تۈركىيىنىڭ بىر گېزىتى شىئەن لىڭتۇڭدىكى تۆپىلىكلەرنىڭ تۈركلەرگە ئائىت پېرامىدالار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيىنىڭ "ساباھ گېزىتى" جۈمە كۈنى چاتما رەسىملىك خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شىئەن شەھىرى لىڭتۇڭ ناھىيىسىدىكى تۆپىلىكلەرنىڭ قەدىمقى تۈركلەرگە ئائىت پېرامىدالار ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ پېرامىدالاردىكى سىر ئېچىلسا تارىخنىڭ باشقىدىن يېزىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-04-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

"ساباھ گېزىتى"نىڭ بۇ ھەقتىكى چاتما رەسىملىك خەۋىرىدە، لىڭتۇڭدىكى پېرامىدالارنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تۈركلەرگە ئائىت نۇرغۇن ئارخېئولوگىيىلىك ۋەسىقىلەرنىڭ رەسىملىرىنى تارتىپ چىققان تۈركىيىلىك يازغۇچى ئوكتان كەلەشنىڭ پېرامىدا ئىچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا يەر بېرىلگەن.

خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر پېرامىدالارنى چەكلەنگەن رايون ئېلان قىلىپ، بۇ يەردە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئوكتان كەلەشنىڭ پېرامىداغا كىرىپ، تۈركلەرگە ئائىت ھەيكەللەر، سىمۋوللار ۋە شەكىللەرنى كۆرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئوكتان كەلەشنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، يەرلىك دائىرىلەر پېرامىدادىكى تۈركلەرگە ئائىت ۋەسىقىلەرگە ناھايىتى ئەجەپلىنەرلىك چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولۇپ، "قەدىمقى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار جۇڭگوغا ياللانما ئەسكەر بولۇپ ئىشلەيتتى. بۇ يەردىكى سىمۋوللار ۋە بەلگىلەر شۇلاردىن قالغان" دېگەن.

ئوكتان كەلەش، پېرامىدانىڭ ئىچىدىكى بىر شام گۆردىن ئىگىزلىكى 2 مېتىر كېلىدىغان بىر موميا ئۇچراتقانلىقىنى، موميانىڭ ئۈستىدىكى قىياغا ئويۇلغان تۈرلۈك شەكىللەر، يېزىقلار، "ئاي، يۇلتۇز ۋە بۆرىنىڭ باش سۈرىتى"نى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شىئەننىڭ لىڭتۇڭ ئەتراپى قەدىمقى ھۇن-تۈركىي قەۋملەر پائالىيەت ئېلىپ بارغان ماكانلارنىڭ بىرىدۇر. لىڭتۇڭ ناھىيىسىدە تۈركىيىلىك يازغۇچى پېرامىدا، دەپ ئاتىغان بۇ خىل سۈنئىي تۆپىلىكلەردىن 100 گە يېقىن تۆپىلىك بار بولۇپ، خىتايلار بۇ تۆپىلەردىن بىرىنىڭ چىن شىخۇاڭغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت