ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ۋە يەسلىلەرگە ئامانلىق ساقلاش خادىمى سەپلىنىدىكەن

كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە ئامانلىق ساقلاش خادىمى سەپلىنىدىكەن. بۈگۈن شىنخۇا تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2011- يىلى كۈز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئوتتۇرا. باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە شۇنداقلا يەسلىلەرگە ئاز دېگەندە 4 نەپەر ئامانلىق ساقلاش خادىمى قويۇش قارار قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2010-12-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر قارار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى چىقارغان " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە ئامانلىق خادىمى سەپلەش لايىھىسى" گە ئاساسەن بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ قارارنىڭ مەقسىتى مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، زور ۋەقەلەر كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. قارارغا ئاساسەن، ھەر قايسى مەكتەپ ۋە يەسلىلەر بۇ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاساسىي لازىمەتلەرنى تەييارلاپ بېرىشى كېرەك ئىكەن.

قاراردا يەنە، ئوقۇغۇچىلار سانى 200 دىن ئاشىدىغان شۇنداقلا مەكتەپ ئەتراپىدىكى مۇھىت بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان رايونلاردىكى مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە 2011- يىلى باھار پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپلا ئامانلىق خادىمى سەپلەش بەلگىلەنگەن. ئەمما، خەۋەردە نېمىنىڭ "مۇرەككەپ مۇھىت" بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت