ئامېرىكا "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نىڭ ئىقتىسادىي قاناللىرىنى قامال قىلدى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 20 - ئاپرىل دۈشەنبە كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى رەھبىرى ئابدۇل ھەقنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادى قاناللىرىنى قامال قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-04-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تېررورىزم ۋە ئىقتىسادىي ئاخباراتقا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ستۇرات لېۋىي بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار بولغان " تېررورلۇق " تەشكىلات ئىكەنلىكىنى شۇڭا مەزكۇر تەشكىلات ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى ئابدۇل ھەقنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي سىستېمىسىدىن ئايرىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭيۇ بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىي مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارىنى ئىنتايىن ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن ب ب س ۋە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ۋە ئابدۇل ھەقنىڭ ئىقتىسادىنى توڭلىتىش قارارىغا قارىتا بايانات بېرىپ، "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ۋە ئابدۇل ھەق بىلەن ئالاقىسى يوق، شۇنداقلا بىز ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئەركىن پىكىر ۋە ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى بارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھەم تەشكىلاتلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيگۈزۈپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا، شۇڭا بىز ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تېررورچى دەپ ئەيىبلەنگەن كىشى ھەم تەشكىلاتلار ئۈستىدىن قايتا ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەكىتلەيمىز،" دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت