ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-06-22
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە ۋۇ باڭگونىڭ "بىز ئافغانىستان بىلەن تېررورلۇق ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە مۇناسىۋەتلىك جىنايى ئىشلارغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييار" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاتالمىش "تېررورلۇق " قا قارشى ھەمكارلىقنىڭ تەپسىلىي دىتاللىرىنى تىلغا ئالمىغان.
يۇنۇس قانۇنىنىڭ زىيارىتى ئامېرىكا ئافغانىستاندا قوشۇن كۆپەيتىپ، تالىبانلارغا قارشى ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن، خىتاي ش.ت.ئى. ھەرىكىتىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى توختىماي داۋراڭ سېلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
يۇنۇس قانۇنى خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن سەل بۇرۇن ئافغانىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى رانگىن دادفار سپانتا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، ش. تۈركىستان - ئافغانىستان چېگرىسىدىكى ۋاخان كارىدورىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئافغانىستان تەرەپنىڭ بۇ تەكلىپىنى ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ۋۇ باڭگو دۈشەنبە كۈنى قانۇنى بىلەن كۆرۈشكەندە يەنە، ئافغانلار بىلەن سودا - ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى، ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۈتلۇقى خىتاينى ناھايىتى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتاي ئافغانىستاندىكى تەسىرى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئافغانلار بىلەن سودىنى كۈچەيتىش دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.