ۋىكىلىكس: ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئالەم بوشلۇقىدا تىركەشتى

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا ئائىت مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن ۋىكىلىكس تور بېتى يېقىندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئالەم بوشلۇقى قوراللىرى تىركىشىشىگە ئائىت بەزى ماتېرىياللارنى ئېلان قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-02-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ۋىكىلىكسنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئائىت بولغان ماتېرىياللاردىن تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى قوراللىرىغا ئىگە بولۇش مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭنى قورال كۈچى ئىشلىتىش بىلەن تەھدىت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېگەن: "ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىركىشىش 2007-يىلىدىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، خىتاي بۇ مەزگىلدە 850 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر مېترولوگىيە سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈردى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە باشقا سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشى مۇمكىن، دەيدىغان ئەندىشىنى پەيدا قىلىپ، ئامېرىكىنى ساراسىمىگە سالدى. بۇنىڭ بىلەن 2008-يىلى 2- ئايدا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بىر سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، خىتايغا ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرالايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. گەرچە، ئامېرىكا ئەينى ۋاقىتتا "بۇ سۈنئىي ھەمراھتىن كاشىلا چىققانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىپ چۈشۈردۇق، بۇنىڭدا باشقا مەقسەت يوق" دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋىكىلىكىسنىڭ قولىدىكى ھۆججەتلەر ئىشنىڭ ھەربىي مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا".

ئەنگلىيە كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس خانىمنىڭ ياردەمچىلىرى بېيجىڭغا خىتاينىڭ بۇ تۈر سىناقلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقى سىستېمىلىرىغا زىيان بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ۋە ۋاقتى كەلسە ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك ۋە ھەربىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەنپەئىتىنى قوغداش ھەققىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ۋىكىلىكىسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي سۈنئىي ھەمراھ ئېتىپ چۈشۈرۈش سىنىقىنى ئۆتكەن يىلىغىچە داۋام قىلغان بولۇپ، خىتاي يەنە، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئاتقان دۆلەتنىڭ زېمىنىدا پارتلىتالايدىغان كۈچكە ئىگە لازېر سىستېمىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت