ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي مەسىلىلەردىكى كۆز قارىشىدا زور پەرق بارلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاب باشلىقلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گېنېرال مايك مۇللېن جۈمە كۈنى ياپونىيىدە ئۆزىنىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىدىن مەلۇمات بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي مەسىلىلەردىكى كۆز قاراش پەرقى ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپ ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپە بېسىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېنېرال مۇللېن ئالدىنقى كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى چېن بىڭدې قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك توپچى قىسىملار بازىسىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. گەرچە مۇللېن، چېن بىڭدې قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ «ئىجابىي» ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە بۇ زىيارەت ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ناھايىتى زور پەرق بارلىقى ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي باش شتاب باشلىقى چېن بىڭدې بۇ يىل 5‏-ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتى مۇداپىئەنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لېكىن مايك مۇللېن جۈمە كۈنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشى قايىل قىلارلىق ئەمەس دېگەن.

ئۇ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قاتناش ئەركىنلىكىگە پىسەنت قىلمايۋاتقانلىقىنى، بۇ تاشقى دۇنيادا ئۇنىڭ ھەربىي مۇددىئاسىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ھەربىي سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسى ۋە تور ھەرىكىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت