ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شەنبە كۈنى سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئىشسىزلىق نىسبىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ،500 مىڭ كىشىلىك ئىش ئورنى كۆپەيتىلگەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەقسىتىنىڭ بۇ ساننى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2010 - يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبى بىلەن بېلارۇسىيىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىۋاتقان سابىق قىرغىز پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف ئۈستىدىن ئېچىلغان بۇ سوتتا گەرچە باقىيېف ئۆزى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدىن دۆلەت رەھبىرىلىك مەنسىپىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، مەملىكەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى ئارتىلغان.
سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چوڭجۇ شەھەرلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 17 - فېۋرال كۈنى ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلۈۋالغان. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرىشىچە، خې جيەنگۇ ئىسىملىك مەزكۇر ئەمەلدار چوڭجۇ شەھەرلىك تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بىناسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.
ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى - FaceBook جۈمە كۈنى خىتاي مەنبەلىك توربۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقنى بىلدۈردى.
خىتاي ئاخباراتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا چاغان خاتىرىلەش جەريانىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرۈلگەن ئوت ئاپىتىدە 36 ئادەم ئۆلگەن.
جۈمە كۈنى كەچتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىر قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، ئامېرىكىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كورىيىگە قارىتىلغان چەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.
شىمالىي كورىيە خىتايغا بۇ يىل ئىچىدە يەنە بىر ياكى ئىككى قېتىم يادرو سىنىقى قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئامېرىكىنى شىمالىي كورىيە بىلەن دىپلوماتىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلىشى مۇمكىن.