ئافغانىستان پرېزىدېنتى كارزاي قەبىلە ئاق ساقاللىرىنىڭ ئۆزىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كەندىھار رايونىدىكى بىر قانچە يۈز قەبىلە باشلىقلىرى ۋە دىنىي داھىيلارنىڭ ئۆزىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھامىد كارزاي بىر نەپەر ئامېرىكا ھەربىي قوماندانى بىلەن كەندىھارغا بارغان بولۇپ، قەبىلە باشلىقلىرى ۋە دىنىي رەھبەرلەرگە ئاچقان يىغىندا سۆز قىلغان ھامىد ئۇلارنىڭ كەندىھار رايونىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان تالىبانلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇلارنى ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى توختىتىپ، تىنچ خاتىرجەم ۋەزىيەت بەرپا قىلىشقا چاقىرغان. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھامىد كارزاينى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.

كەندىھار تالىبانلارنىڭ ئاساسلىق بازىلىرىدىن بىرى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ھامىد كارزاينىڭ يەرلىك قەبىلە ئاق ساقاللىرى ۋە دىنىي داھىيلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تالىبانلارنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى ئاجىزلىتىشنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇ، ئىلگىرى تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ قورال تاشلاپ، تىنچ ۋەزىيەت ئورنىتىشى، ئۇلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى، ھەتتا تىنچلىق مەسىلىسىدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تالىبانلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت