ئىقتىسادىي مەسىلە 20 دۆلەت يىغىنىدىكى ئاساسلىق تېما

سانائەتلەشكەن 8 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى يىغىنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە داۋاملاشماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يىغىن جەريانىدا كانادا باش مىنىستىرى ستېفان خارپېر بىر قىسىم دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچراشقاندىن سىرت يەنە بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ ئۆز-ئارا ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ، تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدى بىلەن ئامېرىكا، رۇسىيە، كانادا، ياپونىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق 8 تەرەققى قىلغان ۋە سانائەتلەشكەن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 8 سانائەت دۆلىتىنىڭ يىللىق يىغىنىنى ئاچقان. يىغىن تامام بولغاندىن كېيىن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قوشۇلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ئېچىلغان.

8 سانائەت دۆلىتى بىر قاتار خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇلار شىمالىي كورىيىنى تەنقىد قىلغان، ئىراننى ئىنسان ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەشكە چاقىرغان. بىرما ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىك رەھبەر ئاڭسان سۇكىينى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىننىڭ بۈگۈنكى ئاساسلىق تېمىسى يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ بىر قىسىم ئىقتىسادىي چوڭ گەۋدىلەرنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قايتىدىن تەرەققى قىلىشىغا قارىتىشى لازىملىقى، گەرچە ئارىلىقتا ئىقتىسادىي جەھەتتە قىسقا كۆتۈرۈلۈش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادنىڭ يەنىلا قايتىدىن تۆۋەنلەش خەۋپى بارلىقى، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىلگىرىلىتىشتە پەقەت ئامېرىكىغىلا تايىنىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت