ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت ئۇيغۇر خرىستىئان ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇر خرىستىئان ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قەشقەر ئوتتۇرا سوت ئەسلى بەرگەن ھۆكۈمنى كۈچە ئىگە قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010-04-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر خرىستىئان ئالىمجان "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللىكلەرگە ئاشكارىلاش جىنايىتى" بىلەن 2009 - يىلى ئۆكتەبىردە قەشقەردە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئۇنىڭ بېيجىڭلىق ئادۋوكاتى لى بەيگۇئاڭ نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 16 - مارت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت ئالىمجاننىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، قەشقەر ئوتتۇرا سوتنىڭ ئىلگىرى ھۆكۈمىنى كۈچە ئىگە قىلغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت ئالىمجان ھىمىت ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭ ئىنتايىن ھەقلىق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ سىياسىي ھوقۇقىدىن بەش يىل مەھرۇم قىلىنىش ھۆكۈمىنىڭمۇ توغرا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئادۋوكات لىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىمجان ھىمىتقا ئەسلى " بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىش" جىنايىتى ئارتىلغان بولۇپ، كېيىن بۇ جىنايەت چەتئەللىكلەرگە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش"قا ئۆزگەرتىلگەن.

ئالىمجان پەقەت چەتئەلدىن كەلگەن خرىستىئان مۇخلىسلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالىمجان قەشقەردە قولغا ئېلىنغان ھەمدە 2008 - يىلى يانۋاردا قەشقەر بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن جازاغا تارتىلغان. ئۇ، قەشقەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ھېچقانداق جىنايەت ئارتىلماي بىر يىل تۇتۇپ تۇرۇلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت