قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت مۇزېيى ئېچىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2019-07-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قىرغىزىستاندا ئېچىلغان ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت مۇزېيىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 23-ئىيۇل. قىرغىزىستان.
قىرغىزىستاندا ئېچىلغان ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت مۇزېيىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 23-ئىيۇل. قىرغىزىستان.
RFA/Feruze

ئىگىلىشىمىزچە، قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئالاتاۋ يېزىسىدا ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت مۇزېيى ئېچىلماقچىكەن. مەزكۇر مۇزېيدا يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىن يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا دائىر بۇيۇملار شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىغا دائىر يىغىلمىلار كۆرگەزمىگە قويۇلىدىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف باشلىقىدىكى ھەيئەت ئالاتاۋ يېزىسىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇلار مەزكۇر يېزىدا يېڭىدىن ئېچىلماقچى بولغان مۇزېينى زىيارەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. مەزكۇر ھەيئەت بەش كىشىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف، قىرغىزىستان مەدەنىيىتىگە ئەمگەك سىڭدۈرگەن رەسسام سابىتجان باباجانوف، رۇسىيەنىڭ سانكىت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ھەمراجان ئامراق، سىياسىي پەنلەرنىڭ ماگىستىر نامزاتى رەھىمجان ھاپىزى ۋە جامائەت ئەربابى يارمۇھەممەت ئابدۇللايېفتىن ئىبارەت.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇزېي ئەكبەر كەرىموفنىڭ شەخسىي خىراجىتى ۋە ئەمگىكى بىلەن ئېچىلماقچى ئىكەن. ئۇ ئۆز قولى بىلەن تۆمۈر ۋە قاپاقلاردىن ھەر خىل سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساپ مۇزېيغا قويغان شۇنداقلا قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانلارنى ئارىلاپ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ۋە مىللىي بۇيۇملارنى سېتىۋېلىپ، ئۆز مۇزېيىغا قويغان ئىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەكبەر كەرىموف ئۆزىنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە قىزىقىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇشۇ مۇزېي ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە مەزكۇر مۇزېيدىكى يىغمىلارنى قازاقىستان، موڭغۇلىيە، ۋىيېتنام ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلارنىڭمۇ زىيارەت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئەكبەر كەرىموف قۇرغان بۇ مۇزېينى ھەرقانداق ئىنسان خالىغان ۋاقىتتا ھەقسىز زىيارەت قىلسا بولىدىكەن. ئەكبەر ئەپەندى يەنە زىيارەت قىلغۇچىلارغا مۇزېيدىكى يىغمىلارنى شەخسەن ئۆزى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. 

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى يېقىنقى ئوتتۇز يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئىلگىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان 70 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى جامائەت ئىشلىرىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئانچە ئارىلىشىپ كېتەلمىگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى ئېغىر ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىل-يېزىقى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشكە، مىللىي كىملىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. 

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى يارمۇھەممەت ئابدۇللايېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنى بىلىش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت مۇزېيىنىڭ ئېچىلىشى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيىلەش ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان مەدەنىيىتىگە ئەمگەك سىڭدۈرگەن رەسسام سابىتجان باباجانوف ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت مۇزېيىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، مەزكۇر مۇزېيغا قويۇلغان ساماۋەر، بۆشۈك ۋە ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئۆزىنى ئالاھىدە جېلپ قىلغانلىقىنى، بىر رەسسام بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر مۇزېيغا ياردەم بېرىشنى ھەرۋاقىت خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ سانكىت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ھەمراجان ئامراق ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەكبەر ئەپەندىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ھۈنەر-سەنئەتكە خۇشتارلىقىنى ماختىدى. قىرغىزىستاندا قۇرۇلغان بۇ مۇزېينىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەكبەر كەرىموف قىرغىزىستاندا ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەر خىل كۆلەمدىكى كۆرگەزمىلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئايالى سالامەت خانىم بىلەن بىرگە ئۆز مۇزېيىدىكى يىغمىلارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت