ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئافغانىستاندا 1 تىرىليون دوللار قىممىتىدىكى مىنېرال ماددا زاپىسى بارلىقىنى بايقىغان

ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئافغانىستاندا بىر تىرىليون دوللار قىممىتىدىكى مىنېرال ماددا زاپىسى بارلىقىنى بايقىغان. ئافغانىستان دائىرىلىرى مەزكۇر تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئافغانىستاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-06-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دۈشەنبە كۈنى "نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى"دە ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تەكشۈرگۈچىلەر ئافغانىستاندا زور مىقداردا لىتىي، تومۇر، ئالتۇن، نىئوبىي قاتارلىق مەدەن ماددىلارنى بايقىغان. لىتىي ماددىسى باتارېيە ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئېھتىياج بارغانچە ئېشىۋاتقان ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئافغانىستان كانچىلىق مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋاد ئۆمەر: "مەزكۇر تەبىئىي بايلىقلار ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي يۈكسىلىشىدە چوڭ رول ئوينايدۇ،" دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋە ھىندىستان دائىرىلىرى ئافغانىستاندا كان ئېچىش ئۈچۈن مۇسابىقىگە چۈشكەن. ھالبۇكى خىتاي ئافغانىستاندا مىس كېنى ئېچىشنى قولغا كەلتۈرگەن. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندا تالىبانلار بىلەن سوقۇش قىلىۋاتقان پەيتلەردە، خىتاينىڭ مەزكۇر بايلىقلاردىن پايدا ئېلىشى، ئامېرىكا -خىتاي مەنپەئەتلىرىدە توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا. 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت