ئامېرىكا ئاسىيا رايونىغا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە

ئامېرىكا ئاسىيا رايونىغا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىۋاتقان بولۇپ، فىلىپپىن ۋە سىنگاپور قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنى ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونغا كېلىشىنى قارشى ئالغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فىلىپپىن ۋە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىككى كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، جۈمە كۈنى بىخەۋەرلىك ھەمكارلىقى ھاسىل قىلدى. فىلىپپىن تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبېرت روساريىئو فىلىپپىننىڭ ئامېرىكا بىلەن يەنە كۆپلىگەن ھەربىي مانېۋىرلارنى بىرگە ئۆتكۈزىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ فىلىپپىنغا كۆپرەك ئەۋەتىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى ئاي ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاۋسترالىيىنىڭ دارۋىن رايونىدا ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا فىلىپپىنغا جاسۇسلۇق ئايروپىلانلىرىنى قەرەللىك ئەۋەتىپ، تىنچ ئوكيان رايونىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نۆۋەتتە فىلىپپىن دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى جىددىي ئويلاشماقتا ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ئىلگىرى سىنگاپورغا يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت