ئامېرىكا ۋە گېرمانىيىنىڭ بىرلىشىپ يۇقىرى ئىقتىدارلىق جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى ياساۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ۋېكىلىكس يېڭىدىن ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە بىرلىشىپ بىر يۇقىرى ئىقتىدارلىق جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى ياساۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-01-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر پىلانغا فرانسىيە قارشى چىققان. ھالبۇكى ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە دائىرىلىرى مەزكۇر جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھ قۇرۇلۇشىنى بىر سودا قۇرۇلۇش تۇرى دەپ كۆرسىتىپ، داۋاملاشتۇرغان.

مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىگە "ھىروس" دەپ نام بېرىلگەن. سۈنئىي ھەمراھقا ئورنىتىلغان ئاپپاراتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، يەر شارىنىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى كىچىكلىكى 50 سانتىمېتىرغىچە بولغان ھەرقانداق نەرسىلەرنى ئېنىق سۈرەتكە ئالالايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇچۇرلار ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتىك ئالاقىلىرىدىن ئاشكارىلانغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى- بند ۋە گېرمانىيە ئالەم قاتنىشىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ھالبۇكى گېرمانىيە ئالەم قاتنىشىش مەركىزى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى دەلىللەشنى رەت قىلغان.

دائىرىلەر بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ پەقەت ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت