بېرمۇدادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى "ۋىكىلىكس"نىڭ بېرمۇداغا دائىر ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋىللېت "بېرمۇدا قۇياشى" گېزىتىگە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، "ۋىكىلىكس" تور بېتىنىڭ ئامېرىكا مەخپىي دىپلوماتىك ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سەيبىن ۋىللېت گۈەنتانامودىكى 4 ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا ياردەم قىلغان ئادۋوكاتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، "ۋىكىلىكس" تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان 250 مىڭ بەتلىك ھۈججەتنىڭ ئىچىدىكى بېرمۇداغا دائىر 68 پارچە ھۆججەتنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا - بېرمۇدا ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى سۆھبەتكە دائىر مەزمۇنلارنىڭ بار-يوقلۇقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن بۇ تۈرلۈك ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلانماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ تۈرلۈك ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلاشنىڭ "ھېچقانداق دۆلەت ۋە تۇتقۇنغا پايدىسى تەگمەيدۇ".

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېرمۇدا بىلەن ئېلىپ بارغان نۇرغۇن قېتىملىق مەخپىي سۆھبەتلەردىن كېيىن، 2009‏- يىلى 7‏- ئايدا گۈەنتانامودىكى خۇزەيفا پەرھات، ئابدۇل سەمەت، ئابدۇل ناسىر ۋە جالال جالالىدىن قاتارلىق 4 كىشىنىڭ بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك خولدېر، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش پرېزىدېنت ئوبامانىڭ گۈەنتانامونى تاقاش پىلانىنى ئالغا سۈرۈپ، ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، "ۋىكىلىكس " ئاشكارىلىغان بېرمۇداغا دائىر 68 پارچە ھۆججەتنىڭ 7 پارچىسى ئامېرىكىنىڭ بېرمۇدادىكى كونسۇلخانىسى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان يازمىلار. نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى "ۋىكىلىكس "ئېلان قىلغان ھۆججەتلەر ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، بۇ ھۆججەتلەردە ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، سلوۋېنىيە، تىنچ ئوكياندىكى كىرباتى قاتارلىق ئەللەر بىلەن سودىلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئەينى چاغدىكى بېرمۇدا باش مىنىستىرى ئېۋارت بروۋېن بولسا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە باھا بېرىشنى رەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت