ئابدۇرېھىم ئاكا بېيجىڭغا يەنە بېرىپ ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بېيجىڭدا ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بوۋاي ئابدۇرېھىم موللەك يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ قويۇۋېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ساقچىدا 4 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مۇخبىرىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئابدۇرېھىم ئاكا تەۋە دېھقانچىلىق مەيداننىڭ باشلىقى خەن جيامىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ھازىرچە، خەن جيامىڭنىڭ نېمە سەۋەبتىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خەن جيامىڭ ئەسلى قىزىل يېزا ياشلار دېھقانچىلىق مەيداننىڭ باشلىقى. ئابدۇرېھىم ئاكا قىزىل ياشلار مەيدانىدا 232 مو ئېكىنزارلىق بەرپا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خەن جيامىڭ 1997 - يىلى ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىپ گەنسۇلۇق دېھقانلارغا ئىجارىگە بېرىۋەتكەن. ئابدۇرېھىم ئاكا شۇندىن باشلاپ يېرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن داۋا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇرېھىم ئاكا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، خەن جيامىڭنىڭ ئورنىغا ئۆستۈرۈلگەن يېڭى باشلىق ئابدۇرېھىم ئاكا بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭ مەسىلىسىنى بىر ئاي ئىچىدە ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

ئابدۇرېھىم ئاكا ئىلگىرى سابىق مەيدان باشلىقى خەن جيامىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، خەن جيامىڭ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ئىكەن.

ئابدۇرېھىم ئاكا مۇخبىرىمىزغا، ئەگەر يەر مەسىلىسى بىر ئاي ئىچىدە ھەل بولمىسا، بېيجىڭغا 12 - قېتىم بېرىپ، ئەرزىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت