خىتاي ئافرىقىدا يەر سېتىۋېلىپ، ئاچارچىلىققا سەۋەب بولغانلىقىنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئافرىقىدا تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىۋېلىپ، كەڭ كۆلەملىك سانائەتلەشكەن يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئاچارچىلىققا سەۋەب بولغانلىقىنى رەت قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا گېرمانىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئافرىقىدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا خىتاينىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقى، ئۇنىڭ ئافرىقىدا قۇرغان سانائەتلەشكەن يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنىڭ ئافرىقا يەرلىك دېھقانچىلىقىنى ۋەيران قىلىپ، ئاچارچىلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى تورىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ئەمەلدارىنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى رەت قىلغان ۋە بۇ ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى «تامامەن ئويدۇرما» دېگەن شۇنداقلا ئافرىقىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. خىتاينىڭ ئافرىقىغا سالغان مەبلىغى خىيانەتچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ مۇھىتى، ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يېقىندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى گۇنتېر نۇك، خىتاينىڭ ئافرىقىدا تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىپ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى قۇرۇشى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى ئاساس قىلغان.

بۇ يەرلىك ئافرىقىلىقلار بىلەن زور مەنپەئەت توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ يەرلىك دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلەردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ جان بېقىش يولىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت