنى شۇ تەرەپلەرگە يۆتكەپ، كېيىن شۇ پۇلغا يەنە مال ئېكىلىدۇ. مېنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭدا پۇلى يوق. بىراق سىرتقا چىققان شۇ پۇلنىڭ ئازراق بېجى تۆلىنىشى كېرەك ئىدى. شۇ پۇل تۆلەنمىگەن. قالغىنىدا ھېچقانداق چوڭ چاتاق يوق.»

لېكىن تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلغاندا قىرغىزىستان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىگە تەۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئاۋاز بەرمىگەنلىكى مەلۇم. پارلامېنت ئەزاسى داستان بېكېشېف ئەنە شۇنداق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 24-ئىيۇن كۈنى تەرجىماننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن ئاۋاز بەرمىگەنلىكىنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇ بۇ دوكلاتنى تولۇق ئوقۇپ چىقمىغان ئىكەن.

داستان بېكېشېف مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، مەن بۇ كومىسسىيىلەرنىڭ ئەزاسى ئەمەس. ئىككىنچىدىن، مەن بۇ دوكلاتقا ئاۋاز بەرمىدىم…چۈنكى مېنىڭ ئاۋاز بەرمەسلىكىمدىكى سەۋەب مېنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا تولۇق ئۇچۇرۇم يوق. مەن ئۇ دوكلاتنى تولۇق ئوقۇپ چىقمىدىم.»

داستان بېكېشېف ئىلگىرى قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ «ئازادلىق رادىيوسى» ھەققىدىكى سۆزلىرىنى تەنقىدلىگەن. «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ساغىنبېك سامىدىن ئوغلى بۇ يىل 2-ئىيۇن قىرغىزىستان پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئەركىن سەمەتنىڭ «ئازادلىق رادىيوسى» قىرغىز بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرىغا 100 مىڭ دوللار بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ بۇنىڭغا ئىككى كىشىنىڭ شاھىتلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن شاھىتلارنىڭ سۆزىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمىگەن. ئەينى ۋاقىتتا داستان بېكېشېف ساغىنبېكنىڭ سۆزلىرىنى «ئازادلىق رادىيوسى غا توپا چاچقانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن. داستان بېكېشېف رادىيومىزنڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سۆزلىرىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

داستان بېكېشېف مۇنداق دېدى: «مەن ھازىرمۇ شۇ ۋاقىتتىكى پىكىرىمدە چىڭ تۇرىمەن. ھازىرمۇ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەمدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. چۈنكى بۇ تەكشۈرۈش چوقۇم مەخپىي ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. سىز سوتنىڭ ھۆكۈمى بولماي تۇرۇپ، پەقەتلام ئىككى ئادەمنىڭ شاھىتلىقىغا تايىنىپ، بۇنداق پىكىردە بولالمايسىز.»

لېكىن تالانتبېك مامىتوف 23-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قىرغىزىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق سابىق باش كونسۇلى ئەركىن سوپوكوفنىڭ شاھىتلىق بېرىپ، ئەركىن سەمەتنىڭ «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ مۇخبىرىغا 100 مىڭ دوللار بېرىشنى ۋەدە قىلغانلىقى، لېكىن 50 مىڭ دوللارنى بېرىپ، قالغان 50 مىڭ دوللارنى بېرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تالانتبېك مامىتوف مۇنداق دېدى: «بۇنى ئەركىن سوپوكوف سوراقتا ئېيتقان. ئالى توختاخونوف بىلەن مۇشۇنداق كېلىشىم بولغان. 100 مىڭ دوللار بېرىمەن دېگەن، لېكىن 50 مىڭ دوللارنى بېرىپ، قالغىنىنى بېرەلمەي قالدى. 50 مىڭ دوللارنى پېشىن بەرگەن. ‹شۇنداق قىلساڭ 100 دوللار بېرىمەن› دەپ ئەيتقان. ئالى توختاخونوف كېلىپ ئېلىپ كەتكەن، دېگەن. ئەركىن سوپوكوف ئەركىن سەمەتنىڭ دائىم يېنىدا يۈرگەن. ئۇ شۇنداق، دەپ ئېيتقان. ئەركىن سوپوكوف قىرغىزىستاننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى، شۇ گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئەركىن سەمەتكە بەرگەن. ئەركىن سەمەت شۇنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يۈرگەن.» لېكىن تالانتبەك مامىتوفنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەركىن سوپوكوف بۇ سۆزلەرنى پارلامېنتنىڭ تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئەمەس، تېرگاۋدا ئېيتقان ئىكەن.

ئەركىن سوپوكوف ئەركىن سەمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك ئۆتكەن يىلى نويابىرنىڭ باشلىرىدا ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، شۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز 23-ئىيۇن كۈنى «ئازادلىق رادىيوسى» بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى سورىدۇق. «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئالاقە ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى جواننا لېۋىسون يازما بايانات يوللاپ، ئۇلارغا قارىتىلغان ئەيىپلەشلەرنى «چىرىك شەخسلەرنىڭ مۇخبىرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» دەپ تەنقىدلىدى.

ئۇ باياناتىدا «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ سابىق پرېزىدېنتى جېيمىي فلاينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئەيىپلەشلەر بايلىقى ۋە ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان چىرىك شەخسلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان مۇخبىرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇرۇنۇشىدەك قىلىدۇ.»

باياناتتا يەنە مەترېھىموفنىڭ ئالى توختاخۇنوف ۋە قىرغىز بۆلۈمى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغانلىقى، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قىرغىز بۆلۈمىنىڭ بانكا ھېسابىنى توڭلىتىپ قويماقچى بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «بىز ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتەك بۇ خىل قىلمىشنى ئەيىبلەيمىز. قىرغىز دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىرلارغا تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى چارىمىز،» دېگەن.

قىرغىزىستان تاموژنا ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى مەترەھىموف ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەركىن سەمەتنىڭ پۇل يۆتكەش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلۈك تايانچ، دەپ ئەيىبلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن مەترېھىموف ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ قىرغىز بۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ مۇخبىرى ئالى توختاخونوف ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان ئىدى. جوئاننا لەۋىسون، نۆۋەتتە سوتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، شۇڭا بۇ دېلو ھەققىدە ئىچكىرىلەپ پىكىر بىلدۈرمەيدىغانلىقى، ئەمما سوتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت