قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى «ئىتتىپاق» گېزىتىگە ياردەم قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2019-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان بائۇدۇنوف گۆدەكلەر بىلەن. 2019-يىلى دېكابىر، بىشكەك.
«ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان بائۇدۇنوف گۆدەكلەر بىلەن. 2019-يىلى دېكابىر، بىشكەك.
RFA/Féruze

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى «ئىتتىپاق» نىڭ باشقۇرۇشىدىكى «ئىتتىپاق» گېزىتى 25 يىلدىن بۇيان توختىماستىن چىقماقتا. ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلىدا، ۋە قىسمەن مەزمۇنلىرى رۇس تىلىدا بولغان مەزكۇر گېزىت قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدىكى مۇھىم نامايەندىدۇر. بۇ گېزىت ئاساسلىقى خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا چىقىرىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى ئىزچىل تۈردە گېزىتكە ساخاۋەت قىلىپ كەلمەكتە. يېقىندا بىشكەكتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىمۇ ئۆزلىرى پۇل توپلاپ، بۇ گېزىتكە ئىئانە قىلدى.

قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بىر يىل جەريانىدا تامچىلاپ يىغىپ پۇل ئىئانە ساندۇقىنى تولدۇرۇپ، قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئىتتىپاق» گېزىتىگە ساخاۋەت قىلدى. مەزكۇر ساخاۋەتنى تاپشۇرۇش پائالىيىتى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئىدارىسىدە ئۆتتى.

ئاياللار بىرلىكىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى رابىيە مامۇت خانىم ئۆزىنىڭ باللىرىنى ۋە ئون ئىككى نەۋرىسىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيەلەپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە ھەر شەنبە كۈنى «ئۇيغۇر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئادەتكە ئايلانغانىكەن. رابىيە خانىم ھەر ھەپتىدە نەۋرىلىرىگە ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب ۋە شېئىرلارنى، ۋەتەن توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بېرىدىكەن ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ سۆزلەپ بېرىدىكەن. رابىيە مامۇت خانىمنىڭ نەۋرىلىرى بىرىنچى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ساندۇقچىسىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر يېتىملارغا ئەۋەتكەن ئىكەن، بۇ يىلى بولسا ئۇلار «ئىتتىپاق» گېزىتى تەرەققىي قىلسۇن دەپ «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ تەھرىر بۆلۈمىگە تاپشۇرغان. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە مامۇت خانىم، نەۋرىلىرىنىڭ پۇل ساندۇقىنىڭ نامىنىڭ «ئۇيغۇرىستان» ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى كۈچەيسۇن دېگەن ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈردى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، قىرغىزىستان ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول بېرىلگەنىدى. 1994-يىلى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ بىرىنچى سانى نەشرىدىن چىقتى. رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان بائۇدۇنوف، گېزىتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

ئەكبەرجان ئەپەندى يەنە، ھازىرقى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈچ مىڭدىن ئوشۇق چىقىرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، «ئىتتىپاق» گېزىتى داۋاملىق قوللىغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ كەلمەكتە. «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى رەھىمجان ھاپىزى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۆدەكلەرنىڭ ئۆز پۇل ئىئانە ساندۇقىنى ئۇيغۇر گېزىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تاپشۇرغانلىقىدىن ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ۋە ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى رابىيە خانىمغا ئوخشاش تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرسە، بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ گۆدەكلەرگە سوئال قويساق، ئۇلار چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۆزلىرىنى دائىم ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيەلەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىشتى.

پۇل ئىئانە ساندۇقىنى يىغىپ ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلىغان كاسىموفلار ئائىلىسىدىكى پەرزەنتلەر فەيزىيا، ئەمىرا، رەيئانە، لېيلا، ئاماننىسا، ھەدىيە، ئەمرۇللا، ئۆمەر، خەيرۇللا ۋە جائانبولاتتۇر. ئۇلارغا «ئىتتىپاق» گېزىتى تەرىپىدىن «قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى» ۋە «ئېلىپبە» ناملىق كىتابلار تەقدىم قىلىندى.

بۈگۈنكى كۈنلەردە «ئىتتىپاق» گېزىتى ھەر ئايدا كىرىل ۋە ئەرەب-ئۇيغۇر يېزىقلىرىدا ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا 3300 نۇسخىدىن نەشر قىلىنىپ كېلىنمەكتە. گېزىت، قازاقىستان، رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە پوچتا ئارقىلىق تارقىتىلىپ كېلىنمەكتە، شۇنداقلا بەزى چەت’ ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارغا تور ئارقىلىق تارقىتىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت